بىر جۈپ ياش ئەر- خوتۇن كوچا ئاپتوبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر -بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، يۇمران ھەم سىلىق بىر قول ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ. ئەر جان-دىل بىلەن ھېلىقى قولنى چىڭ تۇتۇپتۇ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كەپتۇ. ئېرى ھېلىقى قولنى قويۇپ بەرگۈسى كەلمەي يانچۇقىدىن ئىسىم كارتىسىنى چىقىرىپ ئىككىلەنمەيلا ھېلىقى قولغا تۇتقۇزۇپتۇ. ئاپتوبۇستىن چۈشكەن چاغدا تۇيۇقسىز بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئەر تەرەپكە ئۇچقاندەك كەپتۇ، ئارقىسىدىكى ئايال دەرھال ئەرنى ئىتتىرىۋېتىپتۇ،نەتىجىدە ئايال يۈك ئاپتوموبىلىغا سۇقۇلۇپ جان ئۈزۈپتۇ. ئەر ئېسىنى يىغىپ، ئايالىنىڭ قان ئىچىدە ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى قۇچاقلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئۇ ئايالىنىڭ نېمىنىدۇر چىڭ سىقىمدىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالقىنىنى ئېچىپتۇ. شۇ چاغدىلا ئۇ بايىقى يۇمران، سىلىق قولنىڭ دەل ئايالىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ، چۈنكى ئايالىنىڭ سىقىمدىۋالغىنى يولدىشىنىڭ ئىسىم كارتىسى ئىكەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئائىلىنى بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشاتساق، مۇھەببەت، ئىشەنچ دېگەنلەر ئۇنىڭ يىلتىزىدۇر. بۇلار ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقۇچى مەنىۋى بايلىق، يېنىڭىزدىكى ھەقىقىي مۇھەببەت، سىز ئۈچۈن بېرىلگەن قۇربانلىقلارنى ھېس قىلالىسىڭىز ھەم ئۇنى قەدىرلىيەلىسىڭىز،ئاندىن ئىللىق ئائىلىڭىزنىڭ، مېھرىبان ،جاپاكەش ئايالىڭىزنىڭ قەدرىگە يېتەلەيسىز.
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى