كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياكى تەنتەربىيە مەشىقلىرىدە بېغىش ، بەل ، پۇت قاتارلىق ئورۇنلار تاسادىپىي قايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ، شۇ ئورۇن ئىششىش ، ئاغرىش ۋە ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بەزى كىشلەر ئىششىقنى ياندۇرۇپ ، ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن ، ئىسسىق لۆڭگە ۋە گىرىلكا بىلەن قايرىلىپ كەتكەن ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس . چۈنكى ، قايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ، جايلىق ئورۇندىكى قىلدام قان تومۇرلار يېرىلىپ قاناپ ، قان توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن ئىششىق كېلىپ چىقىدۇ . ئەگەر زەخمىلەنگەن جايغا ئىسسىق ئۆتكۈزسە ، قان تومۇرلار كېڭىيىپ ، قاناشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ . شۇڭا ، بەزىدە ئىسسىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىششىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ، ئاغرىق كۈچىيىدۇ .
قايرىلىپ كەتكەن جايغا ئەڭ ياخشىشى سوغۇق ئۆتكۈزۈش كېرەك . بۇنداق قىلغاندا ، قان تومۇرلار تارىيىپ ، قايرىلغان جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ ، قان چىقىش مىقدارى ئازىيىدۇ . يەنە قايرىلغان ئورۇننى ئېگىزرەك قويسا م قاننىڭ ئايلىنىشى راۋانلىشىپ ، ئىششىق تەدرىجى يانىدۇ .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە؛ ‹‹ شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى››
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن