تاماكا چېكىش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق . شۇڭا ھازىر تاماكا تاشلاشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە . بېيرۇتتا نەشىر قىلىنىدىغان < ئەرەب تىببىي ئىلمىنىڭ سىرى> ناملىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلىشىچە ، تاۋۇزغا ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ يېسە تاماكا خۇمارىنى ئۈنۈملۈك تۈگەتكىلى بولىدىكەن . كونكېرت ئۇسۇلى مۇنداق ؛ تاۋۇزنى ئىككى پارچە قىلىپ ، بىر پارچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۆشىنى تاكى شاپىقىغا قەدەر يۇمشىتىپ ئۈستىگە 400 گرام ساپ ھەسەل قۇيۇپ ، دوخۇپكىدا 150 گرادۇسقىچە ئىككى مىنۇت قىزدۇرۇپ ، سوۋۇغاندىن كېيىن ھەر كۈنى بىر قوشۇقتىن يەپ بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا تاماكا خۇمارىنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدىكەن .