چىش سالدۇرغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى:2009-10-02 17:39مەنبە: يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
  

      ئېلىۋېتىشكە بولىدىغان يەرلىك ئورۇنغا سېلىنىدىغان سۈنئىي چىش: ئېلىۋېتىشكە بولىدىغان يەرلىك ئورۇنغا سېلىنىدىغان سۈنئىي چىش سالغان دەسلەپكى مەزگىلدە يات ماددا سېزىمى پەيدا بولىدۇ. ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرىدۇ، يېمەكلىكلەرنى چايناش قۇلايسىز بولىدۇ، بىر – ئىككى ھەپتىدىن كېيىن كۆنۈپ قالىدۇ. بۇنداق سۈنئىي چىشنى سالغاندا ۋە ئالغاندا بەك كۈچەپ ئىتتىرمەسلىك ۋە تارتماسلىق، چىش سالىدىغان ئورۇننى چىش بىلەن چىشلىمەسلىك، ھالقىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ سۈنئىي چىشنىڭ سۇنۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. سۈنئىي چىشنى يېڭى سالغان ۋاقىتتا قاتتىق نەرسىلەرنى چىشلىمەسلىك، دەسلىپىدە يۇمشاق، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك. سۈنئىي چىش سالغاندىن كېيىن شىللىق پەردە بېسىلىپ ئاغرىشى ھەتتا بېسىلىپ يارا بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق چاغدا ئۆز ئالدىغا سۈركەپ ئۆزگەرتمەي دوختۇرخانىدا بىر تەرەپ قىلدۇرۇش كېرەك. تاماقتىن كېيىن ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈنئىي چىشنى چىقىرىپ چىش پاستىسى بىلەن  چوتكىلاپ پاكىز يۇيۇش كېرەك. ئىز تورى www.iz.la

     تۇراقلىق سۈنئىي چىشنى ئېلىپ سالغىلى بولمايدۇ. ئەگەر يېمەكلىك قاپلىشىپ قېلىش، چىش مىلىكى يەللىكلىنىش، ئۇل ئاغرىش، بوشاش، تۇراقلىق سۈنئىي چىش ئېغىر دەرىجىدە ئۇپراش، رەڭگى ئۆزگىرىش، سۇنۇش، چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

     پۈتۈن تامغاقلىق سۈنئىي چىش: پۈتۈن تامغاقلىق سۈنئىي چىشنى يېڭى سالغاندا يات ماددا سېزىمى بولىدۇ، ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرىدۇ، داۋاملىق سەۋرچانلىق بىلەن ئىشلىتىشنى مەشىق قىلسا نەچچە كۈندىلا ئۇنىڭغا ماسلىشىپ كەتكىلى بولىدۇ. دەسلەپكى بىر – ئىككى كۈندە تاماق يېگەندە سۈنئىي چىشنى ئېلىۋېتىش كېرەك. كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا ئېلىۋېتىپ سوغۇق سۇغا چىلاپ قويۇش كېرەك. ئەگەر سۈنئىي چىش چوقچىيىپ قېلىش، كالپۇك قوۋۇزىنى، تىلنى چىشلىۋېلىش، گەپ قىلغاندا يۇقىرى – تۆۋەن چىش ئۇرۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە ياكى ئىككى تەرەپتىكى چېكە – جاغ بوغۇمى چارچاش، سۈنئىي چىشنىڭ تۇراقلىق ئورنى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

 

ئىز تورى بەك ياخشى

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
50%
ئالقىشلايمەن
(1)
50%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • پۇت پۇراشىنى داۋالاشتىكى بەش خىل ئۇسۇل

    1.تۇز : ئاياغنى يېشىپ ئىچىگە ئازراق تۇز سېلىپ، ھاۋائۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇپ قويسا، ئاياغدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىنباشقا، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، پۇتقا ئازراق تۇز سېپىپياتسا، پۇتتىكى سېسىق پۇراقنى يوقاتقىل...

  • قاتتىق كۈلۈشكە بولمايدىغان كىشىلەر

    كۈلكىنىڭ سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىسى كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن سالامەتلىك ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك كىشىلەر قاتتىق كۈلۈشتىن ئېھتىيات قىلىشى كىرەك ....

