سۆيۇش ۋە سۆيۇلۇش بىر پەيلاسوپ شەھەر سىرتىدا سەيلە قىلىۋاتقىنىدا ،يىغلاۋاتقان بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ .پەيلاسوپ ئۇنىڭدىن نىمىگە شۇنچە ئازاپلىنىدىغانلىقىنى سورىغان ئىكەن ،ئۇ « مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولدۇم » دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .بۇنى ئاڭلىغان پەيلاسوپ قوللىرىنى چاۋاكلاپ :«ۋاي ھاماقەت ، ۋاي ھاماقەت»دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتىپتۇ . ئارقىدىنلا: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- سىزنىڭ مۇنچە ئازابلىنىشىڭىز ، قەلبىڭىزدە مۇھەببەتنىڭ يەنىلا مەۋجۈت ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى .سىز مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولمىدىڭىز ، مەھرۇم بولغىنىڭىز پەقەت سىزنى سۆيمەيدىغان بىر ئادەم خالاس.بۇنىڭغا شۇنچە ئازاپ چىكىش نە ھاجەت؟ مېنىڭچە ، سىز قايتىپ كېتىپ ياخشىراق ئويلىنىڭ ، يىغلاش كېرەك بولسا ، سىز ئەمەس ئۇ يىغلىسۇن ! ئۇ سىزدىن مەھرۇم بولغاننى ئاز دەپ ، يەنە تېخى سىزدىكى شۇ مۇھەببەتتىنمۇ مەھرۇم بوپتۇ ، ئۇ نىمىدىگەن بىچارە -ھە ! - دەپتۇ .
ئۇنىڭ يىغىسى توختاپ ، چىرايىغا كۈلكە يۈگىرىپتۇ ۋە پەيلاسوپقا تازىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ، كەينىگە بۇرۇلغىنىچە كىتىپ قاپتۇ .
www.iz.la
مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى
ئىز تورى بەك ياخشى