ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت، ئۇ ، سىزنىڭ ھەقىقى تۇرمۇش كەچۈرشىڭىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.گەرچە سىز ئاغرىنىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىققەت- ئىتىۋارىنى تارىتسىڭىزمۇ ،بىراق بۇنداق دىققەت- ئىتىبار سىزنىڭ بەختىڭىزگە كۆلەڭگۈ چۈشۈرۈدۇ... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بەزىلەر ئۆتمۈشنى ئەسلەپ ئۆزىنى قىينايدۇ، بەزىلەر ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن غەم يەپ ئازاپلىنىدۇ.بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى تازىمۇ كۈلكۈلۈك.چۈنكى ، بۇنىڭ بىرى ھازىر بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، يەنە بىرىنىڭ سىنىڭ بىلەن تىخى مۇناسىۋىتى يوق...
- بىر كىشى ئەگەر ھازىرقى ۋاقىتنى قانداق چىڭ تۇتۇشنى بىلىسە، ھەمدە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانسا، ئۇ، ئەركىن ، مەنىلىك ، ھەقىقى بولغان تۇرمۇشنى تاللىغان بولىدۇ، بۇ ،ھەممىمىزنىڭ چامى يىتىدىغان تاللاشتۇر.
- ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈچۈن پۇشايمان قىلىش ھەم يۈز بىرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلار ئۈچۈن غەم- ئەندىشە قىلىش بىلەن پۇشايمان قىلىش، غايەت زور زېھنى ئىسراپچىلىق...
-دەريا - دىڭىزلار شۇنىڭ ئۈچۈن بارچە ئويمان - جىلغىلارنىڭ پادىشاھى بولالايدۇكى ، ئۇلار ئۆزىنى ھەممىدىن تۆۋەن تۇتۇشنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار جىلغىلار شاھىدۇر.خەلىققە رەھبەرلىك قىلغان كىشى خەلىققە غەرەزسىز، توغرا، ئادىل رەھبەرلىك قىلىمەن دەيدىكەن، ئۇلارغا خۇددى مېھرىبان ئاتا- ئانىدەك كۆيۈمچانلىق ، كەمتەرلىك بىلەن مۇلازىمەت قىلىشى لازىم...بىراق ھازىر ئەشۇنداق رەھبەرلەر زادى قانچىلىكتۇ ؟...؟؟؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن