تەبەسسۇم

ۋاقتى:2010-06-23 11:49مەنبە: يوللىغۇچى:مۇھەممەت چېكىلىشى:قىتىم
  


تەبەسسۇم

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


تەبەسسۇم، ئۇ، تاۋار ئەمەس، ئالدى - ساتتى قىلىدىغان ياكى پۇل ئورنىدا بانكىغا قويۇپ ساقلايدىغان .
تەبەسسۇم، ئۇ، مۇغەمبەر كۈلكە ۋە خۇشامەت ﻫېجىيىشى ئەمەس، ناپاك نىيەتنى بېزەپ جۇلالاندۇرغان ۋە بىر پاشكا ئالىي ماركىلىق تاماكىدەك يانچۇققا سېلىپ يۈرىدىغان .
تەبەسسۇم - ئىنسان قەلبىنىڭ سىرتلاشقان نادىر گۈل - چېچىكى، ئىنسانىي ﻫېسياتنىڭ خۇشبۇي ئىپار - ئەنبىرى. تۇغۇت ئازابىدا پەرياد چەككەن ئانا، دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋىقنىڭ تۇنجى يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا تەبەسسۇم قىلىدۇ، مەيلى ئۆز ياكى ئۆزگە پەرزەنتىنىڭ تۇنجى قىتىم تايتاڭلاپ ماڭغىنىنى كۆرگەن كىشى تەبەسسۇم قىلىدۇ. ئۇ پاك ﻫېسداشلىق روﻫىنىڭ ئىقتىدارى، تەلپۈنىشى ۋە جۇلاسى سۈپىتىدە ئىنسان گۈزەللىكىنىڭ بىباﻫا ئەڭگۈشتىرى بولۇپ مەيدانغا كىلىدۇ .

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

تەبەسسۇم - ﻫۆرمەت ۋە ئىپتىخار يالدامىسى تەرىزىدە كىشىلىك مۇناسىۋىتىدە چاقنايدىغان مەرۋايىت. بىز مىﻬمانلىرىمىزنى تەبەسسۇم بىلەن كۈتىۋالىمىز. ئۇسۇل - تانسىلاردا ﻫۆرمەت ۋە زوق تەبەسسۇملىرى ئىپادىلەيمىز. تەبەسسۇم ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى پەقەت ئۆز ﻫېسياتىنىڭ چىنلىقى بىلەنلا گەۋدىلەندۈرەلىشى مۇمكىن .
ئىككى ئىش ئېسىمدە. 1950- يىلى يازدا مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قانچە ۋىلايەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەكىل بولۇپ ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمدە ئۈچ ۋىلايەتتىن تېيىپچان ئېلىيوف قاتارلىق بىر قىسىم ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۈرۈمچى ۋە شىئەندە تېيىپچان ئېلىيوف بىر قانچە قىتىم تەبەسسۇم قۇچقان ئىللىق چىراي ۋە مىﻬرىبان سۆزلەر بىلەن پاراڭلاشتى. بۇ، ئۇنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە يولى ئېتىلگەن ۋە ئازاب ئىچىدە ئېڭرىغان جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىگە بولغان چوڭقۇر ﻫېسداشلىقى ئۆملۈك ئارزۇسىنىڭ بەﻫرىمەنلىك ئۇچقۇنلىرىدىن بىرى ئىدى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

1988- يىلىئاخىرقى تىنىقلىرىنى تىنىۋاتقان شائىر ئابدۇكېرىم خوجايېفنى يوقلاپ كىسەلخانىغا چىقتىم. خوجايېف كارۋىتىدىن ئايرىمچە قوزغىلىپ ئولتۇرۇپ ئاجىزلاپ كەتكەن ئاۋازى بىلەن: مەن باشقىلار تاقاپ قويغان رەڭلىك كۆزەينەك بىلەن سىزگە يىگىرمە يىل خاتا قارىدىم . ئىككى - ئۈچ يىل بولدى، بۇ كۆزەينەكنى چۆرىۋىتىپ قارىسام سىز ... ئۇ ﻫاياجان ۋە مەردانە سۆزلىرىنى ئېيتىپ كۆكسىدن بىر ئېغىر تاشنى ئېلىۋەتكەندەك يېنىكلەپ تەبەسسۇم قىلدى. بۇ تەبەسسۇم ئۇنىڭ كۆزىدىمۇ، سۆزىدىمۇ بەرىق ئۇرۇپ تۇراتتى. مەنئىختىيارسىز كۆزۈمگە ياش ئالدىم. ئۆلۈم بۇ ئىككى ئەزىمەت شائىرنىڭ تەبەسسۇمىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئۇلارنى ئەسلىگەندە، يازغاندا، ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا قايتا پەيدا بولىدىغان ﻫالال تەبەسسۇم دولقۇنلىرىنى ئاخىرلاشتۇرالىغىنى يوق .
ئىز تورى بەك ياخشى

تەبەسسۇم - تەلمۈرگەن كۆڭۈل بۇلبۇلى ئۇچراشقانگۈل جىلۋىسى، تەلپۈنگەن يۈرەك كېپىنىكى ئېرىشكەن گۈل شىرنىسى .
ئۇ، ئىنساننىڭ يوقاتقان ۋە ئىزدەپ يۈرگەن ئۆز قەلبى، ئۆزمەﻫبۇبى، ئۆز مەبۇدى. مەن يىگىرمە ئىككى يىلغا سوزۇلغان تەبەسسۇمسىزدۇنيا ئازابلىرى بىلەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كېيىنكى چىمەندازلىقىنى سېلىشتۇرغىنىمدا تەبەسسۇم ئىنسانىنىڭ تاشقى ﻫېسياتى، ئىجتىمائىي ﻫاياتىدىكى  بەختى ئىكەنلىكىنى سېزىمەن . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تەبەسسۇم - ئىجتىمائىي مۇﻫەببەت، ئۆزى بىلەن ئۆزگىنىڭ قەلبىنى بىر رىشتىدە سۆيۈندۈرگەن. تەبەسسۇم - ئالىي خەيرىخاﻫلىق، ئۆزى بىلەن ئۆزگىنىڭ ﻫېس - تۇيغۇسى، زوق - ئىپتىخارى، رىغبەت ۋە ﻫۆرمىتىنى بىر ئوبرازغا مۇجەسسەم قىلغان.
تەبەسسۈملۈك تۇرمۇش بەختلىك، تەبەسسۈملۈك ئائىلە ئىناق ئائىلە. ئويلايمەنكى، تەبەسسۈم پەقەت ئائىلە سىرتىدىكىلەرگە قارتىلغان قىزىل سىرلانغان دەرۋازا ياكى توز شەكلى چېكىلگەن پەردە بولمىسا كىرەك. ئائىلىدە ئەر- ئايال تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە تەبەسسۈمگە مۇﻫتاج. تەبەسسۇمسىز مۇﻫىت كېسەلچان مۇﻫىت. ئۇنىڭ خىزمىتى تېز قېرىتىش ،تېز ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت . «گۈلنى سىرىتقا، تىكىنىنى ئائىلە ئىچىگە» بەخىتسىز ئائىلىلەر يوقىتىۋاتقان تەبەسسۇم گۆﻫىرىنى تۈمەنلەپ پۇل ياكى زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن قايتا تېپىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق تەببەسسۇم مۇﻫىتى بولمىغان ئائىلىدە ئاتالمىش "تەقۋايىلىق"، ئەدىپىنى بېرىش، ۋايساش ۋە ئاقىۋەتتە پەرزەنتلىرىنىڭ توڭ - قوپال، كۆكەرمە، ﻫەتتا ئاتا - ئانىنى سىلكىشلىشى ﻫۆكۈمران مۇﻫىت بولۇپ قالىدۇ. "يازغا بۇلبۇل، قىشقا توڭ قاغا"، مانا بۇ ئىككىخىل ئائىلە مۇﻫىتىنىڭ يارشىقى ! ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
تەبەسسۇم - رىقابەتكە تولغان دۇنيادا ئەڭ پاك، ئەڭ ئىزگۈ ئىنسانىي ئاڭ - پىكىر، ﻫېس ۋە ﻫېسداشلىقىنىڭ مەشئېلى .
ئۇ ئوكياندىكى ماياك، دانكو قولىدىكى يالقۇنلۇق يۈرەكتەك ئىنسان ئەۋلادىنى ئۈمىدلەندۈرۈپ، ئاگاﻫلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ لەۋﻫىسى: "سەن ﻫامان ئىنسان !" دېگەندىن ئىبارەت. دەرﻫەقىقەت، ئىنسان ﻫامان ئىنسان، ئۇ ئۈنچە جاۋاﻫىرلار غارىغا ئىگە بولغىنىدىمۇ، دۇلدۇل تۇلپارغا مىنگەندىمۇ، ياپراقسىز يالغۇز دەرەخ تۈۋىدە ﻫەسرەتلىنىۋاتقىنىدىمۇ، ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. ئۈمىدسىزلىك مۇز دەرياسىغا تەۋەككۇل قىلغان ئادەم «ئىنسان» ئىبارىسىنى تاكى ﻫاياجانلانغىچە تەكرارلىسا، ئۈمىد ۋە جاسارەت ساﻫىلىغا قايتىشى مۇمكىن. ئۇنى كۈتىۋالىدىغان تۇنجى مەلىكە باشقا نەرسە ئەمەس، يەنىلا ﻫېلىقى ئالتۇن  چىراغ - تەبەسسۇمدىن ئىبارەت. پىتنە - ئىغۋا كۈلكىلىرى، قەستۇ - كۈنەملىك ﻫېجىيىشلىرى، مۇغەممەرلىك نېزىقاشلىرىغا كەلگەندە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ﻫەقىقى ئىنسانىي قەدىر - قىممەتنى خارلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئاخرقى تاپاۋىتى تارىخنىڭ ئاچچىق مەسخىرىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. تارىخ ئىنسانىيەتنى يارىتىپ، تاكاممۇللاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ ئۇلۇغۋار ئانا بۈركۈت چۈجە ئوغرىلىغۇچىلارنى كەچۈرمەيدۇ. ئىنسانىيەت بەخت - سائادىتىنى ﻫۆددە ئالغان تارىخ دولقۇنلار يېرىپ ئىلگىرلەيدۇ. تەبەسسۇم ئۇنىڭ مىلودىيىسى !  ئىز تورى بەك ياخشى

1990 - يىل 12- ئاينىڭ 12- كۈنى ، ئۈرۈمچى 
ئابدۇشۈكۈر مۇﻫەممەتئىمىن ئەسەرلىرى - 2 (ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى) ناملىق كىتابتىن ئېلىندى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(31)
66%
ئالقىشلايمەن
(16)
34%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئىىپپەت زار -زار يىغلايدۇ

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشى، بازار رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، پۇل ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا سىڭىشىشى، ئەخلاق ئىكولوگىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە بۇلغىنىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئ...

  • قايرىلىپ كەتكەن جايغا ئىسسىق ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك

    ...

  • ئۆيدىكى 10 خىل زەھەرلىك ماددا

         1 . قوش فېنول —A . ئۇ يالتىراق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، ئۇ سۇ ۋە سۈت بوتۇلكىلىرى، يالتىراق قەغەز، يېمەكلىك ئورالمىسى قاتارلىقلار تەركىبىدە بولىدىكەن، بۇنداق ماددا ھامىلە ۋە بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تەسىر كۆ...

  • ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشنى بىلەمسىز؟

    ئاپتۇرى: ياسىنجان توخنىياز توغراق ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمى. ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ كەملىكى مەغلۇپ بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بىر قېتىم ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بىر دىرېكتور ئامېرىكىلىق مەشھۇر مۇۋەپپەقىيەتشۇناس ناپولېئون خېئولدىن ياردە...

  • پۇت پۇراشىنى داۋالاشتىكى بەش خىل ئۇسۇل

    1.تۇز : ئاياغنى يېشىپ ئىچىگە ئازراق تۇز سېلىپ، ھاۋائۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇپ قويسا، ئاياغدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىنباشقا، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، پۇتقا ئازراق تۇز سېپىپياتسا، پۇتتىكى سېسىق پۇراقنى يوقاتقىل...

  • قاتتىق كۈلۈشكە بولمايدىغان كىشىلەر

    كۈلكىنىڭ سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىسى كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن سالامەتلىك ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك كىشىلەر قاتتىق كۈلۈشتىن ئېھتىيات قىلىشى كىرەك ....

  • گۈل ۋە سالامەتلىك

    گۈل كىشلەرگە ھۇزۇر بىغىشلاپلا قالماي ، مۇھتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، بۇلغىنىشنى ئازايتىپ ، تۈرلۈك كېسەلىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . نېرۋا پائاليىتى بۇلغىنىشقا باشلىغان بەزى كېسەلكىلەرنى داۋالاشتا گۈل شىپالىق رول ئوينايدۇ .. شۇنداق بولغاچىقا بەزى مەملىكەتلەردە گۈل...

  • ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت

    ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت، - بىر كىشى ئەگەر ھازىرقى ۋاقىتنى قانداق چىڭ تۇتۇشنى بىلىسە، ھەمدە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانسا، ئۇ، ئەركىن ، مەنىلىك ، ھەقىقى بولغان تۇرمۇشنى تاللىغان بولىدۇ،...

  • چىش يۇيغاندا ...

    چىشنى چوتكىلاپ يۇيغاندا ئۇنىڭ توغرا ئۇسۇلنى ئىگىلەپلا قالماي ، بەلكى سۇ تېمپېراسنىڭ مۇۋاپىق بۇلۇشغىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك . ئۇنداقتا چىشنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلتىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرسى زادى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بۇلىدۇ ؟ ياپۇنىيە خۇشېڭ ئۆلكىسدىكى تىببى مۇتەخ...

  • تەبەسسۇم

    تەبەسسۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن تەبەسسۇم، ئۇ، تاۋار ئەمەس، ئالدى - ساتتى قىلىدىغان ياكى پۇل ئورنىدا بانكىغا قويۇپ ساقلايدىغان . تەبەسسۇم، ئۇ، مۇغەمبەر كۈلكە ۋە خۇشامەت ﻫېجىيىشى ئەمەس، ناپاك نىيەتنى بېزەپ جۇلالاندۇرغان ۋە بىر پاشكا ئالىي ماركىلىق تاماكىدەك...