
1 . مەن نېمە كېسەل بولۇپ قالدىم ؟ ئۆزىڭىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىڭىزنى دوختۇردىن تەپسىلىي ، ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى ئېيتىڭ . بۇنداق قىلغاندا ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىدە سان بولىدۇ .
2 . بۇ كېسەل نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ؟ كېسەللىك ئەھۋاللىرىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش تۇرمۇشتىكى نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىڭىزغا ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەسكەرتىپ تۇرۇشىڭىزغا پايدىلىق .
3 . بۇ كېسەل قانداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؟
4 . بۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ نېمە ئالاھىدىلىكى بار ؟ بۇ سوئالنى بىر تۈر - بىر تۈردىن ئېنىق سورىۋېلىشىڭىز كېرەك . بۇنىڭ سىزنىڭ قايسى تۈرنى چوقۇم قىلىش ، بۇنداق بولغاندا تەكشۈرتۈشنىڭ زۆرۈر ياكى زۆرۈر ئەمەسلىكىنى ئايدۇڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىزغا پايدىسى بار . ئىز تورى www.iz.la
5 . بۇ كېسەلگە قارىتا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىمەن ؟ مەسىلەن ، تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش ، تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتۇش قاتارلىقلار . ئادەتتە بۇ ئىشلارنى دوختۇر كېسەلگە چوقۇم ئىنچىكلىك بىلەن چۈشەندۈرۈشى كېرەك . دوختۇرنى ئالدىراش ئىكەن دەپ ، بۇ سوئاللارنى سوراشتىن يالتىيىپ قالماڭ ، چۈنكى بۇ سوئاللار سىزنىڭ داۋالىنىشىڭىزغا تەسىر كۆرىسىتىدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!