ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ(كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 يىغىندا مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى

    چېڭ لىشىن خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 10 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېتنىڭ(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، 2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇقىملىق ۋەزىپىلىرىنى كونكرېت ئىش تەقسىماتى قىلىپ تەپسىلىيلەشتۈردى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، فۇ چياڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

    2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى چاقىرىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئانالىز قىلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا 32 ئورۇنلاشتۇرما تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. يىغىن روھىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلامچىلىقىدا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدىكى ئىشلار مەسئۇلىيىتى، ئىش تەقسىماتى لايىھەسى›› تۈزۈلۈپ، يىغىندا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەر كونكرېت تەقسىملىنىپ، باشلامچى ئورۇن، ئەمەلىيلەشتۈرگۈچى ئورۇن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇددىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹ئىككىنى توسۇش›› خىزمەت نىشانىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش، يەنى كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنى، پەۋقۇلئاددە زور، قەبىھ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى، مۇددەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېزدىن يولغا قويۇپ، ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك دېگەن توغرا ھۆكۈمدە چىڭ تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش؛ تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن – تۈزۈمگە رىئايە قىلىش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››تە چىڭ تۇرۇپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى دائىملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە ئالاقىدار بىر يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھازىرقى ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەجرىبە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹ئىككىنى توسۇش››نى نىشان قىلىپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ، ئومۇمىيەت جەھەتتىن ئويلىشىپ، مەنبە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كەسپىي، ئەس قاتىدىغان چارىلەر بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

    يىغىندا، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى يېڭى تەلەپكە يەنىمۇ ماسلىشىپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ‹‹ئىككىنى توسۇش››تىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمغا بولغان رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىملىقى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش توغرىسىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

    جاپپار ھەبىبۇللا، جىن نو، ۋاڭ ۋېي، لەي سېيى، چى باۋۋېن، خۇ شياۋچىن، روزى ئىسمائىل، ياڭ جاۋجى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر