1. پىياز يىلتىزى سامساق يىلتىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ ، سوقۇپ قوي يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ ، قوقاس ئوتتا كۆيدۈرۈپ بۇسىنى پۇرىسا ، ھەرقانداق سەۋەبتىن بولغان زۇكامغا شىپا قىلىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2 . ئۈچ تال سۇڭپىيازنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچسە تارقىلىشچان زۇكامنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
3 . يۇلغۇن ياغىچى ، ئارچا ياغىچى ، سامساق ، چوكاندىلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن مەلۇم مىقداردا ئېلىپ ئۇلارنىڭ كۆيگەندىكى ئىسى بىلەن ياكى قايناتقاندىكى ھورى بىلەن ئۆي ئىچىنى ۋە باشقا يەرلەرنى بۇسلىسا ياكى ھورلاندۇرسا ، ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ۋە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
4 . ئېرىتىلگەن تۇز سۈيىگە سامساق ۋە ئىگىرلەرنىڭ ھەرقايسىسىدىن مەلۇم مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان تاماقنى دائىملىق ئىستېمال قىلسا ، ھەر خىل سەۋەبلەردىن بولىدىغان زۇكاملارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
5. ئاچچىقسۇنى قاينىتىپ بۇسىنى پۇرىسا ، يۇقۇملۇق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىد ۇ ۋە ئۇنىڭغا شىپا بولىدۇ .
6. خام تۇرۇپنى كۈندە ئىككى تالدىن يەپ بەرسە، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ھەمدە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
7 . قارىمۇچنى سوقۇپ تاسقاپ مۇۋاپىق مىقداردا كاپ ئەتسە سوغۇقتىن بولغان زۇكام ۋە ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
8. سىياداننى كۆيدۈرۈپ ياكى قەغەزگە ئوراپ تۈتۈننى دىماققا ئالسا ، زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
9 . جۈيزە پوستىنى قايناق سۇ بىلەن دەملەپ چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلسا ، زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
10. ئون دانە سەرپىستاننى بىر پىيالە قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسە زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ .
11. قېنىق دەملەنگەن چايدىن بىر چىنە ئېلىپ قازاندا قاينىتىپ ، تۇخۇمدىن بىرنى چېقىپ چاي بىلەن تۇخۇم شورپىسى قىلىپ ھەر كۈنى كەچتە بىر قېتىمدىن ئۇدا ئىككى كۈن تەرلىگىچە ئىچىپ بەرسە زۇكام ساقىيىدۇ .
12. گۈل بىنەپشە بىلەن چىلاننى دەملەپ كۈندە بىر قېتىم ئىچسە ، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام ۋە باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ .
13 . ياش پاقلان گۆشى شورپىسىغا سامساقتىن كۆپرەك سېلىپ ئىستېمال قىلسا ، سوغۇقتىن بولغان زۇكام ئاسان ساقىيىدۇ .
14. زۇكامداپ قالغاندا باش پىيازنى ئۇششاق توغراپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىسسىق ئىچسە ئادەمنى تەرلىتىپ ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