ساغلام بولاي دېسىڭىز ...
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا باب كېلىدىغان ئىچىملىكلەر . كۆك چاي ، پۇرچاق سۈتى ، قېتىق ، سۆڭەك شورپىسى ، گۈمبەمەدەك شورپىسى .
قىشتا چايغا چىلان سېلىپ ئىچىش كېرەك . چاينىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق بولۇپ ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە بار بولغان بەزى ماددىلار پارلىنىش جەريانىدا ، بەدەندىكى بىر قىسىم ئىسسىقلىقنى بىللە ئېلىپ مېڭىپ ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . شۇڭا ياشانغانلار قىشتا چاينى ئازراق ئىچىشى ، ئىچىشكە توغرا كەلگەندە ، مۇۋاپىق ھالدا قىزىل چاي ئىچىشى ، ئۇنىڭغا يەنە چىلان ، زەنجىۋىل دېگەندەك تەبىئىيىتى مۆتىدىل يېمەكلىكلەرنى سېلىپ ئىچىش كېرەك .
ئىز تورى www.iz.la
ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ياشانغانلار پالەكنى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك . سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەندىن كېيىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ياشانغانلاردا ناھايىتى ئاسانلا قان ، سۈيدۈك تەركىبىدىكى كالتىسىي كۆپىيىپ ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا بۇنداق ئاغرىقلار تۇز ۋە كالتىسىي مىقدارى تۆۋەنرەك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ ، پالەك قاتارلىق چۆپ كىسلاتاسى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك .
ئاسان زۇكامداپ قالىدىغانلار يۇمغاقسۈت ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك . ئاسان زۇكامداپ قالىدىغانلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ماغدۇرسىزلىنىدىغان بولغاچقا ، يۇمغاقسۈتنى كۆپرەك ياكى ئۇزاققىچە ئىستېمال قىلسا ، كۈچ ۋە نېرۋىسىنى خورىتىپ ، ماغدۇرسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ، قايتا – قايتا زۇكامداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
مۈرىڭىز سىرقىراپ ئاغرىسا ، ئۆرۈك مېغىزى ئىستېمال قىلىڭ .ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە ، مۈرە سىرقىراپ ئاغرىغاندا ، ۋىتامىن Eۋە Bئىچىپ بەرسە ، ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولىدىكەن . ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ۋىتامىن Eۋە B نىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ ، ھەر ۋاقلىق تاماقتا پەقەت بەش تال ئۆرۈك مېغىزى ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدىكەن .
دائىم نەشپۈت ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ساقلىقنى ساقلىغىلى بولىدۇ . نەشپۈتنىڭ تەبىئىيىتى ھۆل سوغۇق ، تەمى تاتلىق بولۇپ ، خىلت ھاسىل قىلىپ ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ ، ئۆپكىنى ياشارتىپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ . نەشپۈتنىڭ يەنە قىزىتمىنى ياندۇرۇش ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش رولى بار . يۇقىرى قان بېسىمى ، يۈرەك كېسەللىكى ، ئېغىز قۇرۇش ، ئۇيقۇسىزلىققا نىسبەتەن قوشۇمچە داۋالاش رولى بار . لېكىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا ، تال بىلەن ئاشقازانغا زىيانلىق .
www.iz.la