ئىز تورى بەك ياخشى
ھەسەل بىلەن ئورۇقلاش ئۇسۇلى
كۈز پەسلىدە ھەسەل ۋە چاي ئارقىلىق ئورۇقلاش ياپۇنىيە ۋە تەيۋەندە ئەڭ مودا بولۇۋاتقان ئورۇقلاش ئۇسۇلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . كۈز پەسلىدە سەمرىتىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى توختۇتۇپ ، ھەسەل بىلەن چاينىلا ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلاش ۋە تىرىنى ۋە تىرىنى ئوزۇقلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .
ھەسەل بىلەن ئورۇقلاش ئۇسۇلى: ھەر كۈنى ئەتىگەن ، چۈش ۋە كەچتە ھەسەلنى چايغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندىن باشقا ھېچقانداق يىمەكلىك يىيىلمەيدۇ . ھەر كۈنى 150- 200 گىرام (150 گىرام بولسا ئۈنىمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ ) ھەسەل ئىستىمال قىلىنىدۇ . قورساق ئىچىپ كەتكەندە ياكى چارچىغاندا ھەسەلنى بىۋاستە ئىستىمال قىلسىمۇ ياكى چايغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسىمۇ بولىدۇ . بۇنداق بولغاندا بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلۇنۇش بىلەن بىللە ، كەيپىياتمۇ كۆتۈرىلىدۇ .
بۇ ئۇسۇلنى ھەر ئايدا 3 كۈن قوللانغاندا 3 كۈندە بەش كىلوگىرام ئورۇقلىغىلى بولىدۇ . شۇنداقلا بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كۆڭۈلدىكىدەك ئۈچەي تازىلاش ئۈنىمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .
بەزى كىشىلەر ھەسەل تاتلىق تۇرسا قانداق ئورۇقلىغىلى بولىدۇ دەپ ئىككىلنىشى مۈمكىن . خىلى بۇرۇنلا ھەسەل ئۈچەي تازىلاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملىك دورا ھېساپلىنىپ كەلگەن . ھەسەل تەركىبىدىكى ياغ كىسىلتاسى ۋە مول مىقتاردىكى مېنرال ماددا ، ۋىتامىنلار ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى زەھەرنى تازىلاپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىشكە يارىدەم بىرىدۇ ۋە بۇ ماددىلار بەدەنگە تەكشى تارقىلىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش بىلەن بىللە ئىنتايىن ياىشى ئورۇقلاش ئۈنىمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .
ئۈچ كۈن ئىچىدە ئورۇقلاش ئۇسۇلى مۇنداق؛ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە بىر ئىستىكان ھەسەل سۈيى ئىچىش ، چۈشتە ھەسەلنى يىشىل چايغا ئارىلاشتۇرۇپ ئېچىش بىلەن بىر قوشۇق ھەسەل ئىستىمال قىلىش . چۈشتىن كىيىن ئىككى قوشۇق ھەسەل ، كەچتە ئەتىرگۇل چىيىغا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش كېرەك . ئىچىپ بولغاندىن كىيىن باش قىيىش ۋە پۇت- قوللار بوشۇشۇپ قورساق ئىچىشتەك ئەھۋال كۆرۈلسە نورمال ئەھۋال بولۇپ تېزلا ئوڭشىلىدۇ .
ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ھەسەلنى بىر ئىستىكان يېشىل چايغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش ، چۈشتە ھەسەلنى بىر ئىستىكان يالپۇز چىيىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندىن سىرىت، بىر قوشۇق بىر قوشۇق ھەسەل ئىستىمال قىلىش. چۈشتىن كېيىن بىر ئىستىكان ھەسەل سۈيى ئىچىش ، كەچتە ھەسەلنى بىر ئىستىكان قىزىل چايغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندىن باشقا بىر قوشۇق ھەسەل ئىستىمال قىلىش كېرەك
ئىستىمال قىلىنغاندىن كىيىن قورساق خىلى يىنىكلەپ بۇ خىل ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا خىلى كۆنۈپ قالغاندەك تۇيغۇ پەيدا . بۇ بەدەندىكى زەھەرنىڭ تازىلىنىشىنى تىزلىتىدۇ .