ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرى ياخشى نىيەتلىك خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىلىپ ئارام بەرمەيدۇ ، ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە كۈچەيدۇ . ئەرلىرى گەپتىن قالمىغۇچە ياكى ئۆيدىن چىقىپ كەتمىگۈچە ، قۇلاق - مېڭىسىنى يەپ ساراڭ قىلىۋېتىدۇ . ھە دېسىلا قىلغان ئىشلىرىنى پەش قىلىپ ، ئۆلگۈچە مىننەت قىلىدۇ ، ئەرلىرىدىن كۆرگەن ياخشىلىقلارنى ئىنكار قىلىدۇ ، ھەتتا ئۇيالماي نومۇسسىزلارچە : « مەن سېنىڭدىن ھېچبىر ياخشىلىق كۆرمىدىم ، ئىسىت ، سەن بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈمگە » دەپ ئاجراشماقچى بولىدۇ . ھالبۇكى ، بۇنداق خوتۇنلار ئۆزلىرىنى بەختسىز قىلغىنىنى ئاز دەپ ، ئەرلىرىنىمۇ ھەسرەتتە قالدۇرىدۇ ، بالىلارنى يىتىم قىلىدۇ . ئەپسۇس ، ئۇلار بۇ خىل ئوساللىقتىن كۆرە ، ئەرلىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەي ، سىلىق - سىپايىلىق بىلەن ئۆز مەقسىتىنى چىرايلىقچە دېسە ، ئەرلىرىنىڭ ئىخلاس ۋە مۇھەببىتىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولۇر ئىدى .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!