نىكاھنىڭ بىرىنچى كىچىسى

ۋاقتى:2010-08-21 12:48مەنبە: يوللىغۇچى:ئابلىكىم چېكىلىشى:قىتىم
  

ئۆكتەم مۇھەممەد (ئۆزبېكىستان)

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

كېلىن تاللاش خۇسۇسىدا

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

       پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئۈممىتىم، نىكاھلىنىڭ. چۈنكى بىر كۈننىڭ نىكاھى، بىر يىللىق
نەپلى ئىبادەتتىن خەيرىلىكتۇر! سىلەردىن بىرىڭلار ئۆيلەنسە شەيتان شېرىكلىرىگە شۇنداق دەپ ۋارقىرايدۇ: ‹بۇ ئادەم دىننىڭ
ئىككىدىن بىر بۆلۈكىنى ئادا قىلدى، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش تەس› ئۆيلەنسەڭلار ئۆزۈڭلەرگە ئاتىلىق، ئۆيلەنگەن قىزغا بولسا ئانىلىق
شەرىپىنى بەخىش ئەتكەن بولىسىلەر».
        پەيغەمبىرىمىز يەنە: «نىكاھتا ئايالنىڭ تۆت تەرىپى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ: مال ـ  مۈلكى، خۇشپىچىم ـ  گۈزەللىكى ۋە دىنىي ئىز تورى بەك ياخشى
ئېتىقادى. سىلەر ئەلۋەتتە ئېتقادلىق ئايالنى تاللاڭلار. شۇندىلا ئائىلە بەرىكەت تاپقۇسى» دېگەن. شۇنىڭدەك باشقا بىر
ھەدىستە: «ئاياللارنى پەقەت چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈنلا نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار، چىرايى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى يامانلاشتۇرۇپ قويۇشى
مۇمكىن. ئۇلارغا مال ـ  دۇنياسى ئۈچۈنمۇ ئۆيلەنمەڭلار، مال ـ  دۇنيا ئۇلارنى يولدىن ئازدۇرۇشى مۇمكىن. ئاياللارغا ئېتىقادى ۋە
ئەدەب ـ  ئەخلاق، قائىدە ـ  يوسۇن بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆيلىنىڭلار. شۈبھىسىزكى، كۆڭلىكى يىرتىق، كۆڭلى سۇنۇق بولسىمۇ
ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، قائىدە ـ  يوسۇن ۋە شەرم ـ  ھايالىق ئايالغا ئۆيلىنىش ناھايىتى قىممەتلىكتۇر» دېيىلگەن. كۆپچىلىك

copyright by www.iz.la

ئالىملار، ئۆيلىنىش ئىشىدا يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىشنى، بولغۇسى كېلىننى ئادىللىق بىلەن (غەرەزسىز ھالدا) تاللاشنى تەۋسىيە
قىلىشىدۇ. كېلىننىڭ بويى كۈيئوغۇلدىن بەك پاكارمۇ، بەك ئېگىزمۇ بولماسلىقى مۇۋاپىق دەپ قارالغان. كېلىن تاللاشتا
تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر:
1) ئاھ ـ  ۋاھ ئۇرۇپ، ھەممە نەرسىدىن زارلىنىدىغان؛
2) قىلغان خىزمىتىنى مىننەت قىلىدىغان؛
3) يات ئەرلەرگە كۆز قۇيرۇقىدا بولسىمۇ قانداقتۇر غەيرى مۇددىئا بىلەن قارايدىغان؛
4) تاشقىرىدا ياسىنىپ ـ  تارىنىپ، ئۆي ئىچىدە پاسكىنا، تەرتىپسىز كىيىنىدىغان؛
5) ئىتائەتسىز، كىبىر - تەمەننالىق، قوپال قىزلارنى ھەمراھلىققا تاللاشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بولغۇسى كېلىنچەكنى تاللاشتا ئۇنىڭ قايسىي خىسلەتلىرىگە ئاساسلانسا مۇتلەق ئاداشماسلىق مۇمكىن؟
ئىمام غەززالىينىڭ «نىكاھ ئەدەبلىرى» ناملىق رىسالىسىدە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تاللاشتا تۆۋەندىكى سەككىز خىسلەتكە ئەھمىيەت
بېرىش لازىملىقى تەكىتلەنگەن:
1. بولغۇسى كېلىننىڭ دىيانەتلىك، ئېتىقادلىق، شەرم ـ  ھايالىق بولۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، يۇقىرىدا تەكىتلەپ
ئۆتۈلگىنىدەك، ھەقىقىي دىيانەتلىك ئايال كۆپ جەھەتتىن ئېرىگە ساداقەتمەن كېلىدۇ.
2. ياخشى ئەخلاقلىق بولۇشمۇ ناھايىتى زۆرۈردۇر. چۈنكى شاللاق، خۇيى يامان، قانائەتسىز، بۇزۇق ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ياخشى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مىجەزلىك، ئەدەب ـ  ئەخلاقلىق پەرزەنتلەرنىڭ تۆرىلىشى ناتايىن. شۇ سەۋەبلىك بولغۇسى كۈيئوغۇللارغا مىننەتنى راۋا كۆرگۈچى،
شەھۋەتپەرەس، مال - دۇنياغا ھېرىسمەن، مەمەدان، قانائەتسىز، كوچىغا چىققاندىلا ياسىنىدىغان، ئازراق خاپا بولۇشقاندا
ئۆيدىكى نەرسىلەرنى ئايرىشقا تۇرىدىغان بەد قىلىق قىزلار بىلەن ئائىلە قۇرۇشتىن ساقلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
3. بولغۇسى كېلىننىڭ گۈزەل، خۇشچىراي بولۇشىمۇ زۆرۈر شەرتلەردىندۇر. چۈنكى، مۇھەببەت رىشتىسىنى باغلىغۇچى ئامىللاردىن بىرى
چىراي گۈزەللىكىدۇر. كۆرۈمسىز ئايالنىڭ چېھرىسى تېزلا كۆڭۈلنى سوۋۇتۇشى مۇمكىن. ئەمما گۈزەللىك دىيانەت ۋە ياخشى مىجەز ـ 

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


خۇلقلاردىن ئايرىلماسلىقى لازىم. دىيانەتسىز ۋە بەدخۇلق ئايالنىڭ چېھرە گۈزەللىكى ئۇنى پاھىشىلىككە يېتەكلىشى مۇمكىن.
يۇقىرىدىكى ھادىسىلەردە دىيانەتسىز ئايالغا ئۆيلىنىش تەۋسىيە قىلىنغانلىقى، گۈزەللىككە ئىنتىنلىشنى ئەسلا ئىنكار
قىلمايدىغانلىقىنى توغرا چۈشىنىش لازىم.
4. كېلىنغا بېرىلىدىغان قىز مېلىنىڭ ئاز بولۇشىمۇ ئېسىل خىسلەتلەردىندۇر. مەلۇمكى، قىز مېلى كۈيئوغۇل تەرىپىدىن بولغۇسى
كېلىنچەككە مۈلۈك سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. قىز مېلى كېلىن ۋە ئۇنىڭ ئاتا ـ  ئانىسى تەرىپىدىن قانچىلىك ئاز سورالسا، شۇنچە ياخشى
دەپ قارىلىدۇ.
    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئاياللارنىڭ ئەڭ ۋاپادارى، چىراي جەھەتتىن ئەڭ گۈزەل ۋە قىز مېلى يەڭگىل بولغانلىرىدۇر»

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


دېگەن. شۇنىڭدەك، «ئايالنىڭ ئەرگە تېگىشى، تۇغۇشى ۋە قىز مېلىنىڭ يەڭگىل بولۇشى ئۇنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىدىندۇر».
دېيىلگەن.
كۈيئوغۇلنىڭ كېلىننىڭ مال ـ  دۇنياسىنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشى ئەڭ ئېغىر خاتالىق ۋە قاملاشمىغان ئىشتۇر. ئالىملاردىن
بىرى: «كىشى ئۆيلەنگەن ھامان ‹ئەجەبا، ئايالىمنىڭ بىرەر نەرسىسى بارمىكىن؟› دېسە، بىلىش كېرەككى، ئۇ ئەر شەكسىز ئوغرىدۇر»
دېگەن. قۇدا تەرەپلەر بىر ـ  بىرىگە ھەدىيە قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭراقىنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا كۆز تىكىشمۇ  بەخۇلق
بەلگىلىرىدىندۇر. تويلاردىكى دەبدەبىلەر، قىزلىق مېلىنى زىيادە تەلەپ قىلىش ۋە كۈيئوغۇللارنى مال ـ  دۇنياسى بار ـ  يوقلۇقىنى ئىز تورى بەك ياخشى
سۈرۈشتە قىلىش ئۆرپ ـ  ئادەت ۋە مۇسۇلماندارچىلىقلىرىمىزغا خىلاپ ئىشلاردۇر.
5. كېلىننىڭ تۇغۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر. دەرھەقىقەت، كۆپچىلىك ئالىملار ھامىلدار بولۇش
ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم ئاياللارغا ئۆيلىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى قەيىت قىلىشقان. چۈنكى، رەسۇلىللاھ: «سۆيۈملۈك ۋە
تۇغالايدىغان ئاياللارغا ئۆيلىنىڭلار» دېگەن. ئەگەر ئايال بۇرۇن تۇرمۇش قۇرمىغان بولسا ۋە تۇغماسلىقى بىلىنمىسە، ئۇنىڭ
ساغلاملىقى ۋە يېشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. چۈنكى ئايال قانچىلىك ياش ۋە ساغلام بولسا تۇغۇش ئىمكانىيىتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. www.iz.la
چۈنكى زامانىۋى تىبابىتىمىزمۇ 28 ياشقىچە ھامىلدار بولمىغان ئاياللاردا كېيىنچىرەك تۇنجى تۇغۇت جەريانىدا كۆپلىگەن
ئاسارەتلەرنىڭ ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ.
6. ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللانغان قىز پاك بولۇشى لازىم. چۈنكى، رەسۇلىللاھ  بىر جۇۋانغا ئۆيلەنگەن ساھابىگە: «نېمىشقا قىزغا
ئۆيلەنمىدىڭ؟» دەپ تەنبىھ تەرىقىسىدە سۇئال قويغان. پاكلىقتا ئۈچ پايدىلىق تەرەپ مەۋجۇت ئىكەن:
1) پاك كېلىنچەك تۇنجى دوست قەدرىنى ھېس قىلغانلىقى سەۋەبلىك، پەقەت ئۆزى بىلگەن ئەرنىلا سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن
كۇپايىلىنىدۇ ھەمدە بۇرۇن ئەرلەر بىلەن ئارىلاشقان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېرىگە ساداقەتمەن، مېھىر ـ  مۇھەببەتلىك بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2) پاك ئايال ئېرى تەرىپىدىن بەكرەك قەدىرلىنىدۇ، سۆيۈلىدۇ. چۈنكى، ئۆز رەپىقىسىنىڭ ئالدىنقى تۇرمۇشىنى ئەسلەش، ئەرنىڭ
كۆڭلىنى غەش قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بولغان كۆڭلىنى قايتۇرۇشى مۇمكىن.
3) بۇرۇن تۇرمۇش قۇرغان ئايال ئەلۋەتتە بىرىنچى ئېرىنى كۆپرەك ئەسلەيدۇ، چۈنكى مۇھەببەت تۇنجى جۈپتى بىلەن يۇقىرى
پەللىگە يېتىشى ۋە خاتىرىدە ساقلىنىشى شۈبھىسىز.
پاكلىق بەلگىلىرى، ئىپپەت ۋە نومۇس ھەققىدە ئەسىرىمىزنىڭ كېيىنكى بابلىرىدا مۇپەسسىلرەك توختىلىپ ئۆتىمىز.
7. ئايالنىڭ نەسىل ـ  نەسەبلىك، يەنى ئېسىلزادە بولۇشىمۇ تۇرمۇشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ «يەتتە

copyright by www.iz.la


ئەۋالادىنى سۈرۈشتۈرۈشى» بىكاردىنلا پەيدا بولغان قائىدە ئەمەس. ئېسىل نەسەبلىك، دىيانەتلىك قىزلارلا كەلگۈسىدە ئىپپەتلىك،
ئەخلاقلىق ئايال بولۇپ، ياخشى پەرزەنتلەر، ساغلام ئەۋلادلارنى تەربىيلەشكە قادىرلاردۇر. بۇ ئورۇندا ئېرسىيەت خاراكتېرلىك
كېسەللىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈشمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
8. ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللانغان ئايال يېقىن تۇغقان، قېرىنداشلاردىن بولماسلىقى شەرت. چۈنكى، پەيغەمبىرىمىز: «يېقىن
قېرىنداش بولغان ئايالغا ئۆيلەنمەڭلار، چۈنكى، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بالا ئاجىز، كېسەلمەن بولىدۇ» دەپ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەردىن
بىزنى ئاگاھلاندۇرغان. ھېسىياتنىڭ جۇشقۇن ھەم كۆتۈرەڭگۈلۈكىمۇ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. چۈنكى زامانىۋى تىببىي ئىلىممۇ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بۇنداق بولۇشنىڭ ئائىلىنىڭ بەخىتلىك ۋە ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئەلۋەتتە، ساغلام
تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ ناتونۇشلار ئارىسىدىكى نىكاھ ئارقلىق ياخشى مۇۋەپپقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقى تىببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ
نۇرغۇن يىللىق تەجرىبىلىرىنىڭ يېغىندىسى.
كېلىن تاللاش خۇسۇسىدا ساھىبقىران ئەمىر تۆمۈر بوۋىمىز شۇنداق دېگەن: «ئوغۇللىرىم، نەۋرىلىرىم ۋە يېقىنلىرىمنى ئۆيلەندۈرۈش
تەشۋىشىدە كېلىن ئىزدەشكە ئېتىبار بەردىم. بۇ ئىشنى دۆلەت ئىشلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويدۇم. كېلىن بولغۇچىنىڭ نەسىل ـ 
نەسەبىنى، يەتتە ئەۋلادىنى سۈرۈشتۈردۈم. خاس ئادەملەر ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالىنى، جىسمانىي كامالىتىنى ئېنىقلىدىم. كېلىن ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بولغۇچىنىڭ نەسىل ـ  نەسەبى، ئەدەب ـ  ئەخلاقى، ساغلام ۋە بەقۇۋۋەتلىكى بىلەن بارچە قۇسۇرلاردىن خالىي بولسىلا، ئەل ـ  يۇرتقا
چاي بېرىپ، كېلىن ئەكىردىم».

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


 كۈيئوغۇل تاللاش خۇسۇسىدا مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

          ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «قىزلىرىڭلارنى تۇرمۇشقا چىقىرىش مەسىلىسىدە ئانىلىرى بىلەن (ئەھلى
ئايالىڭىز بىلەن) مەسلىھەت قىلىڭلار» دېگەن. چۈنكى، قىز بالا ئۈچۈن ئانىسى سىرداشتۇر، ئانىنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئاتىسى
بىلمەيدىغان ئايرىم تەرەپلىرىدىن بىخەۋەر بولۇشى ناتايىن. قىز رەسىدە پەلەمپىيىدىن ئۆتۈپ چوڭ بولغانسىرى ئائىلىگە
ئەلچىلەرنىڭ كېلىشى تەبىئىي. شۇ سەۋەبتىن، ئاتا ھەمدە ئانا كۈيئوغۇل تاللاش مەسلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. لېكىن ئۇلار بۇ جەرياندا
قاتتىق ھۇشيار بولۇشلىرى لازىم. قەدىمدە ئاتا ـ  بوۋىلىرىمىز بەدخۇلق، چېھرى خۇنۇك، ئىمانى زەئىپ، دىيانەتسىز، قىز ھەققىنى ئادا

ئىز تورى www.iz.la

قىلالمايدىغان، نەسىل ـ  نەسەبى ناپاك كۈيئوغۇللارغا دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن يىگىت بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى سىناشنى ئۆزلىرىگە
ئادەت قىلغان.
       چۈنكى، رەسۇلىللا: «نىكاھ قۇللۇققا ئوخشايدۇ. شۇ سەۋەبتىن قىزىڭلارنى كىمگە بېرىۋاتقىنىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار» دەپ
ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇ سەۋەبتىن، ئاتا ـ  ئانا ئامراق قىزىنى زۇلۇمكار، ئەخلاقى ناچار، ئىمانسىز، ئىشرەتۋاز، ھاراقكەش،
چىكەرمەن كىشىگە ياتلىق قىلسا ئالدىراقسانلىقى، ئەدەبلىك كۈيئوغۇل تاللىمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ قەھرى ـ  غەزىپىگە ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
دۇچار بولىدۇ.
       مىڭ ئەپسۇسكى، كۆپلىگەن زامانداشلىرىمىز بۈگۈنكى كۈندە كۈيئوغۇل تاللاش ئىشىدا ئاخىرەتنى ئويلىماي ئىش تۇتماقتا.
بۇنداقلا كۈيئوغۇلنىڭ ئۆزىدىن كۆرە ئاتا ـ  ئانىسىنىڭ مەنسىپى، بايلىقىنى ئەلا بىلىپ قىزلىرىنىڭ بەختىگە ئولتۇرغانلىقىنى ئىلغا
قىلماي يۈرمەكتە. سىر ئەمەس، ئەخلاقسىز، ئىشرەتۋاز، چىكەرمەن، ھاراقكەش ياشلارنىڭ كۆپ قىسمى ھارام پايدا ھېسابىغا
دۆلەتمەن بولغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.
       دېمەك، كۈيئوغۇل تاللاش ئىشىدا، ئاتىغا ئىنتايىن چوڭ مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن بولىدۇ. ناۋادا، بولغۇسى كۈيئوغۇل ھەققىدە

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


كۆپ سۈرۈشتۈرۈلسە، تۈرلۈك ئۇسۇللاردا سىناق ئېلىپ بېرىلسا ۋە قىزنىڭ ئاتىسى يىگىت بىلەن قايتا ـ  قايتا سۆھبەتلەشسە دۇنيا ۋە
ئاخىرەتتە پايدا شۇلارنىڭدۇر. يەنە شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، ئاتىلار بولغۇسى كۈيئوغۇلنىڭ مۇفەسسىل تىببىي
كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشىنىمۇ نازارەت قىلسا، ئۇ چاغدا نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلۇپ، كۆڭۈللەر يورۇق بولىدۇ.
        ئەپسۇسكى ھازىرقى تۇرمۇش قۇرۇۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ ئايرىملىرى تەۋەككۈلچىلىك ئۇسۇلى بىلەن ئائىلە قۇرۇشماقتا.
شۇنىڭدەك، ئۇرۇق - تۇغقان، قېرىنداشلىرىدىن بىرەرسىنىڭ تونۇشتۇرۇش، ماختاش ۋە تەۋسىيەلىرىگە ئاساسەن بىر قېتىم كۆرۈشۈپلا

copyright by www.iz.la


ئائىلە قۇرۇۋاتقانلارمۇ نۇرغۇن. ئاخىر، بولغۇسى كېلىن - كۈيئوغۇللار بىر ئۇچرىشىپلا پەقەت تاشقىي قىياپىتى، چىرايى ۋە قەددى ـ 
قامىتى ھەققىدە تەسەۋۋۇرغا ئېگە بولۇشى مۇمكىن، خالاس. توۋا دەيمەن، قىز ـ  يىگىتلەر بىر - بىرىنىڭ مىجەز خۇلقى، ئىتىقادى،
بىلىمى، ئەخلاق - پەزىلىتى، دىيانىتى ھەققىدە ئويلاشنى خالىمامدىغاندۇ؟!
        رەسۇلىللا ئۆيلەنمەكچى بولغان ساھابىلەردىن بىرىگە: «ئاۋۋال ئۇ ئايالنى كۆرگىن. چۈنكى ئۇنى كۆرسەڭ ئاراڭلاردا
مۇھەببەت، ئۈلپەتلىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېگەن. ئەمما بۇ كۆرۈشۈش ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ نازارىتى
copyright by www.iz.la

ئاستىدا بولۇشى شەرت. ئەپسۇسكى، ئۇچرىشىش باھانىسى بىلەن بىر قىسىم ئەخلاقسىز ياشلار ئىپپەتكە قول سوزۇش دەرىجىسىگە
يەتمەكتە. رەسۇلىللا مۇنداق دەيدۇ: «ھەمراھى بولمىغان بىر كىشى بىلەن يالغۇز ئايال ئادەم يوق جايدا خالىي قالسا، ئۇلارنىڭ
ئۈچىنچىسى شەيتاندۇر». شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، نىكاھ ئوقۇلۇپ، توي ئۆتكۈزۈلۈپ، ھۇجرىغا كىرگەنگە قەدەر ياشلار بىر
ـ  بىرىگە نامەھرەمدۇر. لېكىن كۆپ قىسىم ياشلار، غەرب ئەللىرىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە سىنىشىش باھانىسى بىلەن بىر ـ  بىرىگە
نىكاھتىن ئاۋۋال قول تەگكۈزمەكتە. شەكسىزكى، بۇ پەن نۇقتىسىدىن ئۇچىغا چىققان ئەخلاقسىزلىق، شەرىئەت ئەھكاملىرى www.iz.la
نۇقتىسىدىن بولسا ئىمانسىزلىقتۇر. ياشلارنىڭ بىر ـ  بىرىگە ئۇناشتۇرۇلغانلىقى تېخى «ئائىلە قۇرۇلدى» دېگەن گەپ ئەمەس.
بولغۇسى كېلىن - كۈيئوغۇللار ئۇچرىشىشتا شەرىئەت ئەھكاملىرىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشلىرى شەرت ھېسابلىنىدۇ.
      بۈگۈنكى كۈندە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا نىكاھقىچە مۇفەسسىل تىببىي
كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش، ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ئىز تورى بەك ياخشى

