قابىلىيەتلىك كىشىنى سەمىمىيىتىڭىز بىلەن قايىل قىلىڭ
www.iz.la
چاك رىنو ئامېرىكىدىكى بىر يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ خۇجايىنى. بىر قېتىم ئۇ ناھايىتى قابىلىيەتلىك بىرەيلەننى شىركىتىگە تىجارەت باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلماقچى بولىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ قانچە تەكلىپ قىلسىمۇ، ھېلىقى كىشى ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ. رىنو ئارىغا نۇرغۇن ئاتاغلىق كىشىلەرنى سالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۈنۈمى بولمايدۇ. قاتتىق بىزار بولغان ھېلىقى كىشى رىنوغا: «ماڭا تېلېفون بەرمىگەن پەقەت ئاپىڭىزلا قالدى» دەيدۇ. ئەتىسى رىنو راستىنلا ئىسرائىلىيىدىكى ئاپىسىنى ھېلىقى كىشىگە تېلېفون بەرگۈزىدۇ. رىنونىڭ ياشىنىپ قالغان ئاپىسى ھېلىقى كىشىگە ھاياجانلانغان ھالدا: «خاتىرجەم بولۇڭ، چاك ناھايىتى ياخشى ئادەم، ئۇنىڭدىن چوقۇم رازى بولىسىز» دەيدۇ. ھېلىقى كىشى بۇ قېتىم باشقا باھانە تاپالماي، رىنونىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇزۇن ئۆتمەي، رىنو شىركەتنىڭ مالىيە مۇدىرلىقىغا بىرەيلەننى تەكلىپ قىلىدۇ، لېكىن ھېلىقى كىشى چوڭ كارخانىدا مۇھىم ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، رىنونىڭ شىركىتىنى ياراتمايدۇ. رىنو بەل قويىۋاتمەيدۇ. ئۇ ھېلىقى كىشىدىن ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ رازمىرىنى سورىۋېلىپ، NIKE ماركىلىق بىر جۈپ تەنتەربىيە ئايىقى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويىدۇ ھەمدە ئۈستىگە«Just do it» (دادىل ئىشلەڭ) دېگەن خەت يېزىلغان بىر باغاقچىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئادەم ئاخىرى تەسىرلىنىپ، رىنونىڭ شىركىتىگە يۆتكىلىپ كېلىدۇ. كېيىن ئۇلار رىنو شىركىتنىڭ قابىل باشلامچىلىرى بولۇپ قالىدۇ. رىنونىڭ غەلىبە قىلىشتا ئىشلەتكەن ئاساسلىق قورالى دەل سەمىمىيەتتىن ئىبارەت. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى بەك ياخشى