  • گۈل ۋە سالامەتلىك

    گۈل كىشلەرگە ھۇزۇر بىغىشلاپلا قالماي ، مۇھتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، بۇلغىنىشنى ئازايتىپ ، تۈرلۈك كېسەلىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . نېرۋا پائاليىتى بۇلغىنىشقا باشلىغان بەزى كېسەلكىلەرنى داۋالاشتا گۈل شىپالىق رول ئوينايدۇ .. شۇنداق بولغاچىقا بەزى مەملىكەتلەردە گۈل...

  • ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت

    ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت، - بىر كىشى ئەگەر ھازىرقى ۋاقىتنى قانداق چىڭ تۇتۇشنى بىلىسە، ھەمدە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانسا، ئۇ، ئەركىن ، مەنىلىك ، ھەقىقى بولغان تۇرمۇشنى تاللىغان بولىدۇ،...

  • چىش يۇيغاندا ...

    چىشنى چوتكىلاپ يۇيغاندا ئۇنىڭ توغرا ئۇسۇلنى ئىگىلەپلا قالماي ، بەلكى سۇ تېمپېراسنىڭ مۇۋاپىق بۇلۇشغىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك . ئۇنداقتا چىشنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلتىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرسى زادى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بۇلىدۇ ؟ ياپۇنىيە خۇشېڭ ئۆلكىسدىكى تىببى مۇتەخ...

  • تەبەسسۇم

    تەبەسسۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن تەبەسسۇم، ئۇ، تاۋار ئەمەس، ئالدى - ساتتى قىلىدىغان ياكى پۇل ئورنىدا بانكىغا قويۇپ ساقلايدىغان . تەبەسسۇم، ئۇ، مۇغەمبەر كۈلكە ۋە خۇشامەت ﻫېجىيىشى ئەمەس، ناپاك نىيەتنى بېزەپ جۇلالاندۇرغان ۋە بىر پاشكا ئالىي ماركىلىق تاماكىدەك...

  • ئەتىگەندە ئۈچ ئىشنى ئۇنۇتماڭ

    ئەتىگەندە ئۈچ ئۈشنى ئۇنۇتماڭ كۆزىتىشلەتدىن قارىغاندا ، ئەتىگەندە تۆەندىكىدىك ئۈچ ئىشنى داۋاملىق قىلىپ بەرگەندە قۇلاقنق سەزگۈلەشتۈرۈپ ، كۆزنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ ، خىزمەت ۋە ئۆگۈنىش ئۈنۈمىنى يۇقرى كۆتۈرگىلى بۇلىدىگەن ________ ، 1 . كېرىلىش ، ئەتىگەندە ئورنىدىن...

  • ھەقىقىي مۇھەببەت يېنىڭىزدا !

    بىر جۈپ ياش ئەر- خوتۇن كوچا ئاپتوبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر -بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، يۇمران ھەم سىلىق بىر قول ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ. ئەر جان-دىل بىلەن ھېلىقى قولنى چىڭ تۇتۇپتۇ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كەپتۇ. ئېرى ھېلىقى قولنى قويۇپ بەر...

  • كومپيۇتېر رادىئاتسىيسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ 9 تۈرلۈك ئۇسۇلى

    1.كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا بىرنەچچە تەشتەك كاكتۇس گۈلى قويۇپ قويسا ، گۈل رادىئاتسىيسنى سۈمۈرىۋالىدۇ. 2. تۇرمۇشى جىددىي ، ئالدىراش كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيسىنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئامالى ھەر كۈنى 2 دىن 3 ئىستاكانغىچە يىشىل چاي...

  • بەزى بىمارلارنىڭ يانغون ئىشلەتمىگىنى ياخشى

    تۇتقاقلىق كىسىلى بارلار. ئادەتتە يانغون ئىشلەتكەندە يانغون ئىشلەتكۈچىنىڭ چوو مىڭىسى ئەتراپىدا ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئىلىكىترو ماگنىت دولقۇنىدىن 4~6 ھەسسە كۈچلۈك ئىلىكترو ماگنىت دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ. ئاز ساندىكى سۈپىتى ناچار يانغونلار پەيدا قىلىدىغان ئىلكترو ما...