داۋالاش رىسپى 1. ياڭيۇ بىلەن تۇخۇمنى بىرلا ۋاقىتتا قورۇپ يىسە باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ. 2. ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا جىنسىي ئاجىزلىق ۋە دىۋەڭلىكنى پەيدا قىلىدۇ. 3. ئاچ قورساق يۈگۈرۈش مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. 4. قايناۋاتقان ياكى ھېلىلا ئوچاقتىن ئالغان قايناق سۇدا چاي دەملىگەندە چاي تەركبىدىكى ۋىتامىن C ئاللىقاچان يوقىلىدۇ ۋە قان ئازايتىدىغان تاننىن ماددىسى كۆپىيىپ كىتىدۇ ۋە قان ئازلقىنى پەيدا قىلىدۇ. 5. ئالىيومىن قازان ۋە چەينەكلەردە چاي قاينىتىپ، تاماق ئىتىپ ئىستىمال قىلغاندا بەدەندىكى ئالىيومىن مىقدارى كۆپىيىپ كىتىدۇ ۋە رەئىس ئەزالارنى زەھەرلەيدۇ. 6. سىرلانغان چوكىدا تاماق يىگەندە سىر تەركىبىدىكى نىترات تۇز تەركىبلىرى بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن ئاممۇنىي نېتىل خلورىت تەركىبلىرى بىلەن بىرلىشىپ راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. 7. كىچىدە كۆپ تاماق يىتىش قان تەركىبىدىكى ماي ماددىسىنى ئۆرلىتىدۇ. 8. كىچىدە تاماق يەپ بولۇپلا ياتقانلىقتىن ھەرىكەت بولمايدۇ شۇ ئارقىلىق ئاشقازان ۋە يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. 9. ماش گۈرۈچتە پولۇ ئىتىپ يىگەندە قان كۆپەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. 10. شىكەر مانتىسىنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا مېڭىنى قۇۋۋەتلىگىلى بولىدۇ، 11. ئاش مانتا ئىستىمال قىلغاندا يۇقىرى قان بېسىم كىشىلەرنىڭ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋىتىدۇ. 12. كۈنجۈتلۈك ناننى كۆپ ئىستىمال قىغاندا مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، مەنىئي كۆپەيتىدۇ، چاچنى قارايتىدۇ. 13. شورپىنى كۆپ ئىستىمال قىلىش قاندىكى ماينى ئۆرلىتىۋىتىدۇ. 14. يۈرەك كېسىلى بار بىمارلار قورساقنى بەك تويغۇزماسلىق كېرەك بولمىسا يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. 15. يۈرەك كېسىلى بار بىمارلار قەۋزىيەت بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك بولمىسا يۈرەكنىڭ بىسىمى ئېشىپ كىتىدۇ. 16. بىيە ئۇرىقى بىلەن قايناقسۇنى مۇئاپىق مىقداردا بىرگە ئىچكەندە سۈيدۈك ھەيدەيدۇ. قاندىكى ماي يۇقىرى كىشىلەر چىلاننى كۆپرەك ئىستىمال قىلسا قاندىكى ماينىڭ ئىرىشىگە پايدىلىق. 17. ئات گۆشىنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا قىززىتىدۇ، كۈچلۈك قىلىدۇ ئەمما قان بېسىمى ۋە قاندىكى ماينى يۇقىرلىتىۋىتىدۇ. 18. توشقان گۆشىنى ئىستىمال قىغاندا قان كۆپەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 19. ئارچا مىۋىسىنى ئىستىمال قىلىش پالەچ ۋە زىققا كىسىلى بار كىشىلەرگە پايدىلىق. 20. بادام مېغىزى مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، ئۇيقىنى ياخشىلايدۇ. 21. تاتلىق ئانار قان ئازلىقتىن بولغان يۈرەك كىسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 22. ياڭاقنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ ئەمما ئۇيقىنى قاچۇرىدۇ. 23. ياڭاقنى كۆپ ئىستىمال قىلىش يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ ئېلىپ كىلىدۇ. 24. ياڭاق ئۆزىنىڭ زىيادە ئىسسىقلىق تەسىرى بىلەن قاننى جانلاندۇرىدۇ يۈرەك كىسىلى بار بىمارلارنىڭ يۈرەك ھەركىتىنى تىزلەشتۈرۈپ ئاغرىق پەيدا قىلىپ قويىدۇ. 25. خورما پالەچ ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 26. كىشمىش ئۈزۈم يۈرەكنى ۋە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. 27. مور بىلەن چىلاندا شورپا سېلىپ ئىستىمال قىلغاندا قاندىكى ماي ماددىسىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 28. كاللەك بەسەينى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچكەندە قاندىكى ماينى ئىرىتىدۇ، قەۋزىيەتلىكنى يوقىتىدۇ. 29. لىموننى ئستىمال قىلىش ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. 30. جۈزىدە شەربەت قاينىتىپ ئىستىمال قىلسا يۈرەككە خۇشلۇق يەتكۈزىدۇ ۋە مەنپەئەت قىلىدۇ. 31.ئالما شەربىتى ئىستىمال قىلىش يۈرەك ۋە مېڭىگە پايدىلىق بولۇپ ساپ ئوكسىگىن ۋە قان بىلەن تەمىنلەيدۇ. 32. تاتلىق ئانار شەربىتى قان كۆپەيتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ يۈرەك سانجىقىغا پايدىلىق. 33.ئاچچىق ئانار شەربىتى قان توختىتىدۇ، قان بىسىمىنى چۈشۈرىدۇ. 34. قارا شىكەرنى دەملەپ ئىچكەندە قان كۆپەيتىدۇ، مېڭىنى كۈچەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 35. خۇشپۇراق گۈللەرنى پۇرىغاندا روھنى ئۇرغىتىدۇ يۈرەك ۋە رەئىس ئەزالارنى ياشارتىدۇ. 36. كاپۇرنى پۇرىغاندا ئسسىقتىن بولغان يۈرەك كېسەللىكىگە پايدىلىق بىراق جىنسى ئىقتىدارنى تۆۋەنلىتىدۇ. 