ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئېلىمىزدىكى تۇنجى قۇملۇق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلماقچى

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: 

بۇ يىل 12-بەش يىللىق پىلان باشلىنىدىغان يىل، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق ــ تەكلىماكان قۇملۇقى ئېتىكىدە تەكلىماكان ئايرودۇرۇمى قۇرىدۇ. بۇ ئېلىمىزدىكى تۇنجى قۇملۇق ئايرودۇرۇمى، ئايرودۇرۇم پۈتكەندىن كېيىن، بۇ تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت گازى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش شۇنداقلا قۇملۇقتا قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى 12-بەش يىللىق پىلاندا يېڭىدىن تەكلىماكان ئايرودۇرۇمى، يەكەن، كرورەن، تۇمشۇقتىن ئىبارەت تۆت ئايرودۇرۇم قۇرىدىغانلىقىنى، چەرچەن، كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمىنى يۆتكەيدىغانلىقى، ئۈرۈمچى، كورلا، خوتەن ئايرودۇرۇملىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېنىق بېكىتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە چەرچەن، كۆكتوقاي ئايرودۇرۇملىرىدا بۇ يىل قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!