ئەنگىلىيە«كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ10-ئاينىڭ19-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە،بىر ئۆكتىچىلەر تور بېتى شۇ كۈنى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق پىرىزدېنت،ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى ھاتەمىنىڭ شەخسىي تور بېتىنى زورلۇق بىلەن تاقىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان،بۇ ئىش ئۆكتىچى زاتلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ھاتەمىنى قوللايدىغان ۋە ھىمايە قىلىدىغان تور بەت«Kaleme.com»نىڭ كۆرسىتىشىچە،ھۆكۈمەتنىڭ بىر كومىتىتى سابىق پىرىزدېنت ھاتەمىنىڭ شەخسىي تور بېتىنى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.ھاتەمىنىڭ شەخسىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغانلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرى ۋە مۇھاكىمىلىرى ئىكەن.
ئۇزۇندىن بۇيان،ئىران ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئۆكتىچىلەرنىڭ تور بەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن،بولۇپمۇ تەسىر كۈچى زور ئۆكتىچى زاتلارنىڭ شەخسىي تور بەتلىرىنى ئالاھىدە قاتتىق نازارەت قىلغان.بىراق،بىر قىسىم تور ئابونتلىرى ۋاكالىتەن مۇلازىمېتىر ئارقىلىق ھۆكۈمەت چەكلىگەن تور بەتلەرنى كۆرۈپ كەلگەن،ھەتتا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بېتىFacebookۋە قىسقا فىلىم تور بېتىYouTubeنىمۇ زىيارەت قىلىدىكەن.