شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2010 – يىلى شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىنى زورايتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ‹‹خەلقنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى›› ۋە ‹‹چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى›› يولغا قويۇلۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4642.67 يۈەنگە يېتىپ، %19.6 ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن %4.7 پوئېنت كۆپ بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرغان.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ گۈيرۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2010 – يىلى شىنجاڭدا يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4642.67 يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 759.57 يۈەن كۆپىيىپ، %19.6 ئاشقان، شۇنداقلا 2000 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن %4.7 پوئېنت ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى جەھەتتە تارىخىي بۆسۈش بولۇپ، تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇنغا ئۆتكەن. مائاش خاراكتېرلىك كىرىم، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشى ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك كىرىم 2010 – يىلى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان ئۈچ چوڭ ئامىل بولۇپ قالغان.
ۋاڭ گۈيرۇڭ مۇنداق دېدى: 2010 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتە قىلدى، بۇنىڭ بىلەن يېزا ئاھالىسىنىڭ پۈتۈن يىلدىكى مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى ئوتتۇرىچە 556.26 يۈەنگە يېتىپ، 94.77 يۈەن كۆپىيىپ، %20.5 ئاشتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %12.5كە يەتتى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش شىنجاڭدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى.
2010 – يىلى شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %31.5 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە پاختا باھاسىنىڭ ئېشىشى %81.4، كۆكتاتنىڭ %26.7، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ %10.5 كە يېتىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە نەق پۇل كىرىمىنىڭ 887 يۈەندىن ئارتۇق ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ پۈتۈن يىلدا دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش رولى تەخمىنەن %50 بولدى.
دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىمۇ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل بولدى. مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئەلا نەسىل (سورت) ياردەم پۇلى، ئاشلىق سېتىۋېلىش بىۋاسىتە ياردەم پۇلى، يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى ئۇنىۋېرسال بىۋاسىتە ياردەم پۇلى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي ياردەم پۇلى قاتارلىق دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن 2010 – يىلى شىنجاڭدىكى دېھقانلىرىنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ياردەم پۇلىدىن قىلغان كىرىمى 229.18 يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكىدىن 56.21 يۈەن كۆپىيىپ، %32.5 ئاشتى. دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن قىلغان كىرىمنىڭ دېھقان – چارۋىچىلار ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى %7.4 كە يەتتى.