ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى ، فوتوسى : جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۇچا ناھىيەلىك11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 11–قېتىملىق ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى 10–،11–فېۋرال كۈنلىرى ئېچىلدى.
‹‹مۇنەۋۋەر ئورۇن››لار مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا
يىغىندا، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ‹‹11–بەش يىل››لىق پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2010–يىللىق ئىشلەنگەن خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىلىپ،2011–يىللىق كۈرەش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى شۇنداقلا بۇلتۇر خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى تۆھپىسى گەۋدىلىك بولۇپ، 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن چىمەن قاتارلىق تۆت يېزا–بازار، ئىش باشقارمىلىرىنى، 2–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ياقا قاتارلىق ئالتە يېزا–بازار،ئىش باشقارمىلىرىنى ، 3–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن دۆڭقوتان قاتارلىق يەتتە يېزا–بازار، ئىش باشقارمىلىرىنى، رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سورتلۇق ئۇرۇقچىلىق مەيدانى قاتارلىق بەش دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانىنى 180مىڭ يۈەندىن 30مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ جەمئىي 2 مىليون 300 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى. ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 31 ئورۇنغا ‹‹مۇنەۋۋەر ئورۇن››، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى قاتارلىق 21 ئورۇنغا ‹‹ئەلا ئورۇن››، ناھىيەلىك رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق 27 ئورۇنغا ‹‹ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن›› مۇكاپاتى بېرىلدى.