قاداق — پۇت–قوللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل تېرە كېسەللىكى بولۇپ ، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن داۋالىغاندا تېز ساقايتقىلى بولىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

www.iz.la
1. پىياز پوستى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ . يەنى يېڭى پىيازنىڭ يىلتىزىغا يېقىن قىسىمىدىكى قاسىراقلىق جاينىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى نېپىز پوستىنى سويۇپ ، قاداق ئۈستىگە چاپلاپ (چاپلاشتىن بۇرۇن قاداق بار جاينى ئىسسىق سۇدا پاكىز يۇيۇش كېرەك) ، ئاندىن پىلاستىر بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇپ ، بىر كېچە تۇرغۇزسا ئاغرىق يېنىكلەيدۇ ياكى يوقىلدۇ . مۇشۇ تەرىقىدە بىر نەچچە قېتىم داۋاملاشتۇرسا ، قاداق ئەتراپىدىكى تېرە بارا–بارا ئاقىرىپ ، ئاخىردا قاداق چۈشۈپ كېتىدۇ ئەكس تەسىر كۆرۈلمەيدۇ .
2.ياكى ئەمەن ۋە ياكى ئەمەنغۇلى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ . قۇرۇتۇلغان ئەمەن ياغىچى(شېخى)دىن بىر نەچچە تال تېپىپ ، ھەر كۈنى كەچتە بىر تال ئەمەن ياغىچىنى كۆيدۈرۈپ ، ئۇنىڭغا قاداقنى قاقلاش كېرەك ، بۇ ئۇسۇلنى مۇشۇ تەرىقىدە بەش كۈن ئەتراپىدە داۋاملاشتۇرسا ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ . ئەگەر ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىسا ، داۋالاش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزاتسا ، قاداقنىڭ ئاغرىقى پەسىيىپ ، قاداق تامامەن يوقىلىدۇ .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
خەتكۈچلەر:
