ئۈچ كۈنلۈك مۇدىر

ۋاقتى:2011-01-30 13:47مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

ئۈچ كۈنلۈك شوجاڭ (ھېكايە) جېلىل ئاۋۇت ئۈجمەباغ كەنت باشلانغۇچ مەكتىبىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى يېزىغا يىغىنغا كەتكەن مۆمىن شوجاڭنىڭ‹‹ئوقۇتقۇچىلار ئىشتىن چۈشمەي تۇرسۇن!››دېگەن تېلېفون سۆزى بۇيىچە كەچ سائەت يەتتىلەرگىچە ساقلىدى. قورساقلار ئېچىپ، سەۋر-تاقەت تېشىپ،بەزىلەر كېتىشكە تەمشىلىپ تۇرغاندا مۆمىن شوجاڭ ‹‹بەخت››ماركىلىك كونا موتوسىنى گۈكۈرتىپ مەكتەپ قوروسىغا كىرىپ كەلدى. ھەممەيلەن ئىشخانىغا جەم بولدى. -دۈشەنبە كۈنى ناھىيە يېزىمىزنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، تاپشۇرۋالغىلى كېلىدىكەن.ئالدىنقى قېتىملاردا يېزىمىز بۇ خىزمەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرەلمىدۇق.دۈشەنبە كۈنى چوقۇم ئۇڭشلۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن،ئەتە، ئۆگۈن ئىككى كۈن قاتتىق تەييارلىق قىلىپ،ئارخىپلىرىمىزنى بىرمۇ يۇچۇق قالدۇرماي تولۇق ئىشلەيدىكەنمىز. بۇ قېتىمقى باھالاشقا كۆرسىتىدىغانغا يەنە بىزنىڭ مەكتەپكە چەك چىقتى. ھازىر قايتىپ، ئەتە كۈندىكىدەك دەل ۋاقتىدا ئىشقا ئۈلگۈرۈپ كېلىڭلار! -يائاللا ئۆلتۈرۈپ قويۇدىغان ئوخشايدۇ بۇ باھالاش بىزنى! -شوجاڭ،ئارخىپلىرىمىزنى تولۇق ئىشلەپ بولغان تۇرساق، يەنە نېمە ئارخىپ ئىشلەيمىز؟ -ئۇكام،سىز ئالدىنقى قېتىممۇ ئارخىپلىرىمنى تولۇق ئىشلەپ بولدۇم ،دېدىڭىز. ھە دېسەم، باھالاش كەلگەندە تۈزۈم تۈزۈش توغىرسىكى تۈزۈم بىلەن مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقانلىق توغىرسىدىكى ئوقتۇرۇشنى كۆرسىتىڭ دېسە،يوق دەپ تۇردىڭىز. تولا ئاتكاچىلىق قىلماي ئىشلەڭ دېگەندىكىن ئىشلەڭ! -ماقۇل ئىشلەيلى. شەنبە،يەكشەنبە ئىككى كۈنلۈك ئارتۇق ئىشلىگەن ئىش ھەققىمىزنى بەرسىلە ئەمىسە! -ئىشلىسىڭىز ماڭا ئىشلىمەيسىز، گوڭسەنداڭغا ئىشلەيسىز، ئىش ھەققى ئالسىڭىز، بېرىپ گوڭسەنداڭغا دەڭ! -گوڭسەنداڭغا دېدىم،شەنبە،يەكشەنبە كۈنى ئارام ئېلىڭلا دەيدۇ گوڭسەنداڭ! _قاچان شۇنداق دېدى؟ نەدە شۇنداق دېدى؟قايسى گوڭسەنداڭ شۇنداق دېدى؟ماڭا بىر كۆرسىتىڭا قېنى؟ مۇرات بىلەن مۆمىن شوجاڭنىڭ جىدىلنى ھېچكىم ئاجراتمىدى.راستىن ئېيتقاندا ھەممەيلەن مۇراتنىڭ دېگەنلىرىنى ياقلايتى.مۇرات بىردەمدىلا تارتمىسىدىن كىچىكرەك بىر كىتابچىنى چىقىرىپ مۆمىن شوجاڭنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. -ئوبدان قارىسىلا، ماۋۇ گوڭسەنداڭ چىقارغان قانۇن! -كۆتۈرۈڭ ئۇ قانۇنىڭىزنى ئۇكام، ئۇنداق قانۇن دېگەن قىرائەتخانىدا تولا! -كۆتەرسىلە سىلىمۇ شەنبە،يەكشەنبە ئىشلەيمىز دېگەن گەپلىرىنى!چاچ ئۆسسە بۈدىر بولىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئۆسسە مودېر بولىدۇ، سىلىدەك لاتا قاسقاس شوجاڭمۇ جاھاندا تولا. -مەن لاتا قاسقاس بولسام،سەن قىلامسەن ئەمىسە شوجاڭلىقنى؟! -قىلسام قىلدىم، قانچىلىك ئىشتى ئۇ شوجاڭلىق دېگەن. -ئالە مەنە شوجاڭلىقنى!-مۆمىن شوجاڭ تارتمىسىدىن قەلەي قۇتىنىڭ ئىچىدە ساقلاۋاتقان مەكتەپ تامغىسىنى ئېلىپ مۇرادنىڭ چېكىسىگە ئاتتى. ئىشخانىدىكى جىمى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. مۇراد يەنىلا ئېغىر-بېسىق ئولتۇراتتى. -ماقۇل،تامغىنى ئاتىلا، شوجاڭلىقنى ماڭا بەردىلە شۇنداقمۇ؟! -بەردىم! - شوجاڭلىقلىرىنى ئالدىم، بولدى ھېساپ! ئەخلاقى تەربىيەنى باھالاشقا ئۆزەم ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن، سىلە ئەركىشى بولسىلا ،ئەركىشىگە لايىق غۇرۇرلىرى بولسا،ئۈچ-تۆت كۈن ئىشخانىغا،يوقۇرىغا،يەنە بىرسىگە شوجاڭلىقمنى تارتىۋالدى دەپ يىغلىماي ئولتۇرۇپ تۇرسىلا،ئەخلاقى تەربىيەنى يوقۇرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ شوجاڭلىقلىرىنى يەنە ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىمەن.ئەمىسە،مەن شوجاڭ بولۇپ قالدىم،قالغانلىمۇ ئاغزىمىزنى ئۈچ-تۆت كۈن يۇمۇپ تۇرۇپ تۇرىلى، خىزمەت دېگەننى قانداق ئىشلەيمىز بىر كۆرسىتىپ قوياي!بۈگۈن مۆمىن شوجاڭ مەكتەپنى بېقىپ تۇرسۇن، قالغانلار ئۇتتۇر سايرامغا-مۇزات رېستۇرانىغا بارىمىز.مەن مېھمان قىلىمەن.بۇ كەم بولغاندا ئۆيگە بېرىپ نىكەمدە تاماق پىشۇرۇپ يەيسىلەر!شەنبە،يەكشەنبە ئوبدان ئارام ئېلىپ دۈشەنبە كۈنى ئىشقا ئۈلگۈرۈپ كەلسەڭلار بولىدۇ. يوقۇرىدىن ھەرقانداق جاۋابكارلىق كەلسە،ئاۋۇ داڭنى ئېسىپ قويغان ئۈژمىگە تەتۈر ئېسىپ سويىدىغان ئىش بولسىمۇ مەن ئىگە،ھەممە مەسۇليەتنى تولۇق ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن!قانداق مۆمىن شوجاڭ،مەكتەپ بېقىپ تۇراملا ؟يا سېلىمۇ بىز بىلەن باراملا؟ -ھەرقاسىڭلا بېرىڭلا،مەن تولا ئولتۇرغان ئۇنداق رېستۇراندا! -بىز شوجاڭ بولمىغاندىكىن ئولتۇرالمىغان،بۈگۈن بىر ئولتۇرۋالىلى،ئەمىسە مەكتەپ سىلىگە قالدى.ئىسىمدە بار چاغدا دەپ قوياي،ئەمەت مۇئەللىم سىلىنىڭ تۈنۈگۈنكى سېرىق ئوغلاقلىرىنى دۈشەنبە كۈنى بالىلىرى ھېتلىگەچ كېلىپ،ما مەكتەپنىڭ بېغىغا باغلاپ قويسۇن،ماقۇلمۇ-يە؟ -ماقۇل. شۇنداق قىلىپ ھەممەيلەن موتۇلارغا مىنگىنىچە سايرامغا يۈرۈپ كەتتى.مۆمىن شوجاڭ دومسايغىنىچە مەكتەپتە تىكەندەك يالغۇز قىلىپ قالدى. X X راست دېگەندەك،دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندىلا ناھيىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە باھالاش گۇرۇپپىسى مەكتەپ قورۇسىغا ماشىنا بىلەن كىرىپ كەلدى. مۇراد ئوقۇتقۇچىلارنى باشلاپ رەھبەرلەرنىڭ ئالدىغا خۇددى كونا ئەل-ئاغىينىلىرىنىڭ ئالدىغا چىققاندەك ھۇدۇقماي چىقىپ كۆرۈشتى. -ھە مۇراد، مۆمىن شوجاڭ كۆرۈنمەيدىغۇ،ئۇ يوقما؟-دېدى يېزا مائارىپ ئىشخانا مودېرى مۆمىن شوجاڭنىڭ ئىشخانىدا تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرغانلىقىدىن بىخەۋەر ھالدا،-تەكشۈرگۈچىلەرنى نەگە باشلايسىلەر! -بار،بېغىمىزدا ئۈجمە بەك بەلەن پىشىپ كېتىپتۇ.باغقا كىرىپ ئۈژۈمگە بىر ئېغىز تېگىڭلا، ئەتىگەندە بىر قېتىم ئۈجمە يىسە، ئادەمنىڭ ئۆمۈرى ئون يىل ئۇزۇرايدۇ دەيدۇ. -ئاۋال تەكشۈردىغاننى تەكشۈرۋېتىپ، ئاندىن يىمەيمىزمۇ ئۈژۈمنى. -ھېلى ھاۋا ئىسسىپ كەتسە،ئۈژۈمنىڭ تەمى بولمايدۇ.ئاۋال ئۈژۈمگە بىر ئېغىز تېگىپ،ئاندىن خىزمەت تەكشۈرمەمسىلە. -شۇنداق قىلىلى،يېڭى يىل كىرگەندىن بېرى ئۈجمىگىمۇ ئېغىز تەگمەپتىكەنمىز. - رەھبەرلەر جېق تالاش-تارتىش قىلمايلاباغقا قەدەم ئالدى. ئىككى كۈندى ياقى مەكتەپتە ئادەم بولمىغاچقا ئۈجمىلەر ھەقىقەتەن مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن ئىدى.باھالاشلار ئۈژۈمىگە خۇددى ھەسەلگە چاپلاشقان چىۋىنلەردەك تىگىش قىلىپ كەتتى. بىر چاغدا بىر تۈپ شاتۇتنىڭ يېنىدا ئوتلاۋاتقان سىمىز ئوغلاقنىڭ مەرىشى ھەمەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى. -كىمنىڭ ئوغلىغى بۇ، ھەجەپ سەمىرىپ كېتىپتۇ. - ئەمەت مۇئەللىمنىڭ ئوغلىقى، مەكتەپتىكىلەرگە سوياي دەپ،ئەكىلىپتىكەن،سىلەرىنىڭ رىسقىڭلا باركەن.ھوي ئەمەت مۇئەللىم!بولسىلا،پىچاق ئاچىقسلىلا!مۇشۇنداق چاغدا سويمىغان ئوغلاقلىرىنى قاچان سويىلا! -ۋوي،ۋوي...!ئاچچىقنى يامان قىلمايلى. ئوغلاقنى كەچتە سويۇڭلا. -سىلىگە سويمىغان ئوغلاقنى كىمگە سويىمىز، سىلە ئاران بىر كەلگەندە مەكتىبىمىزنىڭ ئۈجمە ئوتۇندا پىشۇرغان ئوغلاق كاۋىپىغا ئېغىز تەگمەي كەتسەڭلىمۇ قاملاشماس. ھوي نىجاد ئاداش، قوشنىلارنىڭ ئۆيىدىن كاۋابداندىن بىرنى تېپىپ چىقىڭلا. -ئەمەت مۇئەللىم،ساڭا ئەجەل،ماڭا پەرمان،دەپ بۇغۇزلىسىلا ئوغلاقنى ! X X تۆت مەكتەپنى كۆزدىن كۆچۈرۈشنى پىلانلاپ كەلگەن باھالاشلار ئۈجمەباغدا كۈننىڭ قانداق كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ئۈژۈمباغ كەنتنىڭلا ئەمەس، پۈيكۈل يېزا مائارىپىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتۈپ كەتتى. مەكتەپلەردىكى پۈتكۈل ئوقۇتقۇچىلار،شۇنداقلا مائارىپ ئىشخانا مودىرى خۇددى زېمىسىدىكى بىر تاغنى چۆرىۋەتكەندەك يېنىكلەپ قالدى. مۇراد شۇ كۈنى كەچتىلا مەكتەپ تامغىسىنى مۆمىن مودېرغا قايتۇرۇپ بەردى.ئوغلاقنىڭ پۇلىنى مەكتەپتىكىلەر ئورتاق ئۈستىگە ئالدى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

(تۈگىدى)
2008-يىل25-ئىيۇن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(5)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • جاۋابسىزقالغان مۇھەببەت(ھېكايە)

    شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇلدى ، سەن شۇ ۋاقىتتاھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدىڭ ! كۆڭلۈڭدە بىر نىمىلەر نى ئۇيلاۋاتاتتىڭ تۇساتتىن بىرسىنىڭ بۇ يەردە ن...

  • ئىسپىرتلانغان ئادەم

    ئىسپىرتلانغان ئادەم (ھىكايە) كەچتە ئولتۇرۇش باركەن،دىگەن دەبدەبىلىك ئۈقتۇرۇشنى ئاڭلاپلا خوشھال بولماي ئەكسىچە،بېشىمغا ئالەمچە چوڭ غەم چۇشتى.يەنە شۇ ئىچىدىغان گەپقۇ، دىدىم ئاچچىق بىلەن ئۆزەمگە. ئىشتىن چۇشتۇم.پۇتۇن ئەس-خىيالىم شۇ بولغۇسى ئولتۇرۇشتا.ياپسام پ...

  • قورقۇنۇشلۇق كىچە (فاتىمە)

    قورقۇنۇشلۇق كىچە بۈگۈنمۇ يەنە شۇ يامان چۈشنى كۆرۈپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۈمۈپ چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ھەر قېتىم مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆرگەن چېغىمدا 15 يىل ئاۋۋالقى ئاشۇ قورقۇنۇشلۇق ۋەقە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. بىز دادام ،ئانام ،ئاچام، ئىنىم ،مەن بەشىمىز ب...

  • ‹‹ئاپا ، يۈرەك سۆزۈمنى ئاڭلاپ باقامسىز ؟ ››

    بۇ قېتىمقى مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمەي، سىنىپتا ئالدىنقى ئون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىگە كىرەلمىدىم. ئاپام بۇنىڭدىن بەكمۇ ئاچچىقلاندى. شەنبە كۈنى نەۋرە سىڭلىم مېنى ئۆيىگە چاقىرغانىدى، ئاپام ئۇ يەرگە بېرىشىمغا قوشۇلدى. توردىمۇ ئۆگىنىش قىلغىلى بولىدىغۇ دەپ ئ...

  • مەستانىلەر

    مەستانىلەر (ھېكايە) سەمەت دۇگايلى ياقۇپ مەستانە دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان تورخانىدىن خىزمەت تاپتى. بۇ تورخانا شەھەرنىڭ چېتىدىرەك بولسىمۇ، يېقىن ئەتراپتا باشقا تورخانا بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا كىرىدىغانلار ئاز ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇ تورخانىنىڭ تاپاۋىتىنى ئاز دېگىلى...

  • ئۆزگىچە مۇھەببەت

    (ھېكايە) مۇ جىن يېقىن يورۇق تۆت بەشەيلەن دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ پاراڭلىشاتتۇق، بۇنداق سورۇندا مۇھەببەت ھەققىدە پاراڭ بولسىلا گېپىمىز تۈگىمەيتتى. مۇھەببەت ھەققىدىكى پاراڭلىرىمىز ساپلا ئۇزاققىچە ئىناق ئۆتۈش، شېرىن ئايدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتنىڭ سۇسلىشىپ كېت...

  • قىزچاقىنىڭ كۆزى

    (ھېكايە) سۇ جىڭيى جۇڭ چىنىڭ قولىغا 100 يۈەنلىك ساختا خەلق پۇلى چۈشۈپ قالغاندىن بۇيان، تىت - تىت بولۇپ، ئۇنى تېزرەك خەجلىۋېتىشنىڭ غېمىدە قالدى. ئۇ تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىغا باردى، ئەمما بۇ يەردىكى مال ساتقۇچىلار ياش ھەم زېرەك بولۇپ، ھەر قېتىم خېرىدارلارد...

