ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق7–نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 –ئومۇمىي يىغىنىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    مەدىنە تاھىر خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنى 11 – فېۋرال ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمىز؛ ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا شەكىلۋازلىق قىلماي، كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ، مېھماندارچىلىققا ئاز بېرىپ، ئاساسىي قاتلامغا كۆپرەك چۆكۈپ، مەسىلىلەرنى كۆپرەك مۇھاكىمە قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى توغرىسىدا كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئىجرا ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ماس كېلىدىغان خىزمەت مېخانىزمى ۋە مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. كادىرلار ئىستىلىدا ساقلىنىۋاتقان ناچار خاھىشلارنى قەتئىي ئۆزگەرتىپ، يەنىمۇ تىرىشىپ ‹‹ھورۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق، ئىقتىدارسىزلىق، سۆرەلمىلىك، خىيانەتچىلىك››نى تۈگىتىپ، ناچار ئىستىلغا ھەقىقىي تېگىش قىلىپ، ئىقتىدارسىزلىقنى تۈگىتىش ئارقىلىق قابىلىيەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز، ھورۇنلۇقنى تۈزەش ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىمىز، چېچىلاڭغۇلۇقنى تۈگىتىش ئارقىلىق كەيپىياتنى توغىرلىشىمىز كېرەك؛ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشىمىز؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا تولۇق ئىشىنىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلەرنى دادىل ئىشلىشىگە ئىلھام بېرىشى، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام

    ئېڭىنى چىڭىتىپ، پاكلىقنى ساقلاپ، قايمۇقتۇرۇشلار ئالدىدا باشتىن – ئاخىر سەگەكلىكنى ساقلاپ، ھەممىدە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى، بەختىنى كۆزلەشتەك سىياسىي خىسلىتىنى ئىزچىل ساقلىشى كېرەك. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە ئىستىلنىڭ دۇرۇسلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. كادىرلار قوشۇنىنى ‹‹تۆتلەشتۈرۈش›› فاڭجېنى ۋە ئەخلاقىي، ئەقلىي جەھەتتىن تەڭ يېتىشكەن بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇۋاشلارنى، ئىشنى ئەمەلىي بېجىرىدىغانلارنى ۋە ئۇزاق مەزگىل 1 – سەپتە باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگەنلەرنى زىيان تارتقۇزماسلىقىمىز كېرەك. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىياسەت ئۆتكىلى، تەرتىپ ئۆتكىلى ۋە ئىنتىزام ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتىكى قائىدە – ئىنتىزامغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى جەزمەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئىنتىزامغا جاھىللارچە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا، قاتتىق، نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئادەم ئىشلىتىش ياخشى كەيپىياتنى، كادىرلارنىڭ ھەقىقىي ئىش بېجىرىشىگە، ئىگىلىك تىكلىشىگە ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ياخشى كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە رەھبەرلىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىدا كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا پايدىلىق ئىجتىمائىي كەيپىيات ۋە جامائەت پىكرى مۇھىتىنى يارىتىشى كېرەك؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فۇ چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

    نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇا شىفېي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!