ئەخلەت يېمەكلىك

ۋاقتى:2012-04-22 18:53مەنبە: يوللىغۇچى:پىنھانە چېكىلىشى:قىتىم
  

ئەخلەت يېمەكلىك دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلايمىز. بۇ سۆز گەرچە ئىستېمالىمىزدا كۆپ ئىشلىتىلسىمۇ لېكىن ھېچبىر لۇغەتتىن ئورۇن ئالمىغان، يەنى قېلىپلاشمىغان بىر ئاتىلىشتۇر. ئۇنداق بولسا قانداق يېمەكلىكلەرنى ئەخلەت يېمەكلىك دەپ ئاتايمىز؟
   ئەخلەت يېمەكلىك ئادەتتە كالورىيىسى يۇقىرى، تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىنتايىن ئاز ياكى تامامەن بولمىغان، يېمەكلىك تالاسى قاتارلىق بەدەنگە زۆرۈر ماددىلار بولمىغان، بۇلار بولغان تەقدىردىمۇ بەدەنگە زىيانلىق تەركىبلەر ئارىلىشىپ كەلگەن يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
    ئادەتتە تەركىبىدە شېكەر مىقدارى كۆپ، مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات تەركىبى تۆۋەن ياكى زادىلا بولمىغان، تويۇنغان ماي ۋە تۇز مىقدارى زىيادە كۆپ بولغان، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن كەمپۈت، بەرەڭگە ياپراقچىسى، بەرەڭگە قەلەمچىسى، ياغدا پىشۇرغان يېمەكلىكلەر، سېغىز كەمپۈت، كاربونلۇق ئىچىملىكلەر، كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر، تاتلىق-تۇرۇملەر بار.
   ئەخلەت يېمەكلىك دېگەن بۇ ئۇقۇمنى كىشىلەر ئاڭلىغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، تاكى يېقىنقى يىللارغا قەدەر ئۇنىڭ زىيىنىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلمىگەن. 2006-يىلى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى نۇرغۇن تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن قارار ماقۇللاپ، بالىلار يېمەكلىكلىرىنىڭ ھەقىقىي ساغلام يېمەكلىك بولمىغان ئەھۋالدا ھېچقانداق ئاممىۋى مېدىيالاردا، ھەرقانداق بىر شەكىلدە ئېلان بېرىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن بۇ ئۇقۇم كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئەخلەت يېمەكلىك سالامەتلىككە زادى قانچىلىك دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ؟
بۇ توغرىدا تەتقىقاتچىلار تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق. چۈنكى ئادەمنىڭ ھەربىر كۈنلۈك كەيپىياتى، ئادەمنىڭ ھېسسىياتى، ئەقلىي قابىلىيىتى، جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بارلىقىنى مەيلى ئۇيغۇر تىبابىتى بولسۇن، مەيلى غەرب تىبابىتى بولسۇن ھەممىسىلا ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىنساننىڭ كۈندە يەۋاتقان يېمەكلىكىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بىر قاراشتۇر.
   ئەخلەت يېمەكلىك ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، ئەخلەت يېمەكلىكنى كۆپ دەرىجىدە ئىستېمال قىلىش چوڭ مېڭىنى ئېغىر دەرىجىدە غىدىقلايدىكەن، بۇخىل غىدىقلاش كوكايىن ۋە خىروئىننىڭ مېڭىنى غىدىقلىشىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن. پول جونسون ۋە پول كېننى ئىسىملىك ئىككى ئالىم بىر گۇرۇپپا چاشقانلارغا ئەخلەت يېمەكلىك يېگۈزۈپ تەجرىبە ئىشلىگەن. ئۇدا بىر قانچە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى بېرىپ باققاندىن كېيىن، چاشقانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى خوشاللىق رايونى ناركوزلىنىشقا، سىرتتىن كەلگەن ھەرقانداق ئۇچۇرنى قوبۇل قىلماسلىققا باشلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەخلەت يېمەكلىكنىڭ ئورنىغا ساغلام يېمەكلىكلەر بىلەن بېقىشقا باشلىغان. لېكىن چاشقانلار بولسا ئىككى ھەپتىگىچە ھېچقانداق نەرسە يېيىشنى خالىمىغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    يەنە بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
  ھايات قىممەتلىك، ساغلام، پاكىز نەرسىلەرنى يەپ ئۆتەيلى.
  بولسا مۇشۇ تېمىمىزنىڭ ئاخىرىدا يېمەكلىك ئادىتىمىزدىكى ساغلاملىققا پايدىلىق بولمىغان تەرەپلەرنى دېيىشسەك، قانداق قىلغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمىزنى تەمى ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا، ساغلام يېمەكلىكلەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، شۇ ھەقتىمۇ پاراڭلىشىپ باقساقكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن. copyright by www.iz.la
www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(19)
86.4%
ئالقىشلايمەن
(3)
13.6%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەخلەت يېمەكلىك