37. زىيادە مايلىق ۋە سىڭمەيدىغان تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش قاندىكى ماينى ئۆرلىتىۋېتىدۇ ۋە يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. 38. زىيادە سىمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك بۇ كىيىنچە يۈرەك زەئىپلىكى ۋە ھەرخىل يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. 39. يۈرەك قان تومۇر كىسەل بىمارلىرى بۇسلىغان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىشتىن چەكلىنىش كېرەك. 40. يۈرەك كىسلى بار بىمارلار تاماقنى تۇزلۇق يىيىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 41. قېنىق چاي، قەھۋە، ھاراق نىرۋا كىسەللىكلىرى، ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان، يۈرەك كىسىلى بار بىمالار ئىستىمال قىلىشتىن چەكلىنىدۇ. 42. يۈرەك كىسىلى بار بىمارلار تاماق مىقدارىنى ئازايتىشى ئەمما داۋاملىق ئوزۇقلىنىشى لازىم. يۇقىرى قىزىتمىلىق كىسەللىكلەرنى سۈت ئىچىشتىن چەكلەش كېرەك. 43. تۇتقاقلىق كىسىلى بار بىمارلار يەللىك، تەستە سىڭىدىغان يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلنىشى، شورپا سۇيۇقئىېشى ئىچكۈزىلىشى كېرەك، يىڭى بىلىق بىر قەدەر ماس كىلىدۇ. قاندىكى ماي يۇقىرى كىشلەر غىزالىنشتا قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش يەنى ھايۋاناتلارنىڭ مېيى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى، تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش، كۆكتات، مېۋە-چىۋە ۋە بىلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قلىش لازىم. 44.تاماق ئەتكەندە ئۆسۈملۈك مېيى ئىلىش، مايدا پىشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش لازىم. مېغىزلىق يىمەكلىكلەردىن خاسىڭدىن باشقا يەنە ياڭاق، گازىر، مېۋىلەرنىڭ مېغىزلىرىنى مۇئاپىق ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. 45.بەدەن چىنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش، يەنە ھەر ھەپتىدە ئاز دىگەندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ئوكسىگىنلىق ھەرىكەت قىلىش لازىم. تاماكا چەكمەسلىك، ھاراقنى تىزگىنلەش، شۇنداقلا قاندىكى مايغا تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. 46.قاندىكى ماي يۇقىرى كىشىلەر بولۇپمۇ 40 ياشتىن ھالقىغان ئەرلەر ۋە ھەيىز كىسىلگەندىن كىيىنكى ئاياللار ياكى يۇقىرى قان بىسىم، دىئابىت، تاجىسمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلگۈچىلەر قاندىكى ماينى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ، مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا داۋالىنىشى كېرەك. 47.ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار ياكى ئەقلى ئەمگەك قىلغۇچىلار ياخشى بولغان تۈرلۈك ئادەتنى يىتىلدۇرۇپ، ئەمگەك بىلەن دەم ئىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بەدەن چىنىقتۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، يول يۈرۈش، يۈگۈرەش، سۇ ئۈزۈش، ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئويناش كېرەك. 48.يۇقىرى قان بىسىم كېسەللىكى بىمارلىرى مۇئاپىق غىزالىنشىقا دىققەت قىلىش، يەنى تۇزى كەم، مايسىز، تۆۋەن كالورىيىلىك يىمەكلىكلەرنى ئېستىمال قىلىش ھەمدە يېمەك-ئېچمەك قورۇلمىسىنى مۇئاپىق تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك، بەك تويۇنۇپ كەتمەسلىك، تاماقىنى بەك تىز يېمەسلىك كېرەك. 49.ئادەتتە يۇقىرى قان بىسىم بىمارلىرى باشنى ئۇۋلاش، چاچنى قۇرۇق تاراش، پىشانىنى سىيلاش، پۇت-قۇللارنى ئۇۋلاش، ئالقاننى ئوۋلاش، نەپەسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بەلنى ئوۋلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىشلەتكەندە قان بىسىم ئۆلەپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 50.يۇقىرى قان بىسىم بىمارلىرى ھاياجانلىنش، غەم ئەندىشە، ئازاپلىنىش، بىئاراملىق، ھىرىپ-چارچاش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك. 51. ھەددىدىن ئارتۇق غىزانماسلىق لازىم، ھەددىدىن ئارتۇق غىزالىنىش سەۋەبىدىن دىئافىراگما كۆتۈرلۈپ، يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ نورمال ھەركىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. يۈرەك مېڭنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشى يىتەرلىك بولماي، مېڭىگە قان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 52. قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم، قەۋزىيەت بولۇپ تەرەت قىلغاندا بولۇپمۇ ئولتۇرۇپ تەرەت قىلغاندا كۆچەشكە توغرا كەلگەنلىكتىن، قان بىسىمى تىز ئۆرلەپ كېتىدۇ. نەتىجىدە مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلىمسى كېلىپ چىقىدۇ. 53. يۇقىرى قان بىسىم بىمارلىرى خالىغانچە قالايمىقان دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم. بىر خللا دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 54. قان بىسىمىنى ئۆلچەپ باقماي دورا ئېچىشتىن ساقلىنىش لازىم. 55.چۈشتە ئەڭ ياخشىسى بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلىماسلىق لازىم. 56. تاماق يەپلا ئۇخلىماسلىق. 57. ئولتۇرۇپ ياكى ئۈستەلگە ئېسىلىپ ئۇخلىماسلىق كېرەك. 58. يۈرەك سانجىقى كۈچلۈك تەرەت قىلىش، تويۇنۇپ تاماق يىيىشتىن ياكى قورقۇنچلۇق كىنولارنى كۆرۈشتىن، ئەتراپتىكى يۇقىرى ئاۋاز ياكى شاۋقۇن-سۆرەنلەردىن ساقلىنىش كېرەك. 59. قان بىسىمىنىڭ نورمال تۇراقلىقىنى ساقلاش، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەدبىرلىرى، بەدەن ئېغىرلىقنى ساقلاش، ھاراق ئېچمەسلىك كېرەك. 60. قاندىكى ماينىڭ نورماللىقىنى ساقلاپ، مايسىز يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش نورمال بەدەن ئىغىرلىقىنى ساقلاش كېرەك. 61. يۇقىرى قان كېسىلىنى داۋالاش، يۇقىرى قان بىسىم كېسىلى «يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش» خەۋىپىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە مېڭىگە قان چۈشۈپ، بىمارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 62. ۋىتامىن، ئائورگانىك تۇزلار ۋە مىكرو ئېلمىنىتلارنى يىتەرلىك قوبۇل قىلىش كېرەك. تەركىبىدە ماگىنىي، سىنىك، كالىتسىي، سىلېن بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش. 63. سۇ ئۈزۈش بەدەن يۇقىرى كۆتۈرۈشتە بىر قەدەر ياخشى، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش شارائىتى بولغان كىشىلەر سۇ ئۈزۈپ چىققاندا بەدەننىڭ ئوكسىگىن قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتىدۇ، لىكىن سۇ ئۈزگەندە مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىشى ۋە يۈرەك سانجىقىنىڭ قوزغىلىشىتىن ساقلىنىش كېرەك. 64. كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، يەنى ۋىتامىنلىق ۋەكالىي، ماگىنىي ئېلمىنىتلىرى بار كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا قانتومۇر قىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 65. تاماكا چەكمەسلىك، ھاراقنى ئاز ئىېچىش، ئاچىچىقسۇنى دائىم ئستىمال قىلىش كېرەك. 66. بىر ئۇچۇم بادرەنجى بۇيا، بىر چىمدىم گۈل گاۋزۇبان، بىر ئۇچۇم قۇرۇتۇلغان قىزىلگۈلنى ئىككى چىنە ئالما سۈيىگە بىر ھەپتە چىلاپ ئېچسە يۈرەك قوزغىلىشقا پايدىلىق. 67. زىغىر، ئىسپىغول، شۇمشادىن بىر چىمدىمدىن ئېلىپ، بىر چىنە ئىلمان سىركىگە چىلاپ، لۇئابىنى قاينىتىپ، بىر پىيالە ساپ قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ، يۈرەك ساھىسىگە چاپسا ھەرخىل يۈرەك قوزغىلىشقا پايدىلىق. 68. ئۇستىقۇددۇس، گاۋزىباننى بىر چىمدىمدىن ئېلىپ كۆيدۈرۈپ، چىققان ئىسنى پۇرىسىمۇ خەفقانغا پايدىلىق. 69. ئىككى چىنە ئالتۇن داغمال سۈيىدە ئىككى ئۇچۇم پىلىنى قاينىتىپ، بىر چىنە قالغاندا سۈزۈپ سۈيىگە كۈمۈش ۋەرەقتىن ئۈچ دانە ئېلىپ ئىستىمال قىلسا خەفقانغا پايدىلىق. قىزىلگۈل، يۇمغاقسۈت ئۇرىقى، سەندەل، بىدىمىشكى، بادرەنجى بۇيىلارنى ئىككى چىمدىمدىن ئېلىپ چايلىق دەملەپ ئىستىمال قىلسا يۈرەكنى كۆچەيتىدۇ. 70. ئۇستىقۇددۇس بىر چاڭگال، چىلان 10 دانە، ئەينولا 5 دانە، بادرەنجى بۇيا بىر ئۇچۇم، قىزىلگۈل بىر ئۇچۇم دەملەپ ئىچىپ بەرسە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا پايدىلىق. 71. قاپاق يېغى تەييارلاپ ئۈستىگە بىر چىمدىم گاۋزىبان، بەزرۇلبەنجى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ يۈرەك ساھەسىگە چاپسا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىكى ئاغرىقلار قويۇپ بىرىدۇ. 72. بىر پىيالە سىقىپ ئىلىنغان قوغۇن سۈيىگە ئىككى قوشۇق قارا شىكەر قوشۇپ، ئۈستىگە بەش قوشۇق ئاچچىقسۇ تېمىتىپ ئۈچ قېتىم ئىككى قوشۇقتىن ئېستىمال قىلسا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا پايدىلىق. 73. بىر چىنە ئاچچىق ئانار سۈيىگە بىر پاڭگال زىخنى چىلاپ قويۇپ سۇيىنى ئىچىپ بەرسە يۈرەك سانجىقىنى پەسەيتىدۇ. 74. بادرەنجى بۇيا ئىككى ئۇچۇم، ئاپلىسىن پوستى بىر ئۇچۇم، ئەفسەنتىن يېرىم ئۇچۇم، لاچىندانە يېرىم ئۇچۇم، بۇلاردىن چايلىق قىلىپ ئىستىمال قىلسا يۈرەك سانجىقىغا پايدىلىق. 75. سەندەل، قىزىلگۈل، بادرەنجى بۇيا ئىككى ئۇچۇمدىن، كەھرىۋادىن ئىككى چىمدىم ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، شىكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى تاماقتىن بۇرۇن كاپ ئەتسە يۈرەك سانجىقىغا پايدىلىق. 76. سەندەل، گاۋزىبان، بىدىمىشكىلەردىن بىر ئۇچۇمدىن ئېلىپ كۈندە چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە يۈرەكنى كۈچەيتىدۇ. 77. چىلان ۋە گۈلنى مۇئاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ قوناق كۈمىلىچى ئېتىپ ئىچسە قانتومۇر توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ. 