  • سەن سۇنغان ئاق گۈل

    سەن سۇنغان ئاق گۈل ( ھىكايە) بۈگۈن جۈمە. سەن چوقۇم ئالدىراش، بەلكىم كىچىكىپ كىلىشىە مۇمكىن . ئەمما بەك كىچىكىپ كەلمىگىن ،چۈنكى بۈگەن مىنىڭ تۇغۇللغا كۈنۈم ئەمەسمۇ.مەيلى سەن قانچىلىك كىچىكىپ كىلىشىڭدىن قەتئى نەزەر مەن سىنى ساقلايمەن. مەن سىنىڭ بىز بىر يىل ئ...

  • قىلتاقتىن ھەزەر ئەيلەڭ

    ئۆركەش ئۆتكۈر تەرجىمىسى بىر بۈركۈت دائىم باشقا بۈركۈتلەرنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئۇ بىر ئوۋچىغا: مەن سېنىڭ ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن باشقا بۈركۈتلەرنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن! دەپتۇ. ئوۋچى: ئەگەر...

  • گۈلىنىڭ سىرى

    ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ مەمۇرۇق ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئۆز يۇرتىدىن 600 كىلومىتىر يىراقلتىكى بىر شەھەرگە بۆلۈنگەن تۇرسۇن بۈگۈن ئاپىسى بىلەن تاكاللىشىپ قالدى. بالام تىزراق بول كىچىكىپ كالسىەن، مىنىڭ بارغۇم يوق ئاپا، مىنى بولدى زورلىمماڭ. مىنىڭ ئۇ يەرگە بارغۇم يوق، ئۇ...

  • پادىشاھىنىڭ ئۇستاز تۇتۇشى

    ناھايىتى زېرەك بىر پادىشاھ بار ئىدى. دائىم كىچىللىرى پۇخراچە ياسىنىپ سىرتلارنى ئايلىنىپ، ئىشلارنىڭ ئۆز يولىدا كېتىۋاتقان - كېتىۋاتمايدىغانلىقىنى تەكشۈرەتتى. ئۇنى ھەر قېتىم ئەجەپلەندۈردىغىنى ، ھەر قېتىم چىققاندا بىر يىگىتىنى كۆرەتتى ، يىگىت قېيالڭاچ ھالاتت...

  • توخۇ قۇرۇمىسىنىڭ شىكايىتى

    (فېليەتون) تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم مۇشۇ كۈنلەردە توخۇ قۇرۇمىسىنىڭ دەردى ئىچىگە پاتمايلا قالدى. كىشىلەر ئۇنى شۇنچە ئەتىۋارلاۋاتسا، يەنە نېمە دەردكەن ئۇ؟ ھەممەيلەننىڭ دەردى بولىدۇ. مېنىڭ دەردىم شۇكى، دەپ سۆز باشلىدى توخۇ قورۇمىسى، مېنى ئۇستاملار دەسلەپتە يەرلى...

  • دېرىزە

    نامەلۇم دوختۇرخانىدىكى كىچىك بىر بالنېتسىدا ئىككى ئېغىر كېسەل كىشى ياتاتتى.كارىدورغا تۇتاشقان ئىشىكنىڭ قارشى تەرىپىدىكى دەرىزىدىن سىرتنى كۆرگىلى بولاتتى. دەرىزىگە يېقىن يەردە ياتقان بىمار چۈشتە بىر سائەتلا ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىناتتى،يەنە بىر بىمارنىڭ پۈت...

  • چىن سۆيگۇ

    -جانىم ~! نىمە بولىدۇ ؟ مىنى بىر قۇچاقلاپ قويغىنە ؟ قەلبىمدىكى لاۋىلداپ كۆيىۋاتقان ئىشقى ئوتى بىر ئاز بولسىمۇ پەسلىسۇن . ئۆزۇڭنى قاچۇرما ، قۇچاقلاپ قويغىنىڭغا سەندىن نىمە كىتىدۇ ؟ قىز خىجىللىقتا بىشىنى يەردىن كۆتۇرەلمەيلا قالدى . ئۇ قىزارغان يۇزىنى يىگىتك...

  • كۆز تەگكەن كۈلكە

    مەرھۇم دادام تۇرسۇن سىدىققا بېغىشلايمەن (نەسىر) ساداقەت تۇرسۇن ئىلاۋە: مەن بۇ ئەسىرىمنى مەرھۇم دادام تۇرسۇن سىدىققا بېغىشلايمەن. دادام 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى خىزمەت ئۈستىدە ئۇشتۇمتۇت ئاغرىپ قېلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كۈنى يۈرەك مۇسكۇل تېقىلما كېس...