ھەسەلنىڭ سىرىتتىن داۋالاشتىكى ئاجايىپ رولى
ھىندى ئەپسانىلىرىدا ھەسە « ئادەمنى خۇشال قىلىپ قېرىتمايدىغان دورا »دەپ تەرىپلىنىدۇ . ھازىر ھەممە ئۆيلەردە ھەسەل ساقلىنىدۇ ۋە ئىستىمال قىلنىدۇ. ئەمىلىيەتتە ھەسەل سىرىتتىن داۋالاشقىمۇ كۆپلەپ ئىشلىتىلىدۇ ۋە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ. تارىخى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا قەدىمقى مىسىرلىقلار ۋە گىرىكلار جەسەتنى ئۇزۇنراق ساقلاش ئۈچۈن جەسەتكە ھەسەل سۇۋايدىكەن. ئىنگىلىزلار ئىلگىرى يارا ئېغىزى ۋە ئوپىراتسىيە دىن كىيىنكى يارا ئېغىزىغا ھەسەل سۈركەپ قويىدىكەن. ھازىرقى زامان دورىگەرلىك تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولىشىچە ھەسەل تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەبىئى رىئاكتىپ ماددىلار مول بولۇپ زەھەر قايتۇرۇش، باكتىرىيەگە قارشى تۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، نەملىك پەيدا قىلىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ يارا يۈزىنى قوغداش، ھۈجەيرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سېرىق سۇنى سۈمۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئىختىدارغا ئىگە ئىكەن.لى شىجىن دورىلۇق ئۆسۈملۈكلەر قامۇسىدا ھەسەلنى كۆيۈك يارىسىغا سۈركەپ قويسا دەرھال ئاغرىق توختۇتىدىغانلىقنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈدۇ .
جاراھەت ۋە سىرىتقى زەخىملىنىشنى داۋالاش
ئىز تورى بەك ياخشى
ئاستا خاراكتىرلىك جاراھەت بولسا %10لىك ھەسەل سۈيى بىلەن جاراھەت پاكىز يۇيۇلغاندىن كېيىن ساپ ھەسەلگە مىلەنگەن داكا جاراھەتكە چاپلاپ قويۇلىدۇ ۋە كۈن ئارىلاپ بىر قىتىم ئالماشتۇرىلىدۇ. تىرە، موسكۇللار تاشقى زەخىملىنىشكە ئۇچرىغاندىمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللۇنۇشقا بولىدۇ.
ئەمچەك توپچىسى ۋە قول- پۇت يىرىلىشنى داۋالاش.
ئېمىتىش مەزەىلىدىكى ئاياللارنىڭ ئەمچەك توپچىسى ئاسانلا يېرىلىپ قالىدۇ ۋە بالا ئېمىتكەندە قاتتىق ئازاپلىنىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا ئەمچەك توپچىسىغا ئازراق ھەسەل سۈركەپ قويسا ئاغرىق ئازابىنى ينىكلەتكىلى بولىدۇ. قول- پۇت يىرىلسا ،ئاۋال ئىسسىق سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇپ كۈندە 1-2 قىتىم ھەسەل سۈركەپ قويۇلۇدۇ. ئۇخلىغاندا سۈلىياۋ بىلەن تېڭىپ قويسا تېرە سىلىقلىشىپ يارا تىز ساقىيىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
ھەسەل ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈدۇ.
ھەسەل تەركىبىدە نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىغا يارىدەم بىرىپ ئوزۇقلۇنىشنى ياخشىلاپ ،ماددا ئالمىشىشنى،ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قېرىشنى كىچىكتۈرۈدۇ. تىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ۋە چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىپ پارقىراقلىقىنى ئاشۇرۇدۇ.
ھەسەل يەنە تىرىدىكى باكتىرىيە كىسەللىك مىكروپلىرى شۇنىڭدەك باشقا مىكرو جانلىقلارنى يوقۇتۇپ تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، قورۇق چۈشۈش، چىقان ئىسسىقلىق ، دانىخورەك قاتارلىقلارنى داۋالاشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. بۇنىڭدا ھەسەلنى 4 ھەسسە ،سوغۇق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە تەكشى سۈركەپ 5 مىنۇت سىلاپ بەرسە بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
50گىرام ھەسەلنى بىر تۇخۇمنىڭ ئىقى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ
قۇتىغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. يازدا توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ. يەنە گىلىستىرىننى 3:4 نىسبەت بويىنچە ياكى كالا سۈتى ئۈرۈك مېغىزى مېيى ، لىمۇن شىرنىلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1:1 نىسبەت بويىنچە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تېرە ياللۇغىنى داۋالاش ئۇسۇلى
زىيادە سىزىمچانلىق تىرە ياللۇغى ۋە ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلارنى 100مىللىلىتىر ھەسەلگە 1و ەىرام سىنىك ،20ەىرام كىراىمال ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ سۈركىلىدۇ. دورا ئىشلىتىلەەندىن كېيىن تېرىدىكى قىزىل ئەسۋىلەر سېڭىشىپ ، قىچىشىش يېنىكلەيدۇ. سۈيدۈك لاتىسىدىن پەيدا بولغان تېرە ياللۇغى بولسا يەرلىك ئورۇننى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بىر كۈندە 1-2 قىتىم ھەسەل سۈركەپ قويۇلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن