غىزا بىلەن داۋالاش :
كىسەللەرنى غىزا بىلەن داۋالاش بولسا، كىسەلنىڭ مىزاجىغا مۇۋاپىق كىلىدىغان ئوزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قىلدۇرۇپ، مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئوزۇقلۇقلارنى ۋاقتىنچە چەكلەپ،كىسەلگە شىپالىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇقلار بىلەن كىسەلنى داۋالاپ، بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئاشۇرۇش ئارقىلىق كىسەلنى داۋالاشنى كۆزدە تۇتىدۇ؛
مەسىلەن: قىزىتمىلىق زۇكام كىسىلىگە، قارا ئۈرۈك،چىلان سامساق سىلىنغان گۇرۇچ ئېشى بىرىش بىلەن تەرلەپلا كىسەلنىڭياخشىلنىپ، كەتكەنگە ئوخشاش، يەڭگىل دورا بىلەن غىزا قىلىپ بىرىش ئۇسۇلىدۇر.
غىزالار ئادەتتە 3خىل بولىدۇ. 1) غىزايى مۇتلەق- بۇ پەقەت ئوزۇق بولىدۇ. مەسىلەن؛ نان، چالا پۇشۇرۇلغان تۇىۇم، گوش شورپىسى، ئۈزۈم سۈيى، نوقۇت سۈيى قاتارلىقلار. بۇلار بەدەن ئاجىز كىسەللەرگە مۇۋاپىق كىلىدۇ. بەدەن قۈۋىتى كۈچلۈك كىسەللەرگە بولسا ئارپا ئىشى، بۇغداي، ئارپا نانلىرى، قەيناقسۇ بىرىلسە بولىدۇ . 2) داۋايى غىزا - بۇ ئوزۇقلۇقلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كىيىن ئالدى بىلەن داۋالىق ، ئاندىن كىيىن غىزالىق رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن؛ھەر خىل گۈلقەنىت مۇراببالىرى، ئىسسىقتىن بولغان كىسەللەرگە ئامۇت، ئالما، بىھى، قىزىلگۈل شەربەتلىرى ۋە مۇراببالار مۇۋاپىق كىلىدۇ. سوغۇقتىن بولغان كىسەللەرگە پىننە گۈلقەنتى، سەۋزە، ياڭاق مۇراببالىرى بەدەنگە مۇۋاپىق كىلىدۇ. 3) غىزا ھەم داۋاملىق يىمەكلىك چامغۇر، تۇرۇپ، سەۋزە، شوخلا، پالەك، ئۇسۇڭ، سامساق قاتارلىق سەيلەر ئىشلىتىلگەن غىزالار ئالدى بىلەن ئوزۇق بولۇپ، ئۇندىن كىيىن داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
كىسەلگە شىپالىق تائاملار - كىسەلگە يىمەكلىك بۇيرۇشتا كېسەلنىڭ مىزاجى ، تەبىئىتى كىسەل خاراكتىرىگە قاراپ تۆۋەندىكى غىزالارنى بۇيرۇش لازىم.
مەسىلەن: قاندىن بولغان قان بىسىم يۇقىرى ،قەيقان، زاتلىرىيە، ئىسىتخائى ئەسەپ كىسەللىرىگە ئارپا ئىشى ياكى گۇرۇچ ئىشىغا كۆك يۇمغاقسۈت ( ئاش كۆكى) قارا ئۈرۈك سىلىنغان ئاشلارنى بىرىش.
سەپرادىن بولغان سەرسام جىگەر كىسىلى، ئۈچەي كىزىكى قاتارلىق كىسەللەرگە گۇرۇچ ئىشىغا چىلان، ئەينۇلا، پالەك، ئاش كۆكى سىلىپ بىرىش مۇۋاپىق.
بەلغەمدىن بولغان پالەچ، لەقۋا، زىققا نەپەس، مۇپاسىل قاتارلىق كىسەللەرگە نوقۇت ئىشى ئىتىپ بىرىشى، ئۇنىڭغا كەكلىك، كەپتەر، قۇشقاچ، توشقان گۆشلىرىنى ھەم سەۋزە، سامساق سىلىپ نوقۇت ئاشلىرىنى بىرىش مەنپەتلىك.
سەۋدايى كىسەللەرگە نوقۇت ئىشىغا ياش چۆجە، باچكا گۆشلىرىنى، سەۋزە، ئۇسۇڭ، ئاز مىقتاردا سامساق سىلىپ ئاش سىلىپ بىرىش مۇۋاپىقتۇر.
كىسەللەرگە ئوزۇقلۇق بۇيرۇشتا بەدىنى كۈچلۈك كىشىلەرگە ھەجىمى كۆپ، قۈۋىتى ئاز ئوزۇقلۇق بىرىش كىرەك.
مەسىلەن: گۆش، تۇخۇمسىز شويلا، سۈيۈقئاش،سەي، يەل-يىمىشلەرنى كۆپ يىيىشكە، نان، قايناقسۇ بۇيرۇش؛
بەدىنى ئاجىز كىشىلەرگە ھەجمى ئاز،قۈۋىتى يۇقىرى غىزالارنى بۇيرۇش لازىم. مەسىلەن : سۈت، تۇخۇم سىرىقى، شىكەر بىلەن چاي قىلىپ ئىچىشكە ،گۆش شورپىسى، ئۈزۈم سۈيى بۇيرۇش لازىم. قالايمىقان پەرىز تۇتقۇزۇپ كىسەلنىڭ بەدەن قۈۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
www.iz.la