تاماقتىن كىين قىلىشقا بولمايدىغان ئىشىلار

ۋاقتى:2012-01-09 11:05مەنبە: يوللىغۇچى:مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
   1. دەرھال چاي ئىچىشكە بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن دەرھال چاي ئىچكەندە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى سۇيۇلۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ. چايدىكى تاننىن كىسلاتاسى يېمەكلىكلەردىكى ئاقسىلنى ئاسان ھەزىم بولمايدىغان قاتتىق ماددىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاسانلا قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا زەھەرلىك ماددىلار ۋە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى ئادەم بەدىنىنىڭ سۈمۈرۈۋېلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا تاماقتىن كېيىن، دەرھال چاي ئىچىشكە بولمايدۇ، قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.
2. تاماقتىن كېيىن دەرھال تاماكا چېكىشكە بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى كۈچىيىپ، قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ. بۇ چاغدا تاماكا چەككەندە، ئادەم بەدىنىنىڭ تاماكىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈۋېلىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
3. دەرھال سوغۇق ئىچىملىك ئىچىشكە بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ئاشقازان، ئۈچىيى ئىسسىق ۋە سوغۇققا سەزگۈر كېلىدۇ، تاماقتىن كېيىن دەرھال سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندە، ئاشقازاننىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش ياكى ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
4. دەرھال مېۋە-چىۋە يېيىشكە بولمايدۇ. مېۋە - چىۋە تەركىبىدە قەنت تۈرىدىكى ماددىلار مول بولۇپ، ئۇنى ئىنچىكە ئۈچەي سۈمۈرۈۋالىدۇ، بىراق، تاماقتىن كېيىن ئۇلار ئىنچىكە ئۈچەيگە كىرمەي، ئاشقازاندا تۇرۇپ قالىدۇ، چۈنكى يېمەكلىكلەر ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، بىر-ئىككى سائەتلىك ھەزىم قىلىش جەريانى بولىدۇ، ئەگەر مېۋە - چىۋىلەر ئاشقازاندا بەك ئۇزاق تۇرۇپ قالسا، ئاددىي قەنتلەر ئېچىيدۇ، بۇنىڭ بىلەن قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش ياكى ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىش، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

5. دەرھال چىش چوتكىلاشقا بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن دەرھال چىش چوتكىلىغاندا، چىشتىكى بوشاپ قالغان ئېمال ماددىسى زەخىملىنىدۇ.
6. دەرھال يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ. يۇيۇنغاندا قان بەدەننىڭ سىرتقى يۈزىگە يىغىلىۋېلىپ، ئاشقازان، ئۈچەيگە بارىدىغان قان ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىش فونكسىيەسى تۆۋەنلەيدۇ؛ ناۋادا ھەمىشە تاماقتىن كېيىن يۇيۇنغاندا، ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىدا يۈرەك مۇجۇپ ئاغرىش ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ياغ ماددىسى يۇقىرىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ خەتەرلىك. شۇڭا، تاماقتىن كېيىن بىر - ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن يۇيۇنسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى

7. دەرھال سەيلە قىلىشقا بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن كۆپ مىقداردىكى قان ھەزىم قىلىش يولىغا يىغىلىپ، چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى نىسپىي ھالدا ئازىيىپ، يېنىك دەرىجىدە كەم قانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇ كەلگەندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ، بۇ چاغدا سەيلە قىلغاندا، بولۇپمۇ ياشانغانلاردا ئاسانلا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. تاماقتىن كېيىن دەرھال سەيلە قىلىش تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا نىسبەتەن، ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، پۇت - قوللار ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ھەزىم قىلىش يولى جاراھەتلەنگەن ۋە ئاشقازان تۆۋەنلەپ كەتكەن ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت تىنچ ئولتۇرۇپ، ئاندىن سەيلە قىلىش كېرەك.

ئىز تورى www.iz.la


ئابلەت ئابلىز سەردارى تەييارلىغان
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(72)
80.9%
ئالقىشلايمەن
(17)
19.1%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • تاماقتىن كىين قىلىشقا بولمايدىغان ئىشىلار

    1. دەرھال چاي ئىچىشكە بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن دەرھال چاي ئىچكەندە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى سۇيۇلۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ. چايدىكى تاننىن كىسلاتاسى يېمەكلىكلەردىكى ئاقسىلنى ئاسان ھەزىم بولمايدىغان قاتتىق ماددىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاسانلا قەۋ...

  • كىر ئالغۇنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

    1. كىر ئالغۇنى نەم ، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئورۇنغا قۇيماسلىق ، ئېلېكتىر زاپچاسلىرىنىڭ نەملىشىپ ، ئىزولىياتور ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ، مېتال بۇيۇملىرىنىڭ نەملىكىتىن داتلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كىرەك. يەنە قۇياش نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان ئورۇنىغا قۇيۇپ رەڭگىنى...

  • بۇستارتقۇنى ئشىلىتىشتدىكى ئەپچىل چارىلەر

    ...

  • ئىىپپەت زار -زار يىغلايدۇ

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشى، بازار رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، پۇل ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا سىڭىشىشى، ئەخلاق ئىكولوگىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە بۇلغىنىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئ...

  • قايرىلىپ كەتكەن جايغا ئىسسىق ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك

    ...

  • ئۆيدىكى 10 خىل زەھەرلىك ماددا

         1 . قوش فېنول —A . ئۇ يالتىراق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، ئۇ سۇ ۋە سۈت بوتۇلكىلىرى، يالتىراق قەغەز، يېمەكلىك ئورالمىسى قاتارلىقلار تەركىبىدە بولىدىكەن، بۇنداق ماددا ھامىلە ۋە بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تەسىر كۆ...

  • ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشنى بىلەمسىز؟

    ئاپتۇرى: ياسىنجان توخنىياز توغراق ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمى. ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ كەملىكى مەغلۇپ بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بىر قېتىم ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بىر دىرېكتور ئامېرىكىلىق مەشھۇر مۇۋەپپەقىيەتشۇناس ناپولېئون خېئولدىن ياردە...

  • پۇت پۇراشىنى داۋالاشتىكى بەش خىل ئۇسۇل

    1.تۇز : ئاياغنى يېشىپ ئىچىگە ئازراق تۇز سېلىپ، ھاۋائۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇپ قويسا، ئاياغدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىنباشقا، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، پۇتقا ئازراق تۇز سېپىپياتسا، پۇتتىكى سېسىق پۇراقنى يوقاتقىل...

  • قاتتىق كۈلۈشكە بولمايدىغان كىشىلەر

    كۈلكىنىڭ سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىسى كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن سالامەتلىك ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك كىشىلەر قاتتىق كۈلۈشتىن ئېھتىيات قىلىشى كىرەك ....

  • گۈل ۋە سالامەتلىك

    گۈل كىشلەرگە ھۇزۇر بىغىشلاپلا قالماي ، مۇھتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، بۇلغىنىشنى ئازايتىپ ، تۈرلۈك كېسەلىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . نېرۋا پائاليىتى بۇلغىنىشقا باشلىغان بەزى كېسەلكىلەرنى داۋالاشتا گۈل شىپالىق رول ئوينايدۇ .. شۇنداق بولغاچىقا بەزى مەملىكەتلەردە گۈل...