ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

قىسقا خەۋەرلەر

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

      * ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابلىز ئابلەت مەخسۇم ، ماھىرە نۇرمۇھەممەد خەۋىرى : ئاتۇش شەھەرلىك يەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىش ئۈچۈن ، 1–يانۋاردىن باشلاپ شەھەر رايونى ۋە يەتتە يېزىدىكى بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان سەھىيە خادىملىرى، ج خ ساقچىلىرى ۋە قاتناش ترانسىپورت خادىملىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ، 3252 نەپەر كىشىگە ۋاكسىنا ئەملىدى، بۇ خىزمەت 19- چىسلاغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربانجان توختى خەۋىرى: ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ھەم ھەر ساھە كىشىلىرى ئۆزلۈكىدىن پۇل ئىئانە قىلىپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومغا ئۆتكەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 244 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 362 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى.

   * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربانجان توختى خەۋىرى: ئۇلۇغچات ناھىيە بوستانتېرەك يېزىسى يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان كۇرس ئۇيۇشتۇرۇپ، 100 دېھقان–چارۋىچىنى ياغاچچىلىق، تامچىلىق تېخنىكىسى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىدى.

   * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربانجان توختى خەۋىرى: ئاتۇش شەھىرىدىكى دېھقانچىلىق تارماقلىرى يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، سۇنتاغ، ئازاق يېزىلىرىنىڭ كادىرلىرى، پارنىكنى ھۆددىگە ئالغانلار ۋە دېھقانلاردىن بولۇپ 260تىن كۆپرەك كىشىنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىدى.

   * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربانجان توختى خەۋىرى: ئاتۇش تاشيول ئوچاستىكىسىدىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلار يېقىندا 840 يۈەن پۇل توپلاپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بەردى.

   * ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابلىز ئابلەت مەخسۇم، ماھىرە نۇرمۇھەممەد خەۋىرى: ئاتۇش شەھىرىدە ئۆتكەن يىلى سىرتقا چىقىرىلغان ئەمگەك كۈچى 42 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، 59 مىليون 257 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەخسۇس تەربىيەلەش ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلغان ئەمگەك كۈچى 4500 نەپەرگە، تەشكىللىك ھالدا چىقىرىلغان ئەمگەك كۈچى 1480 نەپەرنى ئىگىلەيدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!