ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى رەھبەرلەرنىڭ نۇقتىلار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
نىلۇپەر قاسىم، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەھمەد نىياز خەۋىرى : رەھبەرلەرنىڭ ئاساسىي قاتلاملار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، باش ۋە شۆبە بانكىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورگان خىزمەت ئىستىلىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، ئاساسىي قاتلاملا
  

    نىلۇپەر قاسىم، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەھمەد نىياز خەۋىرى : رەھبەرلەرنىڭ ئاساسىي قاتلاملار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، باش ۋە شۆبە بانكىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورگان خىزمەت ئىستىلىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، ئاساسىي قاتلاملار كەسىپ تەرەققىياتى جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا بايقاپ ھەم ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى پارتكومى بۇ يىل 1 – ئايدىن باشلاپ، رەھبەرلەرنىڭ نۇقتىلار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتتى.

    شۆبە بانكا رەھبەرلىرىنىڭ نۇقتىلار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئالاقىلىشىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۆبە بانكا رەھبەرلىرى ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا نۇقتىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دوكلاتلىرىنى ئاڭلاش، سۆھبەت يىغىنلىرىغا قاتنىشىش، ماتېرىياللىرى ۋە ئەمەلىي ئەھۋاللىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق نۇقتىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشى قاتارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەيدۇ ۋە خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ھەل قىلىپ، نۇقتىلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!