(ئۆزبېكىستان دەۋر نەشرىياتى نەشر قىلغان «نىكاھنىڭ بىرىنچى كېچىسى» ناملىق كىتابتىن ئابدۇكېرىم ئىسمائىل بوزتېكىن
تەرجىمىسى)

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(92)
92%
ئالقىشلايمەن
(8)
8%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئاسان بەربات بولدىغان سەككىز خىل نىكاھ

    ئاسان بەربات بولىدىغان سەككىز خىل نىكاھ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى سەككىزتۈرلۈك نىكاھ ئاسانلا بەربات بولىدىكەن: (1) رومانتىك تىپىدىكى نىكاھ رومانتىكىلىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ نىكاھقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى شېرىنلى...

  • بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ

    بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرى ياخشى نىيەتلىك خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىل...

  • ئەر خۇتۇنلارنىڭ جىدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز

    ئەرخۇتۇنلارنىڭ جېدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز (1) قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىق تەرپىگە ھۇجۇم قىلماسلىق كېرەك . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەلۇم ئاجىزلىق تەرەپلىرى بولىدۇ . سىزنىڭ جۆرىڭىز ھەرگىز سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس ، شۇنداق ئىكەن ، سىز ئۇنىڭ ئاجىزلىق...

  • ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ

    ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ئادەم ئاچچىقلانغاندا ،بۆرەك ئاستى بېزى ھورمۇنىنىڭ ئاجىرلىشى كۈچۈيىپ ،نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك رىتىمىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامىرىكا يۈرەك كېسەلىكى مۇتەخەسىسى دوختۇر ۋېيج...

  • سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق

    سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق گىرمانىيىدە چىقىدىغان ئىلىم -پەن ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشچە دائىم سۆيۈشۈپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق بۇلۇپ ئادەم بەدىنى قىزغىن ھىسياتلىق سۆيۈشۈش سىگىنالىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن چوڭ مىڭدىكى بەخى...

  • ئاياللار ھەققىدە

    ئاياللارھەققىدە 1.ئىنسانلارنىڭبەخت-سائادىتىخوتۇنلارئالدىدىدۇر.2.بىرخوتۇنن...

  • مۇﻫەبىىتىمىز مەڭگۈ داۋاملاشسۇن

    ﻫېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۈرگەن قىزىم يەنى ﻫازىرقى ئايالىم مەندىن: سىز مىنى ﻫەقىقىي ياخشى كۆرەمسىز؟ مېنى مەڭگۈ مۇشۇنداق سۆيەمسىز ياكى باشقا ئەرلەردەك تويدىن كېيىن ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالارسىزمۇ؟! دەپ سورىغانىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ...

  • تۇرمۇشىڭىزغا باشقىلار چېپىلۋالمىسۇن ....!

    ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ئىككەيلەنىڭ قانۇنى نىكاھلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ ،ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەر- ئايالنىڭ خۇسۇسىي ئىشىدۇر. شۇڭا ئەر- ئاياللارنىڭ تۇرمىشىغا زۆرۈر تېپىلغاندا ئارلىشىش، بولۇپمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئەمەس ئەرزىمەس ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئارلىشىپ...

  • ئاياللارنىڭ نازاكىتى

    ئاياللارنىڭ نازاكىتى ئاياللاردىكى يۈرۈش،تۇرۇش ،كىيىنىش نازاكىتى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىراتىنى ئىپادىلەيدۇ.ئاياللاردىكى گەپ-سۆز نازاكىتى ئۇلارنىڭ ساپاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئائىلىدەۋەياكى سورۇنلاردا بىلەرمەنلىك قىلدىغان ،باشقىلانىڭ سۆزىنى تا...

  • ئەرلەر كەينىدىكى ئاياللار

    يوللىغۇچى ؛ نازاكەت جەمئىيەت ئۆزگەردىمۇ ياكى ئەرلەر ئۆزگەردىمۇ؟ئىشقىلىپ،ھازىر بىر قىسىم ئەرلەر دائىم ئايالىنىڭ بارغانسېرى سارغايغان چىرايىدىن،يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان ناز كەرەشمىسىدىن زارلىنىدۇ؛ئايالىنى تولا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى دەپ ئاغرىنىدۇ؛ئۇنىڭ پىشانىسىدى...