تاماقىنى كۆپ يىسە سەمىرىيدىغانلىقى ھەممە ئادەمگە مەلۇم. زىيادە كۆپ تاماق يىگەندە ئادەم يالغۇز سەمىرىپلا قالماي ،مىڭىگىمۇ تەسىرى بولىدۇ. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، يىمەكلىكلەر تەتقىقات ئالىملىرى كۆپ تاماق يىيىش بىلەن چوڭ مىڭە پائاليتىنى بىرلەشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ، كۆپ تاماق يىگەندە كىشلەر مىڭىسنىڭ گالراق بولدىغانلىقىنى ئىنقلىغان. نۇرغۇن ئادەملەرنى تاماقتىن كىينلا ئۇيقۇ باسىدۇ. كشىلەر تاماق يىگەندە ئاشقازان ۋە ئۈچەي قان ئايلىنىش ھەركىتى ئاشقانلىقىتىن ئادەمدە ھالسىزلىنىش سىزىمى كۆرىلىدۇ. يىقىنىقى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشچە داۋاملىق زىيادە كۆپ تاماق يىگەندە بولۇپمۇ كەچلىكى تاتلىق يىمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ يەيدىغان كىشلەر قوبۇل قىلىندىغان ئىسسىقلىق مىقىدار ئادەتتە ئورگانىمىزنىڭ ئىھتىياجدىن ئىشىپ كەتكەچكە، بەدەنىكى ياغ ئىشىپ ، مىڭە ۋە يۈرەك قان تومۇرلىرى قىتىشىش ئەھۋاللىرىنى ئىغىرلاشتۇرىدىكەن. ئۇنڭىدىن باشقا داۋاملىق زىيادەكۆپ تاماق يىگەندە ئاشقازان - ئۆچەيدىكى قان ئايلىنىش ئارتىپ ، چوڭ مىڭىگە نىسبەتەن قان يىتىشمەسلىك ،ماددا ئالمىشىش ياخشى بولماسلىق ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىدىكەن . شۇڭا، سىمىز كىشلەر، زىيادە كۆپ تاماق يەيدىغان كىشلەر ئالاھىدە دىقققەت قىلىپ مۇۋاپىق غىزالىنىشى، چوڭ مىڭنىڭ زەئىپلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشى ئىنتايىن زۆزۈر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە؛ ساغلاملىق ئۈچۈن دىگەن كىتابدىن ئىلىندى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن