بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ 8رىتسپى

ۋاقتى:2009-10-09 10:47مەنبە:نامەلۇم يوللىغۇچى:admin چېكىلىشى:قىتىم
  
1) 40گرام سۆلەپ مىسرى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، بەدەننى سەمرىتىدۇ.

2) 40گرام كۈندۈر، 20گرام زەنجىۋىل ئايرىم-ئايرىم سوقۇلۇپ، 200گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە بىر- ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنى ئاشۇرىدۇ.

3) 100گرام تەرەنجىۋىل (يانتاق شېكىرى) مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىسسىق سۇدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئېرىتمە سۈزۈۋېتىلىپ 300گرام يېڭى كالا سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، سۇس ئوتتا قويۇلغۇچە قاينىتىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20گرامدىن ئىچىلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئۇيقۇسىزلىق، تولا چۈش كۆرۈش، ئورۇقلۇق ۋە ئومومىي بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلاردىن قۇتۇلۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

4) 20گرام نوقۇت، 20گرام سۆلەپ مىسرى يۇمشاق سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، مەنى تۇتالماسلىققىمۇ شىپا بولىدۇ.

5) 20گرام شاقاقۇل مىسرى، ئون گرام كاۋاۋىچىن، ئون گرام سەۋزە ئۇرۇقى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئەر- ئاياللاردىكى سىزلام (سۆزنەك) كېسىلىگىمۇ شىپا بولىدۇ.

6) ئالدى بىلەن 50گرام بادام مېغىزى، 50گرام پىستە مېغىزى، 30گرام پىياز ئۇرۇقى، 20گرام ئۇسۇڭ ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ، ئاندىن بادام مېغىزى بىلەن پىستە مېغىزى ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ سوقۇلۇپ، 300گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قىتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، سەۋدادىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى



7) 50گرام ياڭاق مېغىزى، 50گرام ئاقلانغان كۈنجۈت، 20گرام چامغۇر ئۇرۇقى، 20گرام زەنجىۋىل، 20گرام بىدە ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ. ياڭاق مېغىزى بىلەن كۈنجۈت ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈپ سوقۇلۇپ، 400گرام ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئېستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىقى بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.

8) 30گرام ھۆل زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ پوستىدىن ئاجرىتىپ، 90مىللىلىتىر سۇ بىلەن پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈۋىلىنىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى 90گرام ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، قىيامى تەڭشەلگەندە سۈزۈۋىلىنغان زەنجىۋىلنى قىيامغا سېلىپ مۇراببا تەييارلاپ، مۇراببا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەگەر ھۆل زەنجۋىل تېپىلمىسا، نەمخۇش يەرگە ئورەك كولاپ، قۇرۇق زەنجىۋىلنى ئورەككە سېلىپ، ئورەكنىڭ ئۈستىگە ھۆل قۇم تۆكۈپ، زەنجىۋىل 20كۈنگىچە كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلسە، ھۆل ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئاشقازان ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، دوۋساقنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، قېرىلاردىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

يۇقۇرقى رېتسىپلارنى ئەرلەرلا ئىشلىتىپ قالماستىن، ئاياللار ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، دورا ئىستېمال قىلغۇچى دورىنى ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، ياش قۇرامى، بەدەن قۇۋۋىتىگە قاراپ بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە كۆرسىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىشى لازىم.

دورىلارنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ھەسەلنى قاچىغا ئېلىپ، قاچىنى قايناۋاتقان سۇغا چىلاپ ھەسەلنى ئېرىتىپ، ھەسەلنىڭى كۆپۈكىنى ئېلىۋىتىپ ھەسەل قولنى كۆيدۈرمىگىدەك دەرىجىدە سوۋۇغاندىن كېيىن، ھەسەلنىڭ ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىش، مەلھەم پۈتۈنلەي سوۋۇپ بولغىچە قاچىنىڭ ئاغزىنى ياپماسلىق كېرەك. copyright by www.iz.la

بۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا سوغۇق سۇ، سوغۇق ئىچىملىك ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، مۇۋاپىق تۈردە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

مەنبە: تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى جەۋھەرلىرى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1180)
87.9%
ئالقىشلايمەن
(162)
12.1%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • بۇرۇن قاناشىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

    1- پاكىز پاختا ياكى داكىنى تۇز بىلەن ھۆل قىلىپ بۇرۇنىغا تېمىتىپ قويۇش پايدىلىق . 2- مۇزنى ياكى مۇز سۆيىگە لۆڭگىنى چىلاپ ھۆل قىلىپ پېشانىگە قويىسا ، پايدسى بولىدۇ. 3- تۈگمەننىڭ توزۇندىسىنى قارا سىياھ سۇيۇقلۇقى بىلەن نەمدەپ ، داكىغا ئوراپ ، بۇرۇن تۆشكىگە تى...

  • ھەرخىل باش ئاغرىقلىرىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

    ئاق ئۈجمە مېۋىسىدىن ئىككى جىڭىنى پاكىز يۇيۇپ ،سىقىپ سۇيىنى چىقىرىپ ، قازانغا قۇيۇپ ، يەڭگىل ئوتتا ئىككى قېتىم قاينىتىپ ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېلىپ . داكا بىلەن قايىتىدىن سۈزۈپ ، ئۇنىڭىغا ئۈچ يېرىم سەر ناۋات ، ئۈچ يېرىم سەر ئاق شېكەرنى سېلىپ يەنە بىر قاينىتىپ ، ن...

  • ئاسپىرىن زىققىنىڭ ئالىدىنى ئالىدۇ .

    ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسىسىلەرنىڭ ئۇزۇن مۈددەتلىك تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، داۋاملىق ئاسپىرىن ئىېستىمال قىلىدىغانلارنىڭ زىقا كېسلىگە گىرىپتار بولۇشى نىسىبىتى سېلىشتۇرما گۇرۇپىسدىكىلەرنىڭكىدىن 22 پىرسەنىت تۆۋەن بولغان . ئەزەلىدىن تاماكا چەكمىگەنلەردە يا...

  • تۆمۈر كەملىكىتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى

    رەڭگىرويى تاتىرىش ، بېشى قېيىش ، دېمى سىقىلىش ، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، سوغۇققا زىيادە سېزىمچان بولۇش ، ھېسىسياتى سۇسلىشىپ ئاسان تېرىكىش ۋە دېققەت -ئېتىبارى تۆۋەنلەشىنىڭ ھەممىسى تۆمۈر كەملىكىتىن بولغان قان ئازلىق كېسلىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر . ئىلگىرى بۇ خىل كېسەلل...

  • ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۇرتۇش ئىنتايىن موھىم

    30 ~ 39 ياشلىق ئاياللار ھەر يىلى بىر قېتىم ئاياللار بۆلىمىدە تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك . راك كېسلىنىڭ ئالامىتى تەكشۈرۈتۈشتىن باشىقا ، يەنە تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ بار يۇقلىقىنى تەكشۈرتۈش كىرەك . ئەمچەكىنى ھەر ئايدا بىر قېتىم...

  • دورا يېيىشتىكى خاتالىقلار

    1.دورا يەپلا ھەرىكەت قىلىش. ئادەتتە دورا يەپ بولغاندىن كېيىن، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ دورىنى قوبۇل قىلىشىغا 30مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ئارىلىقتا يېتەرلىك قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىق ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى ق...

  • ئاشخانىڭىزدىكى تېتىتقۇلار ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنى بىلەمسىز؟

    ئاشخانىڭىزدىكى تېتىتقۇلار ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنى بىلەمسىز؟ يېمەكلىك ماي ئۇ بىر خىل يېنىك تىپتىكى پەسەيتكۈچ بولۇپ، بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمى كۆيۈپ قالغاندا، يېمەكلىك مايدىن يارىدار بولغان جايغا سۈرۈپ قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، ھاشاراتلار چېقىۋالغاندىمۇ،...

  • چىرىگەن چىشنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ، راك كېسىلى پەيدا بولىدۇ

       ناچار غىزالىنىش ئادىتى ئاسانلا چىشنى چىرىتىدۇ . كۆپلىگەن كىشلەر چىش چىرىش ئەھۋالىغا پىسەنت قىلىپ كەتمەيدۇ . ئەمما بۇنداق پوزىتسىيە ئىنتايىن خەتەرلىك . چۈنكى چىرىگەن چىشنى ئۇزاق ۋاقىت داۋالىمىغاندا ، راك كېسىلىنى پەيدا بولىدۇ . چىرىگەن چىش قانداق قىلىپ...

  • قاداقنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى

       قاداق — پۇت–قوللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل تېرە كېسەللىكى بولۇپ ، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن داۋالىغاندا تېز ساقايتقىلى بولىدۇ .    1. پىياز پوستى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ . يەنى يېڭى پىيازنىڭ يىلتىزىغا يېقىن قىسىمىدىكى قاسىراقلىق جاينىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتى...

  • باللاردىكى كۆك يۆتەلنى داۋالاش

    1. 15گىرام خاسىڭ مېغىزى ، 1.5 گىرام قىزىل گۈل ، 15گىرام سۇقۇلغان تاۋۇز ئۇرقى ،30گىرام ناۋاتنى قۇشۇپ سۇدا قاينىتىپ سۇ ئورۇندا ئىچىكۈزۈش لازىم . 2. بىر دانە ئۆردەك تۇخۇمىغا 30گىرام ناۋات ،بىلەن ئازراق سۇ قۇشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ يىگۈزۈش لازىم . 3.ئىككى دانە...