كەشلىك غىزا مۇۋاپىق بولسۇن!

ۋاقتى:2011-03-15 21:29مەنبە: يوللىغۇچى:ئاتتىلا چېكىلىشى:قىتىم
   زىلۋا بەدەن بولاي دېسىڭىز، مۇۋاپىق غىزالىنىڭ، قېنىپ ئۇخلاڭ. زىلۋا بەدەن بولۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

    ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ مول بولغىنى ياخشى، ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان مېۋە سۈيى ئىچىپ بېرىش كېرەك. مېۋە سۈيى بەدەندىكى ۋىتامىن C نى تولۇقلاپ، بەدەننى ئورۇقلىتىشقا ھەسسە قوشىدۇ. ئەتىگەندە قارا ئاشلىقتىن قىلىنغان تائاملارنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىش، كالا سۈتى، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

   چۈشلۈك تاماقنى ئازراق يېيىش، يەنى تەركىبىدە ۋىتامىن مول يېشىل كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن: كەرەپشە، يېسىۋىلەك، ياۋا كۆكتات، پىدىگەن، شوخلا ۋە قوغۇن قاتارلىقلار.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


    كەچلىك تاماقنى ئاز يېيىش كېرەك. كەچتە مېۋە ئىستېمال قىلىش ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، ئۇ ھەزىم بولمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ قورساققا يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئورۇق گۆش، بېلىق، راك ۋە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى، ياغ تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەر ئورۇقلاشقا پايدىلىق.
  تاماقتىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئالدىراپ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئولتۇرۇۋالماستىن، بىر دەم ئۆرە تۇرۇۋېتىڭ ۋە ياكى ئۆينىڭ ئىچىدە بولسىمۇ بىر دەم مېڭىڭ، بۇنداق بولغاندا ئېنېرگىيە خورايدۇ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئورۇقلاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپرەك سۇ ئىچىش، سۇس دەملەنگەن چاي، كۆك چاي، قىزىل چاي ئىچىش قاتارلىقلارمۇ ئادەم بەدىنىدىكى ياغنى پارچىلاپ، قاندىكى ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
زىلۋا بەدەننى ساقلاش ئۈچۈن، ئىككىنچى باسقۇچتا ‹‹سۇنى ئازراق ئىشلىتىش›› كېرەك. بۇ باسقۇچتا ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرمۇ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنسا بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا مېۋىلەرنى تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىستېمال قىلىش لازىم. مەسىلەن: ئالما، نەشپۈت، ئاپلېسىن، شوخلا قاتارلىقلار ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ. بانان، مانگو قاتارلىق ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى مېۋىلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، مېۋە تەركىبىدە قەنت مىقدارى كۆپ بولغاچقا، بۇ باسقۇچتا كۈندە بىر-ئىككى تالدىن مېۋە يەپ بەرسە كۇپايە.
ئىز تورى بەك ياخشى

بىرىنچى ۋە ئىككىنچى باسقۇچتىكى تەرتىپلىك ئورۇقلاشتىن كېيىن، ئادەم بۇرۇنقىدىن خېلى يەڭگىللەپ قالىدۇ. ئىلمىي ئوزۇقلىنىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، بەدەننىڭ زىلۋالىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

       يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئورۇقلاش ئۈچۈن ئۇخلاش كېرەك، بۇ گەپ ئاڭلىماققا غەلىتە تۇيۇلىدۇ. لېكىن ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ھەركۈنى كەچتە يېتەرلىك ئۇخلايدىغان ئاياللارنىڭ ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە ئاز ئۇخلايدىغان ئاياللارغا قارىغاندا سەمىرىپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنىۋېرىسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئۆتكەن 16يىلدا ئامېرىكىدىكى 68 مىڭ ئايالنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە ھەركۈنى بەش سائەت ئۇخلايدىغان ئاياللارنىڭ يەتتە سائەت ئۇخلايدىغان ئاياللارغا قارىغاندا سەمىرىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېغىرلىق پەرقى 15كىلوگرام، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولغان.
ئىز تورى www.iz.la

گەرچە مۇنداق سەمىرىشنىڭ سەۋەبى ھازىرغا قەدەر ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇيقا يېتەرلىك بولمىغاندا يېمەكلىكنى كونترول قىلىش بىلەن ماددا ئالمىشىشقا تەسىر يېتىدىكەن، يەنى ئۇيقىسى ئاز ئاياللارنىڭ تامىقى كۆپ ئىكەن ياكى ئۇيقىسىزلىقتىن ھارغىنلىق ھېس قىلغاچقا ھەركىتى ئاز بولىدىكەن.
مەيلى نېمە سەۋەبتىن بولسۇن، تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارىغاندا، ئاياللار ھەر كۈنى يەتتە سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلىغاندا، ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندىمۇ سەمىرىپ كەتمەيدىكەن زىلۋالىقىنى ساقلىيالايدىكەن.

