ئادەم ئۇخلىغاندا بەدەندىكى سىستېمىلار يېرىم ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرىدۇ. مەسىلەن: قان بېسىمى تۆۋەنلەش، يۈرۈك سوقۇشى ئاستىلاش، سۈيدۈك مىقدارى كېمىيىش، ماددا ئالمىشىش تۆۋەنلەش، نەپەس ئېلىش ئاستىلاش قاتارلىقلار. ئادەم ئويغانغاندىن كېيىن بەدەندىكى سىستېمىلار يېرىم ئۇيقۇ ھالىتىدىن خىزمەت ھالىتىگە ئۆتۈشكە موھتاج. ئادەم دەرھال ئورنىدىن تۇرغاندا، بەدەن خىزمەت ھالىتىگە ماسلىشىپ بولالمىغانلىقتىن، باش قېيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىچى تىتىلداش، ھەتتا پۇت – قول ماغدۇرسىزلىنىش، ئىنكاس ئاستا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلى: ئويغىنىپلا تۇرۇپ كەتمەي، بەش مىنۇت يېتىۋېلىش ھەم ئون قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، ئاندىن كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ تۇرۇپ بەلنى ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە ئاستا تولغاپ بېرىش، كارىۋاتتىن چۈشكەندىن كېيىن بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىش، بەدەن نورمال ھالەتكە كەلگەندە ئەتىگەنلىك چېنىقىش ياكى باشقا پائالىيەتلەرنى قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەمنىڭ قان تومۇرى ئەتىگەندە ئەڭ چۈرۈك بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، قان تومۇرى قېتىشىش، قان تومۇرى تارىيىش كېسىلى بارلار ئورنىدىن تېز تۇرسا، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بەل ئومۇرتقا كېسىلى بارلار ۋە سۆڭەك كېسىلى بار ياشانغانلار ئەتىگەندە ئويغانغاندا، بەدەن ئورنىنى تۇيۇقسىز ئالماشتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان بەل زەخىملىنىش ۋە سۇنۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەزى بېزى يەللىكى، مەقئەت كېسىلى بارلار، ئەڭ ياخشىسى، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىككى ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، بەدەندە يېتەرلىك سۇ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى، سۈيدۈكنى سۇيۇلدۇرۇپ، ئۈچەينى تازىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ. غەيرەت قېييۇم تەييارلىغان
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق