60گرام ﻫەسەلگە ئۇچ گرام خېنە سۈيىنى قوشۇپ مۇۋاپىق مىقداردا بىر مەزگىل كۇندە ئىچىپ بەرسە،قورساققا سۇ چۇشۇش كېسىلىگە مەنپەت قىلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇۋاپىق مىقداردا ﻫەسەل بىلەن كۇندۇرنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە كۆكرەك ۋە ئۆپكىنى تازىلايدۇ،سېرىقلىق چۇشۇش كېسىلىگە مەنپەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ﻫەسەلنى پاقا يۇپۇرمىقى سۈيىگە قوشۇپ ﻫەمەل قىلسا چوڭ ئۈچەي يارىسىغا مەنپەت قىلىدۇ.
ﻫەسەلنى قىزىلگۇل ئەرقى بىلەن ئىچىپ بەرسە ئاشقازاننى كۈچەيتىدۇ.چوڭ-كىچىك ئۈچەي ياللۇغلىرىغا مەنپەت قىلىدۇ.
ﻫەسەلگە مۇۋاپىق مىقداردا سىركە،قۇستى شېرىن قوشۇپ ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقىغا چاپسا كۆرۇنەرلىك ئۈنۈم بىرىدۇ. www.iz.la
چىشلار تاماكا چىكىش ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن سارغىيىپ قالغان بولسا ﻫەسەل بىلەن سىركىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ،كۆيدۇرۇلگەن بادامنىڭ پوستى بىلەن قوشۇپ چىشنى چوتكىلاپ يۇيۇپ بەرسە داغ يوقايدۇ.
ﻫەسەلنى سىركىدە ئىرىتىپ چىشنى يۇيۇپ بەرسە چىش مىلىكىنى چېڭىتىپ چىشنى پاقىرتىدۇ ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
ئىسسىق سۇغا مۇۋاپىق مىقداردا ﻫەسەل سىركە،تۇز قوشۇپ غەر غەر قىلىپ بەرسە گال ۋە چىش ياللۇغى مىلىكى ياللۇغىغا مەنپەت قىلىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ﻫەسەلگە مۇۋاپىق مىقداردا ئەنزىرۇت،تۇز قوشۇپ قولاققا تېمىتسا يېرىڭ توختىتىدۇ.قولاق ئېغىرلىقىغا مەنپەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ﻫەسەلگە تۇز،سىركە قوشۇپ زەخمىلەنگەن يەرلىك ئورۇننى تېڭىپ بەرسە داغ يوقىتىدۇ.
ﻫەسەلگە گۈل يېغى قوشۇپ سۇنۇقنى تاڭسا ياللۇغ قايتۇرۇپ سۇنۇقنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردا ﻫەسەلگە قىزىلگۈل ئەرقىنى قوشۇپ چاچنى يۇپ بەرسە باشتىكى پىتلارنى ئۆلتۇرۇپ چاچنى پاقىرتىپ گۈزەللەشتۇرىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
مائۇلﻬەسەل تەييارلاپ ئىستىمال قىلسا پالەچ،لەقۋا كېسەللىرىگە مەنپەت قىلىدۇ.
ﻫەسەلنى مۇۋاپىق مىقداردا داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە يۈرەك سانجىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.