كەڭ قورساقلىقنى ئۆگىنىۋېلىڭ
سىتېف جيۇدېفىر
بىراۋنىڭ ئەپۇ قىلىش قېيىن بولغان خاتالىقىنىبايقىغان چېغىڭىزدا، ئۇنىڭ بۇرۇن سىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ كېتەمسىز؟ دەرۋەقە، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىش نۇرغۇن كىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى قېيىن.
ئامېرىكىدا جەنۇب − شىمال ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىنكېيىن، چېرموندنى شىمال ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. شۇ يەردىكى ۋېرگىنىيەئىسىملىك بىر خانىم بىر كۈنى كوچىدا كېتىۋاتقاندا پەلەمپەيگە پۇتلىشىپ يېقىلىپ چۈشىدۇ، شىمال ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ بىر ئەسكىرى ئۇنى دەررۇ يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
− يىگىت، سەن بەك ياخشى ئىكەنسەن، ئەگەر دوزاقتاسالقىنراق جاي بولسا، خۇدا ساڭا شۇ يەرنى نېسىپ قىلغاي، − دەيدۇ ۋېرگىنىيە خانىم ھېلىقىئەسكەرگە نەپرەت بىلەن.
بەلكىم ۋېرگىنىيە خانىمنىڭ ئۆچمەنلىكنى ئۇنتۇپ كېتىشى ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت كەتكەندۇ، ئەمما ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ - نەپرەتكە تولغان تۇرمۇش ھەرگىزمۇ بەختلىك تۇرمۇش ھېسابلانمايدۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئافرىقىدىكى بىر قەبىلىنىڭ ئەزالىرى خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئەپۇ قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن. ئەپۇ قىلىش مۇراسىمىدا خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى كەنتنىڭ مەركىزىگە ئېلىپ كېلىنىدىكەن، قەبىلىنىڭ ئۇلۇغ - ئۇششاق، ئەر - ئايال بارلىق ئەزالىرى قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قويۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، نۆۋەت بىلەن ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى دەيدىكەن، ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈللىكى ۋە ئەخلاق - پەزىلەتلىرىنى مەدھىيىلەپ ناخشا ئېيتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بۇ مۇراسىم تەبرىكلەش مۇراسىمىغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن، كۆپچىلىك خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىنى يەنە خۇشال ھالدا كوللېكتىپ ئىچىگە قايتۇرۇپ كېلىدىكەن.
جاراھەتنى بەختكە، ئازابنى خۇشاللىققائايلاندۇرىدىغان بۇ مۇراسىم نېمىدىگەن ئېسىل مۇراسىم ھە! خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى تاشلىۋېتىلمىسە، پۈتۈن قەبىلە باشقىدىن ئۇيۇشۇپ ئىتتىپاق بولسا، نېمىدىگەن ياخشى؟ «كەڭ قۇرساقلىق ئۆتمۈشنىئۆزگەرتەلمىگىنى بىلەن، كەلگۈسىگە گۈزەللىك ئاتا قىلالايدۇ».
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن