ئىز تورى بەك ياخشى
ئەگەر چۇشتىن كىيىن سائەت بەشتىن كىيىن تاماق يىمەيدىغان قېتىم سانىنى بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىمغا يەتكۈزگىلى بولسا ، بەدەن شەكلىنى گۈزەللەشتۈرگىلى ، قېرىشنى كىچىكتۈرگىلى بۇلىدۇ.ۋىينا قېرىشقا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى مۇتەخەسىس،پىرافىسور جوھانىس خوبىل مۇنداق دەيدۇ:«ئىچكى ئاجراتما ساھەسىدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، چۈشتىن كىيىن ۋە كېچە قورساقنى ئاز دىگەندە 14 سائەت ئاچ قويغاندا، بەدەندىكى ھورموننىڭ ئاجىرلىپ چىقىشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرەلەيدىكەن.چۈنكى،كەچلىك تاماقنى بەك تويۇنۇپ يىگەندە،ھەزىم ئەزالىرىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ،ئۇخلاتقۇچى ھورمون قار پىگمىنىت ھورمونىنىڭ ئاجىرىلتىپ چىقىدىغان مىقدارى ئازىيىپ كىتىدىكەن».قارا پىگمىنىت ھۈجەيرىسى بەدەن تېمپۇراتورىسى بىلەن بەدەننىڭ ھەركەت ئىقتىدارىنى تۈۋەنلىتىپ ،تىز ئۇخلىتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ،كەچلىك تاماق يىمىگەندە ، بەدەن بىر كىچە ئاچ ھالەتتە تۇرىدۇ -دە، ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.ئۆستۈرگۈچى ھورمون ،ھۈجەيرىلەرنىڭ قايتا ئۆسۈشىگە كۈچ بېرىپ ،مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ،ماينىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ،ئۆستۈرگۈچى ھورنوننىڭ مىقدارى ئازىيىپ بارىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ھورمون ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇلسا ،بەدەندە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. كەچلىك تاماقنى يىمىگەندە ، ئۆستۈرگۈچى ھورمون تەبىئى ئاجرىلىپ چىقىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئاشلىق ئازابىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ، شىكەر قوشۇلمىغان چاي ياكى سۇ قاتارلىق ئۇسسۇلۇقلارنى ئىچىشكەبۇلىدۇ .ئەگەر قورساقنىڭئاچلىقىغا بەكلا چىدىغىلى بولمىسا،بىرەر قۇشۇق ھەسەل ياكى بىر پارچە شاكىلات يىسەك بۇلىدۇ.گىرمانىيە ئوزۇقشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ قارىشىچە ، ھەپتىدە بىر _ئىككى قېتىم تاماق يىمىگەندە ،سالامەتلىككە زىيان يەتمەيدىكەن ،بۇ ئادەتنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرغاندا، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدىكەن.
«ھاياتلىق »ژورنىلى
www.iz.la