78. ئىككى باش پىيازنى بىر پىيالە ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، ناشتىدا نانغا ئېلىپ يېسە قانتومۇرنى ئاچىدۇ. 79. يۈرەك كېسەلىكى بارلار ھەركەت قىلغاندا باش ۋە چىش، مورە ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە ھەرىكەت قىلماي ئارام ئېلىش كېرەك. 80. يۈرەك كېسەللىك بىمارلىرى دائىم يۇقىرى كالورىيىلىك يېمەكلىكلەرنى ھايۋاناتلار مېيى ۋە خولىستىرىن تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك. ساقلىقنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتلىرى چىش چوتكىلاش : غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ مىنۇت چىش چوتكىلاش ۋە ئىغىز چايقاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى . چاي ئىچىش : غىزالىنىپ بىر سائەتتىن كېيىن چاي ئىچىش ئەڭ مۇۋاپىق . مېۋە يېيىش : تاماقتىن بۇرۇنقى بىر سائەت مېۋە يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى . ئاپتاپسىنىش : ئەتىگەن سائەت 6:00 دىن 8:00 گىچە ، چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دىن 5:00 كىچە ئاپتاپسىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى . ھۆسىن تۈزەش : كەچ سائەت 10:00 دىن ئەتىگەن سائەت 6:00 گىچە بولغان ۋاقىت ھۆسىن تۈزەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى بولۇپ ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تولۇق ئىشلەتكەندە ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . ئۇيقۇغا يوشۇرۇنغان كېسەللىكلەر خورەك تارتىش : بۇ ئادەتتە نەپەس يوللىرى توسۇلۇپ قېلىش ، سېمىزلىك قاتارلىقلاردىن بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە دائىم خورەك تارتىدىغان كىشلەردە يۈرەك كېسىلى ، سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر خورەك تارتىش بەك ئېغىر بولسا ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم . كۆپ تەرلەش : قان قەنتى زىيادە تۆۋەن بولغان ، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن دىئابىت كېسىلى بارلار ئۇخلىغاندا كۆپ تەرلەيدۇ . بۇ خىل كىشلەر ئۇخلىغاندا ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى چوقۇم ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان قىلىش كېرەك . چىشنى غۇچۇرلىتىش : بۇ ئاساسەن پىسخىك سەۋەبتىن ياكى ئادەمنىڭ ئۈچەي يولىدا مەددە قۇرت بولغانلىقتىن بولىدۇ . شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ، دائىم چىشىنى غۇچۇرلىتىدىغانلار ۋاقتىدا داۋالىنىش بىلەن بىللە چىش مىلكىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك . شۆلگەي ئېقىش : ئېغىز بوشلۇقىدا تۈرلۈك كېسەللىكلەر شەكىللىنىۋاتقان بولسا ، يالغان چىش قاتارلىقلار شۆلگەينى كۆپەيتىۋېتىدۇ . ياشانغانلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ، بەلكىم سەكتىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك . كۆپ سىيىش : ئۇخلىغاندا سۈيدۈك كۆپ كېلىش مەزى بېزى يوغىناپ قالغانلىقىنىڭ ، داس بوشلۇقىدىكى ئەزالاردا ياللۇغلىنىش كۆرۈلگەنلىكىنىڭ بىشارىتى بولۇپ ، بۇنداق ئەھۋالدا ، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك . ۋىتامىن كەم بولسا... كۆز دائىم قۇرغاقلىشىش،نۇردىن قورقۇش،كۆز ياشاڭغۇراش،كۆرۇش سىزىمى غۇۋالىشىش،تېرەقۇرغاقلىشىش،نامازشام قارىغۇسى كېسىلى ۋە مۈڭگۇز پەردىسى يۇمشاقلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئادەتتە ۋىتامىن A نىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ. تاماق ھەزىم قىلىشى ناچار بولۇش،پۇت-قوللار ئۇيۈشۈش،پۇت تەمرەتكىسى،نىرۋا ياللۇغى كۆپ قوزغىلىش كۆپىنچە ۋىتامىن B1 نىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ. چىش مىلىكى ، چىش گۆشى ياللۇغلىنىش،شىللىق پەردە ۋە تېرە قاناش،يارا ئىغېزى ئاسان ساقايماسلىق قاتارلىقلار ۋىتامىن C نىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ. بېشى كۆپ تەرلەيدىغان، راخىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ، سىرتتا پائالىيىتى ئاز بالىلاردا چوقۇم ۋىتامىن D كەم بولغان بولىدۇ. بىر قانچە خىل كىسەللىكلەرنىڭ شىپالىق رىتسىپلىرى ئۈكلەپ تەييارلانغان توشقان كاللىسىنى خېمىر بىلەن ئوراپ، قوقاس ئوتتا پۇشۇرۇپ ئىستىمال قىلدۇرسا كىچىك بالىلاردىكى سىيىپ يېتىشقا شىپا بولىدۇ. كىۋەزنىڭ ئاقلانغان يىلتىزىنى چىلاشقىدەك مىقداردىكى سۇدا سۇس ئوت بىلەن سۇنىڭ يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ، سۈزۈپ سۈيىنى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا كېكىرتەك ياللۇغى، قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى ۋە يۇقۇرقى نەپەس يوللىرنىڭ ياللۇغلىنىشى خارەكتىرلىك باشقا كىسەللىكلەرگە شىپا بۇلىدۇ جۆز، بوزىغا قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سىركىدە سۈزۈپ، كىچىك بالىلارنىڭ گەدەن، تېقىم ۋە تاپانلىرىغا چېپىپ قويسا بالىلارنىڭ ئاشقازىننى كۈچلەندۈرۈپ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ، ئۇخلىغاندىكى سوغوق تەرلەشنى يۇقۇتىدۇ.بەدەندىكى سوغوقلىقىنى ھەيدەپ بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ. تەپكە شىپا بولىدۇ. ئۈرۈك مېغىزىنى قوقاستا كۆيدۈرۈپ، ئىرىتىلگەن قوي يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا تېرىدىكى ساقايمىغان كونا جاراھەتكە شىپا بۇلىدۇ. تۇخۇمنى قايناق سۇدا چالا پۇشۇرۇپ ئىستىمال قىلسا سوغوقتىن بولغان ئىچ ئۆتكۈگە شىپا بولىدۇ. تۇللۇق پىشقان شاتۇتتىن بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن بەش دانىغىچە شۈمۈپ بەرسە ئانگىناغا مەنپەئەت قىلىدۇ. شىۋاق ئۇرۇقى، ياۋا بۇيا ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ تاسقاپ، ئىرىتىلگەن قوي يېغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ، يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا قىچىشقاق كىسەللىكىگە شىپا بۇلىدۇ. بىر ئىستاكان قايناق سۇغا مەلۇم مىقداردا ئاش تۇزى ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا ئىچ ئۆتكۈگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەسەلنىڭ ئۈستىگە يىغىلغان سۈيىنى يەرلىك ئۇرۇنغا كۈندە ئىككى قېتىم چېپىپ بەرسە تىرە يۈزىدىكى جاراھەتتى قالغان داغنى چۈشۈرىدۇ. يەرلىك پاقىنى تىرىك ھالەتتە سالقىن جايدا ئېسىپ قۇرۇتۇپ، سۇقۇپ تاسقاپ، تالقان تەييارلاپ، ھەر قېتىملىق تاماققا مەلۇم مىقداردا ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا بەدەننى كۈچلەندۇرۇپ ماغدۇرسىزلىنىشنى يۇقۇتىدۇ. جاھىل تىپتىكى تىرە كىسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بەدەندە ئۇشاق- چۈشەك كىسەللىكلەر پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەتتە قېتىمدىن ئارتۇق تۈمۈر تاۋلانغان سۇنى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا قان ئازلىققا شىپا بۇلىدۇ. يازنىڭ تۇمۇز كۈنلىرىدە قۇم ئۈستىدە يالاڭ ئاياغ مېڭىپ بەرسەپۇت تەرلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پەي مۇسكۇللارنى چىڭىتىدۇ. ئەقىلنى زىيادە قىلىدۇ. تۇخۇم شاكىلىنى قوقاستا سارغايغىچە كۆيدۇرۇپ، ئۇپا ھالەتكە كەلگۈچە سوقۇپ، يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا قولتۇق تەرلەشكە شىپا بۇلىدۇ. بەدەندىكى بەدبۇي پۇراقنى يۇقىتىدۇ. تۇللۇق پىشقان قۇغۇن شاپىقىنى سالقىىن جايدا قۇرۇتۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى بادىيان بىلەن بىرگە دۇرا چىلاشقىدەك مىقداردىكى سۇدا سۇنىڭ يېرىم قالغۇچە قاينىتىپ، سۈزۈپ سۈيىنى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا تۇغۇتتىن كىيىنكى قورساق ئاغىرىش، بەل ئاغىرىش ۋە ئۇمۇمى بەدەن سىقىراپ ئاغىرىش قاتارلىقلارغا شىپا بۇلىدۇ. يۇقۇرقى ئۇسۇل بۇيىچە قۇرتىلغان قوغۇن شاپىقىنى سۇقۇپ تاسقاپ، دورا چىلاشقىدەك مىقداردىكى سۇدا سۇنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سۈيىنى ئىستىمال قىلسا بۆرەك ۋە ئۆتتىكى تاشنى پارچىلاپ چۈشۈرىدۇ. قۇرۇتۇلغان قىزىل گۈل سېرىق چىچىكىنى سۇقۇپ تاسقاپ، سىفوپ تەييارلاپ، بۇرۇنغا پۈركىسە بۇرۇن قاناشنى دەرھال توختىتىدۇ. قۇرۇتۇلغان قىزىل گۈل سېرىق چىچىكىنى تەڭ مىقداردىكى شىكەر بىلەن بىرگە سۇقۇپ تاسقاپ، سىفوف تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 10گىرامدىن ئىستىمال قىلسا ئاق خۇن كىسەللىكى ۋە بالياتقۇنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقىرىش خارەكتىرلىك باشقا كىسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. ھۆل بىدىنى قاينىتىپ يەرلىك ئۇرۇننى كۈندە يۇيۇپ بەرسە ئۈشۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ. تۇللۇق پىشقان تاتلىق قۇغۇن مېغىزىنى ئىزىپ، شۇ قۇغۇنىڭ سۈيىگە تەكشى ئارلاشتۇرۇپ يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا تۇغۇتتىن كىيىنكى داغنى چۈشىرىدۇ. چىرايدىكى قورۇقلارنى يۇقۇتۇپ يۈز تىرىسىنى پارقىرتىدۇ ۋە سىلغايتىدۇ. سۇ لېشىنى يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا تېرىدىكى ھەر خىل جارەھەتلەرنىڭ ئىشىقىنى ياندۇرىدۇ. سۈگەت يۇپۇرمىقىنى ئىزىپ بەدەننىڭ ئالقان، چىكە قىسىملىرغا چاپسا بەدەندىكى يۇقۇرى قىزىتمىنى دەرھال ياندۇرىدۇ. بادام مېغىزىنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى قاش ۋە كىرپكىگە تارتسا تۈك بەزلىرىگە قۇۋۋەت بىرىپ قاش كىرپىكلەرنى ئوستۈرىدۇ ۋە قارايتىدۇ. بادام مېغىزى، ناۋاتلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سۇقۇپ تاسقاپ سىفۇف تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن ئىستىمال قىلسا بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بۇلىدۇ. كىچىك بالىلارغا ئىستىمال قىلدۇرسا يۆتەلگە شىپا بۇلىدۇ. تاتلىق ياڭيۇنى ئوتتا