    ئەخلەت يېمەكلىك دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلايمىز. بۇ سۆز گەرچە ئىستېمالىمىزدا كۆپ ئىشلىتىلسىمۇ لېكىن ھېچبىر لۇغەتتىن ئورۇن ئالمىغان، يەنى قېلىپلاشمىغان بىر ئاتىلىشتۇر. ئۇنداق بولسا قانداق يېمەكلىكلەرنى ئەخلەت يېمەكلىك دەپ ئاتايمىز؟ ئەخلەت يېمەكلىك ئادەتتە كالورى...

  • يىمەكلىك ۋەسىمىزلىك

    ...

  • سۇ ماينى مۇۋاپىق ئىشىلىتىڭ

    1. كەڭ تارلىقى مۇۋاپىق بولغان بالوننى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. بالون بەك كەڭ بولسا قارشىلىق كۈچى چوڭ بولۇپ، ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ. 2. يېپىشقاقلىقى ئەڭ تۆۋەن ئاپتولنى ئىشلىتىش كېرەك. ئاپتولنىڭ يېپىشقاقلىقى قانچە تۆۋەن بولسا، موتور ئۇچرايدىغان قارشىلىق ش...

  • يېسىۋىلەكىنىڭ شىپالىق رولى

    1. يېسسىۋېلەك ( بەسەي ) يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچسە، زۇكامنى داۋالىغىلى بولىدۇ. 2. يېسسىۋېلەكنى قىزىلمۇچ بىلەن قاينىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن پۇتنى يۇيۇپ بەرسە، ئۈششۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. 3. يېسسىۋېلەك، غولپىياز ۋە زەنجىۋىلنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە، زۇكام ۋە ك...

  • كۆكتاتلارنى ئىسىسىق سۇدا يۇماسلىق كېرەك

    بەزىلەر زىيادە چېچەن، پاكىزلىق قىلىپ سەي قورۇشتىن ئىلىگىرى يېڭى، يۇمران سەي-كۆكتاتلارنى ئىسىسىق سۇغا بىر ئاز چىلاپ ئالىدۇ، ھەتتا كۈچەپ سىقىۋېتىدۇ، بۇنداق قىلىش كۆكتات تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، تەجرىبىلەر ئىسىپاتلىدىكى، كەرەپشە...

  • ياڭيونىڭ شىپالىق رولى

    داۋالاش رىسپى 1. ياڭيۇ بىلەن تۇخۇمنى بىرلا ۋاقىتتا قورۇپ يىسە باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ. 2. ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا جىنسىي ئاجىزلىق ۋە دىۋەڭلىكنى پەيدا قىلىدۇ. 3. ئاچ قورساق يۈگۈرۈش مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ھەرخىل يۈرەك كې...

  • توخۇ گۆشى سېمىزلىكىنى يوقتىدۇ

    شاڭخەي يۆمۈر يول مەركىزى دوختۇرخانسنىڭ ۋراچى ۋاڭ فىيىچىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىگەن ؛( توخۇ گۆشىدە پۇراقلىق جۇڭيى دورسى ۋە ئادەم گىياھ قاتارلىق تۇلۇقلۇغچى ماددىلار بار . ئورۇقلىماقچى بولغانلا توخۇ گۆشنى چۇقۇم كەچتە تاماق ئورۇندا ئىستىمال قىلىشى لازىم مىقىدار...

  • بىرگە يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

    1. راك+ۋىتامىن C= زەھەرلىنىش 2. زۇكام دورىسى +كولا = زەھەرلىنىش 3. توخۇ تۇخۇمى بىلەن ساخارىن - بىرگە يېسە زەھەرلىنىدۇ، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىيدۇ. 4. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى(دۇفۇ) بىلەن ھەسەل بىرگە يېسە قۇلاق گاس بولىدۇ. 5. بەرەڭگە بىلەن بانان - بىرگە يېسە يۈزگە د...

  • ئۈجمنىڭ شىپالىق رولى

    تەركىبى :قەنت، تاننىن، ئالما كىسلاتاسى، كەھرىۋا كىسلاتاسى، كاروتىن، كالتسىي، نىكوتىن كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن A،B،C،D قاتارلىقلار بار. تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق. شىپالىق رولى :قان تولۇقلايدۇ، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، ساپ قان پەيدا قىلىدۇ، باھ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇ...

  • ياڭاق ۋە بېلىق يۈرەك كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    ياڭاق ۋە بېلىق يۈرەك كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ...