ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ھەر قايسى ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلە

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: 

مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار يېتەكچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، چاغانغىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ھەر قايسى ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر 172 سىناق تۈرىدە ئىش باشلىغان بولۇپ، 79 سىناق تۈرىنى تاماملىغان. بۇ تۈرلەر شەھەر-بازارلارنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسە، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن ياردەمگە ئېرىشكەن ھەر مىللەت ئاممىسى جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ نەقەدەر ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىلگەن 172 تۈرگە 5 مىليارد 808 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ياردەم بەرگەن ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر 2 مىليارد 638 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. قۇرۇلۇش تاماملانغان 79 سىناق تۈرىگە 2 مىليارد 326 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ياردەم بەرگەن ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر 1 مىليارد 247 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان.

بۇ سىناق تۈرلەر يېزا-بازارلارنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسە، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىغا چېتىلغاندىن باشقا، يەنە تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى، سودا سانائەت باغچىسى، يېزا-ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، سۇچىلىق، ھۆكۈمەت ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ.

تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!