پۇشۇرۇپ، پوستىنى سۇيىۋىتىپ تەڭ مىقداردىكى ھەسەل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلدۇرسا بالىلاردىكى ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كالتىسى يىتىشمەسلىك كىسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. تۇللۇق پىشقان قىزىل ئۈزۈمنى ئىزىپ يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا تىرە يېرىلىشقا مەنپەئەت قىلىپ، تىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. قارا چاي، زىرە قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، كۈندە قايناق سۇ بىلەن دەملەپ ئىستىمال قىلسا بەدەندىكى ئارتۇق مايلارنى پارچىلاپ بەدەننى ئۇرۇقلىتىدۇ. بادام مېغىزى، ناۋات قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سۇقۇپ تاسقاپ سىفۇف تەييارلاپ، كۈندە كەچ مۇۋاپىق مقداردا ئىستىمال قىلسا ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بۇلىدۇ. بۇغداي كىپىكدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، مەلۇم مىقداردىكى ئاچچىقسۇ بىلەن قاينىتىپ، مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا بۇرۇن ياللۇغىغا شىپا بۇلىدۇ. قۇغۇن ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى بىلەن يەرلىك پاگىرنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سۇقۇپ ئارلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا زەھەرلىنىشتىن بولغان جاراھەت ۋە سۆينەكنى ئېغىز ئالدۇرىدۇ. سېرىق كالىنىڭ يېڭى تىزىكىنى ئىسسىق پېتى پىشانىسىگە چاپسا بۇرۇن قاناشقا شىپا بولىدۇ. يەرلىك شوخلىنىڭ شېخىنى يۇپۇرمىقى بىلەن بىرگە ئىزىپ مەلھەم تەييارلاپ، يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا ھەر خىل سەۋەپلەردىن بولغان ئىشىقلارنى ياندۇرىدۇ. كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش 1.چېچىكىدىن ئايرىلمىغان يېڭى چۇشكەن قاپاقنى خېمىرغا ئوراپ قۇقاسقا كۆمۇپ پىشۇرۇپ،سۇۋۇغاندا سۇينى ئېلىپ كۆزگە تېمىتسا،كۆزدىكى سېرىقلىقنى يۇقىتىدۇ. 2.يۇمغاقسۇت كۆكىنى ئېزىپ،سىقىپ سۇيىنى بالا ئېمىتىۋاتقان ئايالنىڭ سۇتى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا،ھەر خىل ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 3.يۇمغاقسۇتنى سىقىپ سۇيىنى چىقىرىپ كۆزگە تېمىتىپ بەرسە،كۆز ئېقىدىكى سېرىقلىقنى يۇقىتىدۇ. 4.يۇمغاقسۇت سۇيىنى كاپۇر ئېرتمىسى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا،كۆز جىيەكلىرىنىىڭ ياللۇغلىنىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.كۆز جىيەكلرىگە ھەر خىل قاپارچۇق،چېچەك چېقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.يۇمغاقسۇت سۇيىنى گۇل يېغىغا ئارلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا،كۆز قىزىللىقىنى يۇقىتىدۇ.كۆزنىڭ قىچشىپ ئاغرىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 5.يۇمغاقسۇتنىڭ سۇيىنى جۇۋىنە سۇيى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا،چاپاقلارنى يۇقىتىدۇ. 6.موگونى داۋاملىق يەپ بەرسە،كۆرۇش قۇۋۋىتىنى ياخشىلايدۇ. 7.تەكىيە كاۋىنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇپ گازىر ئورنىدا چېقىپ بەرسە،كۆزنى رۇشەنلەشتۇرىدۇ. 8.ئەگەر كۆزىڭىزگە يىڭناسقۇ چىقىپ قالسا،پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سۇيۇۋېتىپ،قۇلياغلىققا ئۇراپ،يىڭناسقۇنىڭ ئۇستىدىن ئىسىق ئۆتكۇزگەندىن كىيىن،ئىسىق سۇغا چىلانغان پاكىز لاتا بىلەن بىر قانچە قېتىم سۇرۇتۇپ بەرسىڭىز،يىڭناسقۇ ئۇڭايلا يوقاپ كېتىدۇ. 9.مېكىيانى ئوغرىتىكەن مېغىزى بىلەن سەمىرتىپ ئۇنىڭ يېغىنى خىرە بۇلغان كۆزگە سۇرتسە،كۆز روشەن بۇلىدۇ. 10.كۆزدىن ياش ئاقسا،قارا قۇينىڭ قۇيرۇق يېغىنى ئىگىر بىلەن ياقسا مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇرۇن قاناش 1. پاكىز پاختا ياكى داكىنى تۇز بىلەن ھۆل قىلىپ بۇرۇنغا تىقىپ قويۇش پايدىلىق 2. مۇز ياكى مۇز سۈيىگە لۈڭگىنى چىلاپ ھول قىلىپ پىشانىگە قويسا پايدىلىق 3. سامساقنى ئىزىپ ئوڭ بۇرۇن قانىسا سول پۇت ئالقىنىغا ،سول بۇرنى قانىسا ،ئوڭ پۇت ئالىقىنىغا تېڭىشىنى داۋام قىلسا ياخشى ئۇنۈم بىرىدۇ. ھەرخىل قورساق ئاغرىقى ،ئىچى سۈرۈش ،ۋە قان تولغاق 1.ئانار پۇستى 30گىرام ،قارا شىكەر10گىرام بىر چىنە سۇ بىلەن قاينىتپ سۈزۈپ چوڭلار بىر كۈندە 3قېتىم بىر قوشۇقتىن كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىتىمال قىلسا ئاستا خاراكتىرلىق قورساق ئاغرىقى ۋە ئىچ سۈرۈشنى داۋالايدۇ. 2.سۇڭپىيازنىڭ پوستى بىلەن يىلتىزىنى سوقۇپ ،قېتىق سۈزمىسىگە ئارلاشتۇرۇپ ئىچىشىنى داۋام قىلسا قان تولغاقنى توختىدۇ. 3.پەمىل چاي ياكى قارا چايدىن 30گىرامغا زىنجىۋالدىن 60گىرام قوشۇپ بىر يېرىم چىنە سۇ بىلەن قاينىتپ قارا شىكەر ھەم ئاق شىكەرنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ دورا سۈيىنى تاتلىق قىلغۇدەك سېلىپ چوڭلار كۈندە 4قېتم كىچكلەر ئەھۋالغا قاراپ ئىچىشىنى داۋام قىلسا ھەرقانداق تۈردىكى تولغاققا شىپا بۇلىدۇ. 4.تۇرۇپ ئۇرۇقىدىن 30بىر چىنە سۇدا قاينىتپ سوزۇپ ئازراق قارا شىكەردىن ئازراق سېلىپ قاينىتپ بىر كىچە تۇرغۇرۇپ ئەتىسى ئىسستىپ ئىچسە ھەرقانداق تولغاققا شىپا بۇلىدۇ. 5.يۇمغاقسۇت ئۇرۇقى 30گىرامنى قورۇپ 50گىرام شىكەر گە ئارلاشتۇرۇپ تالقانلاپ چوڭلار كۈندە 2قېتىم 6گىرم ،كىچىكلەر 3گىرامدىن ئىچىپ بەرسە ھەرخل ئىچى سۈرۈشىنى توختىدۇ. 6.كۆك ماش150گىرامنى ئىككى چىنە سۇدا قاينىتپ يېرىم چىنە قالغاندا سۈزۈپ ئېلىۋىتپ قەنىتتىن 30گىرامنى سېىلىپ يەنە بىر قاينىتپ چوڭلار بىر كۈندە 3قېتىم ھەر قېتىمدا 2قۇشۇقتىن ئىچىشنى داۋاملاشتۇرسا ئىچىنى قاتۇرۇپ ئۇزاق داۋام قىلغان ئىچى ئۆتۈش سەۋەپلىك بەدەننىڭ يۇقالغان سۇيۇقلىىقىنى تۇلۇقلايدۇ. زىققە(ئۆپكە )كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش 1. بىر كىلوگىرام ناۋاتنى ئىككى چىنە سۇدا قاينىتپ ،ناۋات ئىرىگەندىن كىيىن سەككىز دانە ئامۇتنى تازىلاپ يالپاقلاپ ناۋات سۈيىگە سېلىپ ئىككى قاينىتپ،قازاننى چشۈرۈپ سوۋۇغاندىن كىيىن مۇۋاپىق بىر قاچىغا ئېلىپ قويۇپ ،چوڭلار كۈندە ئىككى قېتىم ،ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ،كىچىك بالىلار يېرىم قوشۇقتىن بىر يرىم قوشۇققىچە ئىچىشنى داام قىلسا كۆكسى چىڭلىق ،دەم سىقىلىش ،بەلغەم چىقماسلىق ۋە يۆتەلگە ئۈنۈمى بار. 2. چامغۇر ئۇرۇقى ،ھەسەل ،ماتاڭ ھەر بىرىدىن تۆت سەردىن ئېلىپ،بۇلارنى ئارلاشتۇرۇپ قاينىتپ سۈزۈپ ،ئاندىن شىشىگە ئېلىپ قويۇپ كۈندە چوڭ كىشلەر بىر قوشۇقتىن ئۈچ ۋاخ،كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىچىشىنى داۋام قىلسا يۆتەل،كۆكسى چىڭلىق ،بەلغەم چىقماي دەم سىقىلىش قاتارلىق ئۆپكە كىسەللىكى ياكى ۋاقىتلىق يۆتەلگە ئۈنۈمى ياخشى . 3. ئاچچىق ئۈرۈك مېغىزى تۆت مىسقال،ئۈجمە يۇپۇرمىقى بەش مىسقال،ناۋات بەش مىسقال،بۇلارنى بىر چىنە سۇداقاينىتىپ.تىرىپلىرىنى ئېلىۋىتىپ سۈزۈپ ،كۈندە ئىككى قىېتمغا بۆلۈپ ئىچىلسە،يۈتەل،قىزىتما،ۋە نەپەس سىقىىلىشنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بىرىدۇ. 4. زىغىردىن بىر جىڭنى تازىلاپ،قازاندا قورۇپ قۇرۇتۇپ تالقانلاپ،بىر يېرىم جىڭ ھەلسىنى ئېرىتىپ كۆپۈكنى ئېلىۋىتىپ بىر ئاز سوۋۇغاندىن كېيىن زىغىر تالقىنى بىلەن ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ،چۇڭلار كۈندە ئىككى قېتىم،ھەر قىېتمدا1-2قوشۇق،كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىستىمال قلىشىنى داۋاملاشتۇرسا يۆتەل ۋە زىققىنى ياخشىلايدۇ. 5. بىر سەر زاغۇن ئۇرۇقىنى تالقانلاپ،ئىككى سەر چەككىلەنگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ،چوڭلار كۇندە ئىككى قېتىم،ھەر قىېتمدا چوڭ چىلاندەك كىچىك بالىلارئەھۋالغا قارىتا ئىستىمال قىلىشنى داۋام قىلسا كونا-يىېڭى يۈتەل(سوغۇقتىن بولغان يۈتەل )نى توختىتىشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بىرىدۇ. 6. ياڭاق مىغىزى،خام زەنجىۋىل،ئۈرۈك مېغىزىنى بىر سەردىن ئېلىپ،بۇلارنى سوقۇپ تالقانلاپ،تۆت سەر، چەڭڭىلەنگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ،چوڭلار كۈندە ئىككى قېتىم ،ھەر قېىتمدا ئۈچ مىسقالدىن ئىچىشىنى داۋام قىلسا پەسىل خاراكتىرلىك كونا يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 7. بىر جىڭ چىلاننى ئۈچ جىڭ سۇدا ئىككى جىڭ سۈيى قالغۇچە قاينىتپ سۈزۈپ ئېلىپ،ئاندىن سۈيىگە بەش سەر شىكەر سېلىپ يەڭگىل ئوتتا قىيام قىلىپ تەييارلاپ چوڭلار كۈندە ئىككى قېتىم ،ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ،كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىستىمال قىلىشىنى داۋام قلىسا،يۆتەل ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلرىگەئۈنۈم بېرىدۇ. 8. يېرىم جىڭ تاتلىق بادەم مېغىزىنى قىززىق سۇغا بىر كىچە چىلاپ قويسا ى قويسا پوستى يۇمشايدۇ،پوستىنى ئاقلاپ،يۇمشاق سوقۇپ ،بىر جىڭ چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن قاينىتپ مۇراببا قىلىپ تەييارلاپ،ھەر كۈنى ئىككى قېىتم،ھەر قېتىمدا بىر قۇشۇقتىن ئىچىشىنى داۋام قلىسا كونا يۆتەل ۋە كۆكسى چىڭلىق،دەم سىلىقىلىشنى ياخشىلاشتا ئەملىي ئۈنۈم بېرىدۇ. 9. يۇلغۇن يىلىمدىن بىر مسىقالىنى بىر پىيالە قايناق سۇغا دەملەپ ھەركۈنى ئۈچ قېتىم،ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ئىچىشىنى داۋام قلىسا ئۆپكە ياكى باشقا ئەزالارغا تۇرۇپ قالغان سانجىق ۋە يۆتەلنى تۈگىتىدۇ. 10. تۇرۇپ ئۇرۇقىنى ھەر قېتمدا ئىككى مىسقالدىن بىر چىنە قايناق سۇغا دەملەپ ئىچىشىنى داۋام قىلسا،ھەر خىل سەۋەپتىن بولغان ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنى ياخشىلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە. ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆرۈلىدىغان ئون خىل كېسەل بېشارىتى 1. كىچىك تەرەت كۆپ بولۇش، كەچتە ئېغىز قۇرۇش، كېچىدە كۆپ سىيىش ياكى كىچىك تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپ بولۇش، سۈيدۈك تېمىش قاتارلىقلار. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىدا ياكى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا قەنت كېسىلى، مەزى بېزى يوغىناش ياكى مەزى بېزى راكى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. 2. پەلەمپەيدىن چىقىپ – چۈشكەندە ياكى يانتۇلۇقتا ماڭغاندا دېمى سىقىلىش، كۆڭلى پەرىشان بولۇش، كۆكرەك چىڭقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش. بۇنداق ئەھۋاللار يۇقىرى قان بېسىمى ۋە مېڭە ئارتېرىيىسى قېتىشىشنىڭ بېشارىتى بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە مېڭە ئارتېرىيىسى قېتىشىش كېسىلى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. 3. كىچىك ئىشلارغا چېچىلىش، ئاچچىقلىنىش، تىت – تىت بولۇش، دائىم بېشى قېيىش. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە يۇقىرى قان بېسىمى ۋە مېڭە ئارتېرىيىسى قېتىشىش كېسىلى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. 4. يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش كۆپ بولۇش، قان ئارىلاش تۈكۈرۈش. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە كانايچە كېڭىيىش، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، ئۆپكە راكى كېسىلى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. 5. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئازراق ياغلىق يېمەكلىكلەر ياكى ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا قورسىقى كۆپكەندەك بولۇش، چوڭ تەرىتى قالايمىقانلىشىش. بۇنداق ئەھۋاللار ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، ئاشقازان، جىگەر، ئۆت كېسىلى ياكى ئاشقازان راكى، بوغماق ئۈچەي راكى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. 6. ھاراق كۆتۈرۈش مىقدارى ئازىيىش، ئازراقلا ھاراق ئىچىپ قويسا قىينىلىش، بىئارام بولۇش، ئىككىنچى كۈنى بېشى قېيىش. بۇ ئەھۋاللار جىگەر ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، جىگەر، ئارتېرىيە قېتىش كېسىلى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. 7. ئاشقازىنى ياخشى بولماسلىق، دائىم ئاغرىپ تۇرۇش، ئاچچىق سۇ يېنىش، كېكىرىش. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسىلى، بولۇپمۇ ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان راكى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. 8. يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قېلىش، بەزىدە ئوخشاش بىر ئىشنى قايتا – قايتا قىلىش. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە مېڭە ئارتېرىيىسى قېتىشىش، مېڭە توسۇلۇپ قېلىش (مېڭە يۇمشاش) كېسىلى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. 9. ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا بوغۇملىرى سانجىلغاندەك ئاغرىش، بوغۇملىرىنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە ياكى باسقاندا ئاغرىش. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە رېماتىزملىق بوغۇم يەللىكى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. 10. يۈز قىسمى، كۆز ئەتراپى، تۆۋەنكى مۈچە (پۇت) دائىم ئىششىپ قېلىش، قان بېسىمى ئۆرلەپ قېلىش، بۇنىڭ بىلەن بىللە باش ئاغرىش، بەل – دۈمبە تېلىپ ئاغرىش. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە بۆرەكنى تەكشۈرتۈش كېرەك. ئۆزىڭىزدە يۇقىرىقى كېسەل بېشارەتلىرىنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاپ، داۋالىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىڭىز كېرەك. ئۈششۈكنى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى قىش كۇنلىرى بەزى كىشىلەرنىڭ قۇلاق سۈپىرىسى،پۇت-قوللىرى ئاسانلا ئۈششۈپ قېلىپ،قىچىشىپ ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ.كىلىنكىدا ئىسپاتلىنىشىچە،ئاغرىق توختاتقۇچى مەلھەملىك پىلاستىر (伤湿止痛高 )نىڭ ئۈششۈكنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمى كۆرۇنەرلىك ياخشى ئىكەن.ئۇنى بىمارلار ئۇدا 48 سائەت چاپلاپ بەرگەندە ساقىيىپ كەتكەن.ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇنداق:ئاۋۋال ئۇششىگەن جاينى يىلىمان سۇغا چىلاپ يۈيۈپ،پاكىز سۈرتۈپ قۇرىغاندىن كىيىن ئاغرىق توختاتقۇچى مەلھەملىك پىلاستىر ئۈششىگەن جايغا بىۋاستە چاپلىنىدۇ.پىلاستىرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۈششىگەن جاينىڭ چۆرىسىدىن بىر سانتنمىتىر ئەتراپىدا ئېشىپ تۈرۈشى كېرەك.لېكىن پىلاستىر رېئاكسىيە بېرىدىغان كىشىلەر،ئىششىغان ياكى ەرلىك جاينىڭ تېرىسىدە شەلۋەرەش،يىرىڭلاش بولغانلار ئىشلەتسە بولمايدۇ.
خەتكۈچلەر:
