ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

قار ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىككى ياش مۇكاپاتلاندى

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى خەۋىرى: يېقىندا، باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرى داغدۇغىلىق يىغىن ئېچىپ، قار ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئادەم ۋە مال–چارۋىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئىككى ياشنى 5000 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى.

   بۇلتۇر 26–ئۆكتەبىر، باي ناھىيەسىدە پەۋقۇلئاددە قار ئاپىتى كۆرۈلۈپ، سايرام بازىرىنىڭ ياغاچ مىچىت تېغى ئەتراپىدىكى كۈزلەكتە 2000گە يېقىن مال–چارۋا، 13 نەپەر چارۋىچى قاپسىلىپ قالغانىدى. قارنىڭ قېلىنلىقى80~120 سانتىمېتىرغىچە بولۇپ، ئوزۇق–تۈلۈك ۋاقتىدا يەتكۈزۈلمىگەندە، قاپسىلىپ قالغان ئادەم ۋە مال–چارۋىلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايتتى. بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شىنبىڭ، بازار باشلىقى ئېلى رەمەت باشچىلىقىدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى ئوزۇق–تۈلۈك ئېلىپ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ قار ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان بولسىمۇ، قار قېلىن، يولنى پەرق ئېتىش تەس بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىشى قىيىنغا توختاپ، يول ئاچىدىغانغا سالغان كۆرەك ماشىنىمۇ ماڭالماي ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان شورمەھەللە كەنت 2–گۇرۇپىسىدىكى تۇردى قۇربان ۋە ئابدۇخالىق قۇربان ئاكا–ئۇكىلار 90 ئات كۈچىگە ئىگە چوڭ تىراكتورىنى ھەيداپ كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ يول ئېچىپ، ئۈچ كۈن قار بىلەن ئېلىشىش ئارقىلىق، قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ قاپسىلىپ قالغانلارغا ئوزۇق–تۈلۈك يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى قۇتقۇزىۋېلىش خىزمىتى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىغانىدى. بۇ ئىش ئۆتۈپ 3–كۈنى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ياڭ فاسىڭ، پارتكومنىڭ ھەيئىتى تۇرغۇن تۇنىياز ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىپ، قار ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئادەم ۋە مال–چارۋىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن باتۇرلۇق كۆرسەتكەن بۇ ئا–ئۇكىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئارقىلىق مۇكاپاتلاشنى ئورۇنلاشتۇردى شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنى بۇ ئىككى ياشنىڭ پىداكارلىق روھىدىن ئۆگۈنىشكە چاقىردى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!