   بالىسى بار ئاياللارغا نىسبەتەن ئورۇقلاش توي قىلمىغانلارغا قارىغاندا تەسرەك ، بىراق بالىنى ئۆيدە كۆتۈرۈپ يۈرۈشمۇ ئورۇقلاشنىڭ، زىلۋا بەدەننى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدۇر. يەنى زورۇر بولغان ئۇزۇقلۇققا ئېرشىمىگەندە بەدەن سۇپتىىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ. مەسلەن كالتسى:يېتىشمىگەندە،نۇرمال پىزولۇگىيە پۇزۇلۇپ ئنرگىيە سەرپىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ سمىزلىكنى شەكىلەندۇرىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاقسىل:تېتىشمىگەندە،ئورگانىزملانىڭ تەڭشىشى بۇزلۇپ ئاجىزلىق كەپ چىقدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغنى ھەركەت قىلىش خوش ياخماس بولۇپ يىمەكلىكلەر ئنرگىيەگە ئايلىناماي سىمىزلىك كەپ چىقدۇ،
سسللوزاكالتسى : يېتشمىگەندە، ئۈچەينىڭ ئختىدارى ئاجىزلاپ ئارتۇق نەرسىلەر سىرتقا چىقاماي گۇزەلىككە تەسىر يېتدۇ،    
شۇنىڭ ئۇچۇن چۆقۈم ئاقسىل، كالتسى، سىللوزا مىقتىدارى تۆلۈق بولىشى كېرەك ھەم تەركىۋدە مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئستىمال قىلشى كېرەك ، زادى ئھتياجى قانمىسا سىرتىن بىخەتەر ، تەبىي سۇپەتلىك ئۇزۇقلۇق تۈلۇقلاش كېرەك !
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ..........

    ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ.............

  • مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق

    مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق نۇرغۇن كىشلەر ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ،مەر كەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئادەتتىكى چاغلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش يىتەرلىك بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بۇلىدۇ. لېكىن چېنىقش مۇتەخەسىسلىرى بۇنداق تۇيۇ...

  • چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاش ئاسان راك پەيدا قىلىدۇ

    تىببىي ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، ئادەم چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا بەدەننىڭ ئىمۇنىتېت ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ ، ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن . چۈنكى چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى مىلاتونىن دەيدىغان ئاجرالما توسالغۇغا ئۇچراپ ئىممۇنىتېت ئ...

  • تاماقتىن كېيىن تاماكا چەكمەڭ !

    تاماقتىن كېيىن ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىپ ، قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا چەككەن بىر تال تاماكىنىڭ زىيىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتا چەككەن ئون تال تاماكىنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ . تاماقتىن كېيىن تاماكا چەككەندە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چ...

  • ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ...!

    مەشھۇر ئەدىب روسسو ئېيتقان نورمال سەيلە ساياھەت جاپا مۇشەققەتنىڭ تەسەللىسى ، خىزمەتنىڭ تەييارلىقىدۇر دېگەن سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بەك كۈچلۈك . كبندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەمەلىيتىدە بارلىقىنى خىزمەتكە بېغىشلاپ ، نورمال ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان كىشىلىر...

  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى

    ئورۇقلاش ناھايىتى جاپالىق جەريان، بۇ جەريان قىزلاردىن قاتتىق ئىرادە ۋە غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۆتكەلدىن قانداق قىلغاندا ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ؟ ئورۇقلاۋاتقان ھەم ئورۇقلاشنى ئويلاۋاتغان قىزلار تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ باقسا بولىدۇ.......... 1. ھەر...

  • تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنى ئاسرىغىلى بو

          ياپونىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تىلنى چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭە، يۈز نېرۋىلىرىنى ۋاسىتىلىك غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشىنى ئاستىلاتقىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈز نېرۋىسى، مۇسكۇللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقى...

  • ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش كېسەللىكى

         تومۇز ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىۋېتىلگەن جايدا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت ياكى ئۆگىنىش قىلغاندا تەر بەزلىرى ئاسانلا ئېتىلىپ قالغاچقا، ماددا ئالماشتۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداق شارائىتتا  ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ ھەرىك...

  • كولانى كۆپ ئىچسە مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدۇ

       ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، ئۇزۇن مۇددەت كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە ، مۇسكۇلنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىكەن ، ھەتتا مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدىكەن . چۈنكى ، تەركىبىدە قەنت ۋە كوففېئىن بولغان ئىچىملىكل...

  • سېمىزلىك ۋە تاماكا چېكىش قېرىشنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ

    تاماكا چېكىش ۋە سېمىزلىكنىڭ ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە ، تاماكا چېكىش بىلەن سېمىزلىك خروموسوما تېلومېرىنى قىسقارتىپ ، ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قېرى...