يىغىندا‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىكى نۇقتىلىق خىزمەت ، ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە قىلىندى
شىن جېڭ خەۋىرى : 10 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 19 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ‹‹2011 – يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىكى نۇقتىلىق خىزمەت، ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مەملىكەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىرىنچى، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئومۇمىيەتكە چېتىلىدىغان ھالقىلىق خىزمەتلەر، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى گەۋدىلەندۈردىغان مۇھىم خىزمەتلەر ۋە خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم خىزمەتلەردە رەھبەرلىكنى، ھەمكارلىق، ماسلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىككىنچى، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. ‹‹خادىم، ۋەزىپە، ۋاقىت، تەلەپنى بېكىتىش›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن، خىزمەت نىشانلىرىنى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە خىزمەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، نازارەتچىلىكنى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇھىم خىزمەتلەرگە بولغان ھەيدەكچىلىك، تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، نىشان، مەسئۇلىيەتنى تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ،
خىزمەت تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇھىتنى ياخشىلاش، تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا خەلق رازى بولغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۇ يىللىق نىشان، ۋەزىپىلەرنىڭ ئورۇندىلىشىغا ياخشى مەمۇرىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2011 – يىلىنى ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› قىلىپ بېكىتتى، ھۆكۈمەت ۋە تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان كونكرېت تەدبىر ۋە تۈرلەرنى ئاكتىپ تۈزۈپ ۋە ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››دىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، كۆپ يىللىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى مۇقىم ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىقتا ‹‹ئېھتىياج بىلەن تەمىناتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، مەلۇم مىقداردا ئېشىنىش››قا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى. جايلار، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەملىكەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ۋە زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاشلىق بىخە – تەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.