بىر مىنوت ئىچىدە ئۆزىگە ،باشقىلارغا ،شۇنداقلا تۇرمۇشقا كۈلۈمسىرەپ قارىغىلى بولىدۇ .
بىر مىنوت ئىچىدە يول كۆرگىلى ،چىرايلىق گۈل-گىياھ،نەمخۇش ئوت-چۆپ ۋە سۈپسۈزۈك سۇلاردىن ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ .
بىر مىىنوت ئىچىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ ئەتراپقا قۇلاق سالغىلى ياكى بەھوزۇر ناخشا ئېيتقىلى بولىدۇ .
بىر مىنوت ئىچىدە زىممىڭىزدىكى مەسۇلىيەتنى ، ئىزتىراپ ئىچىدە كۈتۈشنى ، ئارىسالدىچىلىق ئىچىدە ئازابلىنىشنى ، ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدىكى سەۋرىسىزلىكنى ، يەككە -يىگانە غېرىپلىقنى ، مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئاچچىق تەمىنى ، يەنە كېلىپ غەلىبە شادلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر مىنوت ئىچىدە ئوغلىڭىز ، ئاتا-ئانىڭىز ، ئوقۇغۇچىڭىز ياكى ئوقۇتقۇچىڭىزنى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلدۈرگىلى بولىدۇ . يەنە شۇ بىر مىنوت ئىچىدە ئەبەدىيلىك بەرپا قىلىپ چىققىلى بولىدۇ .
بىر مىنوتنىڭ كارى چاغلىق ،ئەمما سىز ھۆرمەتلەيدىغان دوستىڭىز سىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلماقچى بولغاندا ، بۇ بىر مىنوت ناھايىتى قىممەتلىكتۇر . ئىشقا كېچىككەن -كېچىكمىگەنلىگىڭىزمۇ مۇشۇ بىر مىنوت ئارقىلىق ئايرىلىدۇ .
بىز تۇرمۇشىمىزدا جۇدالىق ئازابىغا دۇچار بولغاندا ،بىر مىنوت بولسىمۇ ئۇزاقراق بىللە بولۇشنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز ، ئەلۋەتتە . قىسقىغىنە بىر مىنوت ئىچىدە يەنە بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بىر مىنوت ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ "ھە " ياكى "ياق " دېيىشى بىلەن سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىز ئۆزگۈرۈپ كېتىشى مۈمكىن .
گەرچە بىر مىنوت ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ ، بىراق تۇرمۇشىىڭىزغا چوڭقۇر ئىز قالدۇرالايدۇ . بىر مىنوت ئىچىدە كىشىلەر سۆيۈش ، ئىستەك ، ئىزدىنىش ، بەھرىمەن بولۇش ، كەڭچىلىك قىلىش ، ساقلاش ، ئىشەنچ ۋە غەلىبىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ .
كىمدۇر بىر ئادەم " ھەر بىر مىنوتنى ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنوتى دەپ بىلىڭ" دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان . ئەگەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ سۆزنى ئېسىدە چىڭ تۇتقان بولسا ، ھاياتنىڭ ھەر بىر مىنوتىنى قەدىرلەشنى ئۈگۈنۈۋالار ئىدى . www.iz.la
ھاياتىڭىزنىڭ ھەر بىر مىنوتىنى قەدىرلەڭ ، ئۇنى ئەسلىمىلەر قاينىمىڭىزغا خاتىرىلەپ قويۇڭ .