خوتۇن سېنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن
مەن بىر ئاددىي خىزمەتچى، توي قىلغىلى سەككىز يىل بولدى، ئىككى ئوغلۇممۇ بار. ئائىلەمدە ئاتام بىلەن قوشۇلۇپ بەش كىشى بىللە ياشايمىز. ھەرھالدا تىنچ. بىراق مەن تۇرمۇشۇمدىن نارازى، بولۇپمۇ ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ كىرگەن بىر يىلدىن بۇيان مەن سوتنىڭ كېسىمى يوق مەھبۇسقىلا ئايلىنىپ قالدىم.
ئايالىمنىڭ قارىشىچە مەن ئىشتىن يېنىپ كېلىپ، ئۆيدە ھىچ ئىش قىلماي تىنچ ئولتۇرۇشۇم كېرەككەن. سىرتقا چىقماسلىقىم، كومپىيوتېرنى ئاچماسلىقىم، ھەرقانداق ئىشنى ئۇنىڭدىن سوراپ قىلىشىم كېرەككەن. بۇنىڭ مەھبۇسنىڭ تۇرمۇشىدىن نىمە پەرقى بار؟ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ باقتىم، دوق قىلپمۇ باقتىم، ھىچبىر پايدىسى بولمىدى.( مەن كىچىكىمدىن يېتىملىكتە چوڭ بولغاچقا ئادەم ئۇرۇشقا ئۆچ) مەن بۇتۇرمۇشتىن قاتتىق زېرىكتىم، ئاجرىشىپ كېتەي دىسەم، بىر-بىردىن ئوماق بالىلىرىم بار، بىراق ئۆيۈم زىنداننىڭ ئۆزى. ھەتتا ئۇنىڭ ئاشۇ قىزغانچۇقلىقىدىن دوستلىرىمنىمۇ ئۆيگە باشلاپ كېلەلمەيمەن، ئەمما ئۇنىڭ دوستلىرى كەلسە قىزغىن كۈتىۋالىمەن. مېنىڭ دوستلىرىم تۇرماق تۇققانلىرىم كەلسىمۇ كۆزۈم تۆت، ئاران ئۇزىتىۋالىمەن، ئەمما ئۇنىڭ تۇققانلىرىغا ئەھۋال ئەكىسىچە.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن بۇئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈمدىن ئىزدەپ نىمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى پەقەتلا ھىس قىلالمىدىم، بولمىسا قېيىنئاتام - قېيىنئاناملارمۇ ماڭا ئامراق، مەنمۇ ئۇلارنى ئۆزئاتامنى كۆرگەن كۆزۈمدە كۆرۈپ، ئاتام بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن. ھەتتا ئايالىمنىڭ قېرىنداشلىرىمۇ ماڭا شۇنداق ئامراق.
ئىز تورى بەك ياخشى
مۇشۇنداق بولغاچقا ئايالىم ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئىلمان سۇدەك، شۇڭا مەنمۇ ئائىلە تۇرمۇشۇمدىن زېرىكىكلىك، ئايالىمنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن.