<ئاشنا> بىزگە نىمە بېرىدۇ؟

ۋاقتى:2009-10-07 15:25مەنبە:blog.78.la/u/kokus/ يوللىغۇچى:admin چېكىلىشى:قىتىم
  

  جەمىئيەت تەرەققى قىلمىغان،كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن چاغلاردا مۇھەببەتنىڭ قەدىر-قىممىتى ئادەمنىڭ ھاياتىدىنمۇ ئۈستۈن تۇراتتى.مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەر تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە روھىي بېسىملارغا ئۇچرىسىمۇ،مۇھەببەتنىڭ كۈچ قۇدرىتىدىن،ئەخلاق،نۇمۇسنىڭ تۈرتكىسىدىن ئاشۇ چىن،ھەقىقى مۇھەببىتى ئۈچۈن ھەتتا ھاياتىدىنمۇ كېچەتتى.  ئۇ يىللاردا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ  قاتماللىقىدىنمۇ ياكى فېئوداللىق ئىدىيىنىڭ ئاسارىتىدىنمۇ نۇرغۇن قىز-يىگىتلەر ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتەلمەي،ئاتا-ئانىلىرىنىڭ رايى بويىچەباشقا بىرلىرى بىلەن توي قىلىپ كېتەتتى-يۇ،يەنىلا بۇرۇنقى مۇھەببىتى،ئەقىدىسى  قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا  ساقلىنىپ قالاتتى.بەزىلىرى ھەتتا يۇشۇرۇنچە باردى-كەلدى قىلىپ ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوست بۇرادەرلىرىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىگە قالاتتى. توۋا دەيمەن،جەمىيەت تەرەققى قىلغان،نىكاھ،مۇھەببەت ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغان مۇشۇنداق شارائىتتا يەنە <ئاشنا>ۋە ئاشنىدارچىلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى نىمە سەۋەپتىندۇر...............

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    جەمىيەتتە نۇرغۇن جاپاكەش،مەسئۇلىيەتچان،ئەخلاقلىق ئەر-ئاياللىرىمىز،ياش قىز-يىگىتلىرىمىزئۆز ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەملىكى،ئوماق پەرزەنتلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ.ئەمما شۇنداقمۇ كىشىلەر باركى،ئۇلار ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىگە،مۇھەببەت جەۋھىرى بولغان پەرزەنتلىرىگە  يۈز كېلەلمەيدىغان ناشايان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرگەننى ئاز دەپ بۇنىڭدىن نۇمۇس قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئاشۇ <ئاشنا>دارچىلىغى ئۇچۇن باشقىلار ئالدىدا گېدەيمەكتە.      ئىلگىرىكى جەمىيەتتەبەگ-غوجاملار قانچە كۆپ خوتۇن-توقاللارنى ئالسا بۇ ئۇلارنىڭ ئمتىياز مەرتىۋىسىنىڭ يۇقۇرىلىقىنى ئىپادىلەيتتى.ئەمدى ھازىر جەمىيەتتىكى بەزى ئەر-ئاياللارنىڭ <ئاشنا-ئاداش>ئوينىشى نىمە زۆرۇرىيەتتىن بولۇۋاتىدۇ؟بىزنىڭ شۇنداق ئىشلارغا سەرىپ قىلغۇدەك شۇنچە كۆپ ۋاقتىمىز بارمۇ؟بۇنىڭدىن باشقا قىلغۇدەك ئشلىرىمىز يوقمۇ ياكى ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ ھازىر جەمىيىتىمىزدەنەرخى قالمىدىمۇ؟قايسى بىر دۆلەت،قايسى بىر مىللەت بۇزۇقچىلىق ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلغان،دۇنياغا تۇنۇتقان؟.................. copyright by www.iz.la
  ئويلاپ باقايلى،<ئاشنا>بىزگە زادى نىمە قىلىپ بېرىدۇ؟نىمە قىلىپ بەردى؟
ئۇ بىزگە كۈيۈمچان ئەر،ۋاپادار ئايال بولالامدۇ؟ئوتىمىزدا كۆيۈپ ،سۈيىمىزدە ئېقىپ،يوقنى بار قىلىپ بېرەلەمدۇ؟ھالىمىزغا يېتىپ كۈيۈمچان يولداش،ياخشى مىڭداش بولالامدۇ؟كىيىمىمىز كىر بولسا يۇيۇپ بېرىپ،بىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلارنى  ئۆز ھالال مېھنىتى بىلەن ئېتىپ ئادىمىزغا قويالامدۇ؟ئوماق پەرزەنتىمىزنى بېقىپ،تەربىيىلەپ،بىز پەخىرلەنگۈدەكياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالامدۇ؟كۈيۈمچان ئاتا-ئانىمىز ئۈچۈن مېھرىبان ئوغۇل-كېلىن بولۇپ،ئۇلارنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ،كۈلكىسىنى تەڭ كۈلۈپ،غېمىنى يەپ،ھەقىقى پەرزەنتلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالالامدۇ؟

copyright by www.iz.la


ئادەمنىڭ بېشىغا ھەر خىل كۈنلەر چۈشىدۇ،ناۋادا تاسادىپىي خىزمەت،تىجارەت ۋەباشقا ئىشلار تۈپەيلى بىرەر پالاكەتكە يولۇقساق  ۋە ياكى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن  تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالساق،ئاشۇ<ئاشنا>بىز ئۈچۈن ئەينى چاغداتۇتاملاپ خەجلىگەن پۇلىمىزنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى بولسىمۇ سەرىپ قىلالامدۇ؟ھالال جۈپتىمىزگە ئوخشاش چىن كۆڭلىدىن ھالىمىزدىن خەۋەر ئالالامدۇ؟بىز سوغا قىلغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ مېھرىدىن كېچىپ  ياكى ئۆتنە يېرىم قىلىپ،ئاشۇ قىيىنچىلىقلاردىن  قۇتۇلىشىمىزغا ياردەم قىلالامدۇ؟........... ئىز تورى www.iz.la

        ياق!ياق!بۇ ئەسلا مۈمكىن ئەمەس،ئۇلارنىڭ قەلبىدە يۇقىرىقىدەك  ئىنسانىي پەزىلەتلەر  مەۋجۇت بولىدىغان بولسا،ئۇلارمۇ بىڭ كۆڭۈللۈك ئائىلىنىڭ،بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ خوجىسى بولۇپ قالغان بولاتتى.ئۇلاردا ئىنسانىي پەزىلىتى بىلەن ئۆز ئىپپىتىنى،قەدىر-قىممىتىنى ساقلاپ  ھالال ياشاپ، ھەقىقى بىر ئائىلىنى روناق تاپقۇزۇش مەقسىتى بولساھەرگىزمۇ ئۆز ئائىلىسىگە ياكى باشقىلارنىڭ ئىناق بەخىتلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بولاتتى.ئەخلاق قەسىرىنىڭ دەرۋازىسىنى ۋىجدان قۇلۇپى بىلەن ساقلاپ،جەمىيەتتەبويۇن قىسىپ تەمتىرەپ يۈرگەن سەبىي،بىگۇناھ پەرزەنتلەرنىڭ بەختىگە زامىن بولمىغان بولاتتى.زادى<ئاشنا>بىزگە  نىمە قىلىپ بەردى؟...............

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


      ئەر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى،بالىنىڭ ئىشەنچى،پەخرى،ئەر يىقىلسا ئائىلە گۆمۈرۈلىدۇ،بەخىتلىك تۇرمۇش توزۇيدۇ.شۇڭا ئەر بولغاندىكىن ئەرلىك سالاپىتىمىز بىلەن ياشىشىمىز،ئاياللىرىمىزغا،بالىلىرىمىزغا شۇنداقلا جەمىيەتكە مەسئۇل بولىشىمىز،ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئىدارە قىلىشىمىز كېرەك.    بىر قىسىم ئەرلىرىمىز بار،ئايالى كىيىمىنى پاكىز يۇيۇپ ،دەزماللاپ،ماسلاشتۇرۇپ كىيدۈرۈپ قويسائۆيدىن قېتىپ،پوچىلىق بىلەن ھەيۋە قىلىپ چىقىپ سىرتتا ئۆز قىياپىتىدىن پەخىرلىنىپ،قىزلارنى كەينەگە سېلىپ باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىپ  يۈرۈيدىغان؛ئۆيدە ئايالىغا ھەيۋە كۆرسىتىپ ھاقارەتلەپ ،ئۇرۇپ-سوقۇپ  يوغانچىلىق قىلىپ،سىرتلاردا ئاشنىلىرىغا ئۆگىتىلگەن ئىتتەك كۈچۈكلىنىپ كېتىدىغان؛ئايالى تەر تۆكۈپ ئېتىپ بەرگەن مەززىلىك تائاملارنى ھوزۇرلىنىپ يەپ،قورساقنى توقلاپ ئايالىغا بىرمۇنچە دوق قىلغاندىن كىيىن،سىرتقا چىقىپ ئايالىنىڭ ھالال ئەجرىدىن پۈتكەن قۇۋۋەتلىك تائاملارنىڭ كۈچىنى خەققە كۆرسىتىپ،ئايالىنىڭ نەپسى رىزقىسىنى  نېسى قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۈرىدىغان.............يەنە تېخى ئايالى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان پەرزەنتى ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقسا<مېنىڭ بالام >دەپ پەخىرلىنىپ كېرىلىدىغان،ناۋادا يارامسىز،ئەدەپسىز بولۇپ قالسا<سېنىڭ بالاڭ>دەپ دوق قىلىپ،جاپا چېكىپ تۇغۇپ چوڭ قىلغان شۇ  بىچارە ئانىسىنى قوشۇپ تىللايدىغان..................

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


        يەنە بىر قىسىم ئەرلىرىمىز باركى،ئازغىنە كۆڭۈل خوشلۇقىنى دەپ ئوغلى ،ئىنىسى دىمەتلىك يىگىتلەرنىڭ نېسىۋىسىگە چاڭ سېلىپ،سىڭلىسىدەك،قىزىدەك كېلىدىغان قىزلارنى ئازدۇرۇپ،ئۇلارنى تۇيۇق يولغا باشلايدىغان،ئايالى گەپ قىلسا <مال ئېگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك>دىگەندەك ئۇلارغا يېنىپ،كۆزىدىن قان-ياش ئالىدىغان،<خېتىڭنى ئال!يوقال!>دىيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدىغان...........................
        بىر قىسىم قىز-ئاياللار بار،ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىنىڭ ئازغىنە سەۋەنلىكىنى كەچۈرمەستىن يوق باھانىلەرنى تېپىپ كۈن بويى ئېرى بىلەن دە تالاش قىلىپ ئۆينى تىنجىتمايدىغان ۋە ياكى پۇل -مالنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن ئائىلىسىنى،بالىلىرىنى،ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىماستىن ئاجرىشىپ،<قەپەزدىن ئازات بولغان قۇش>تەكسىرتتا باشقىلار بىلەن <ئاشنا-ئاداش>بولۇپ كۆڭلىنى خوش قىلىپ يۈرىيدىغان؛يەنە بىر قىسىم سەبى قىز-سىڭىللىرىمىز بار،مۇھەببەتنىڭ،ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمەي،قىزلىق قەدىر-قىممەتنىڭ  باھاسىز ئىكەنلىكىنى تونىماي <دەۋىرگە ماسلاشتۇق،مەدەنىيلەشتۇق>دەپ دەر خىل <ۋىۋىسكا>ئاستىدىكى بەزمىخانىلاردا ئەركىن ،خوشال ھالدا<ئاشنا>دارچىلىقتىن ھوزۇرلىنىدىغان...... بۇلار نىمە ئۈچۈن؟پۇل -مال ئۈچۇنمۇ؟سىزگە پۇل-مال  ۋىجدان غۇرۇردىنمۇ مۇھىممۇ؟      ئويلاپ باقتىڭىزمىكىن،سىز دىگەن كەلگۈسىدىكى ئانا بولغۇچى،بىر قولىدا بۈشۈكنى،بىر قولىدا ئالەمنى تەۋرەتكۈچى.شۇنداق تۇرۇقلۇق  سىزدىكى ئەقىل،ۋىجدان،ئەخلاق-پەزىلەت،مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى نەگە كەتتى؟سىز مەپتۇن بولغان ئاشۇ<ئاشنا>،ئاشىقىڭىزنىڭمۇ  سىزگە ئوخشاشلا ئايال زاتىدىن بولغان،<ھالال جۈپتۈم!>،<تاغدەك يۆلەنچۈكۈم!>دەپ ئاغزىنى تولدۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان مەشۇقى بارغۇ؟ئۇمۇ سىزگە ئوخشاش جىنىستىكى،ئوخشاش تۇيغۇدىكى، مېھرىبان،كۈيۈمچان،مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك  بىر ئىنسانغۇ؟ئۇ ھەرگىزمۇ سىزدەك ئاچچىقنىڭ،پۇل-مالنىڭ كەينىگە كىرىپ ئائىلىسىنى ، ئوماق پەرزەنتىنى،شۇنداقلا ئۆزى ياخشى كۆرۈپ،چىن مېھرى بىلەن سۆيۈپ،بارلىقىنى بېغىشلىغان جۈپتىنى،كەلگۈسىنى بىر دەملىك ئاچچىققا،پۇل- مالغا دوغا تىكمەيدۇ.ئەكسىچە بارلىقى بىلەن،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوغدايدۇ،پەرۋىش قىلىدۇ.نۆۋىتى كەلسە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن ئىلگىرىكى  رايىش،مۇلايىم،نازاكەتلىك،سىلىق-سىپايە.............تەبىئىتىنىڭ ئەكسىچەشۇنداق قەيسەرلىشىپ كېتىدۇكى،ھەتتا جېنىنى قۇربان قىلىشتىنىمۇ يانمايدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
      ئەي <ئاشنا>ئويناۋاتقان ئويناش خىيالىنى قىلىۋاتقان ئازغۇن قەلىپ ئىگىلىرى،قايتا بىر ئويلۇنۇپ بېقىڭلار،سىلەر ئۈچۈن كۆڭۈل بېرىپ پۈتۈن مېھرى مۇھەببىتى بىلەن سىلەرگە ئەقىدە باغلىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ  ئالدىدا تۇتقان ئورنۇڭلار زادى قانچىلىك؟سىلەر ئۆز ۋىجدانىڭلارغا يۈز كېلەلەمسىلەر؟پەرزەنتىڭلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسىلەر؟<ئاشنا>ئويناش جەريانىدا يوقاتقىنىڭلار كۆپمۇ ياكى ئېرىشكىنىڭلار ؟

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە:شىنجاڭ  ئاياللىرى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(632)
89.8%
ئالقىشلايمەن
(72)
10.2%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قوش خوتۇنلۇق ئەرلەرگە

    ئەتراپىمىزدىكى كۆپلىگەن ئەر ئۆمۈر بويى جۈپتى ھالال بىر قەدىناس ئايالىغا سادىق بولۇپ ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، نىكاھنى مەسئۇلىيەت ئورنىدا كۆرمەيدىغان قىسمەن ئەرلەر خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئېلىشتىن ئىبارەت قانۇن ۋە ئەخلاققا خىلاپ يولدا ماڭماقتا. يېقىندىن بۇيان ئىككى...

  • مۇھەببەت ۋە مەسئوليەت

    مۇھەببەت بۇ دۇنيانىڭ يېرىم خوجايىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارىچە خۇشاللىقلاردىن بەھىرلىنىشكە ھەقلىق . ئائىلىنى ئىللىق ماكانغا ئايلاندۇرۋاتقان ئاياللارغا كۆيۈنش ، ئۇلارغا شادىلىق ئاتا قىلىش تولمۇ ئېسل پەزىلەتتۇر . ئەر ۋە بالا تەرپىدىن قىلىنىغان كىچىككىنە غەمخ...

  • ئەر -خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى قەلىبىنى تۇتاشتۇردىغان رىشتە ئورنىتىش كىرەك

    نۇرغۇنلىغان ئاشىق -مەشۇق ، ەر -خوتۇنلار مەسىلىلەر ئۈستىدە ياخشى چۈشنىش ھاسىل قىلالمايد ۇ. . شۇنىڭ بىلەن بەزىلىر ى ئىككىسنىڭ بىر -بىرنى ياخشى كۆرىدىغنا .كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . يەنە بەزىلىرنىڭ ئوتتۇرسىدا ھەتتا ئۇقۇشماسلىق زىدىيەت يۈز بېرىپ ، بىر مەيدا...

  • ناۋادا يولدىشىڭىز سىزگە ئاسىيلىق قىلسا

    ھەققىي مۇھەببەت بولسا بىرلىككە كەلگەن بولىدۇ . مۇھەببەتنىڭ ساھەسى ئىنتايىن تار بولۇپ ، كىچىكلىكتە پەقەت ئىككى ئادەمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىلا سىغدۇرالايدۇ . ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە ئادەمىنى ياخشى كۆرۇپ قالسىڭىز ، ئۇنداقىتا ئۇ مۇھەببەت بولمايدۇ . ئۇ پەقەت ھ...

  • ھەر -بىر كۈنىڭىز بەختلىك بولسۇن

    بىر -بىرىڭلارغا قەدىئىي ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار . ئەر-ئايال بىر -بىرىگە ھالال ، باشقا ھەرقانداق يات جىنىسقا ھارامدۇر . بىر -بىرڭلارغا مۇتلەق تەئەللۇق تۇرۇپ يەنە سىرتىلارغا تەلمۇرمەڭلار ، نىكاھقا ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار . نىكاھقا سەممىمىيەتسىزلىكقىلغانلار چوقۇمك...

  • ئەر-خوتۇنلار بىرلىكتە چېنىقسا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ

    كۆپ يىللىق ئىسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر مۇنچە ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بولىدۇ،شۇڭا بىز تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلام بولغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى؛تۇرمۇش ئادىتى ياخشى بولمىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ تولىسىنىڭ ئوخش...

  • ئەقىللىق ئاياللارلا ئېرىنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى بىلىدۇ

    1-قېتىملىق ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا ئۇسىزگە بىر قاپ شاكىلات سوۋغا قىلىپ ،تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن سۈيگۈسىنى قەلبى بىلەن ئىپادىلىدى ،سىز ئۇنىڭ سۈيگۇگە تولغان قەلبىنى ئۇياتلىق كۈزلىرىڭىز ئارقىلىق قۇبۇل قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز؛ 2-قېتىملىق ئاشىق-...

  • ئىزىلگەن يۇرەك

    ئىزىلگەن يۈرەك شۇ تاپ قەلبىم مۇزلاپ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسىگە ئىشەنمەس بولدى. چۈنكى ساپ سۆيگۈم سىنىڭ ئەشۇ بىپەرۋا ھالىڭ بىلەن بەربات بولدى . سىنى شۇنچە سۇيەتتىم سەن ئۈچۈن ھەتتا ھەممە ئىشقا ھەم رازى ئىدىم لىكىن سەن مىنى ،مىنىڭ پاك قەلبىمنى داغلاپ يۈرەۈمنى ئوت...

  • ئاسان بەربات بولدىغان سەككىز خىل نىكاھ

    ئاسان بەربات بولىدىغان سەككىز خىل نىكاھ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى سەككىزتۈرلۈك نىكاھ ئاسانلا بەربات بولىدىكەن: (1) رومانتىك تىپىدىكى نىكاھ رومانتىكىلىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ نىكاھقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى شېرىنلى...

  • بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ

    بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرى ياخشى نىيەتلىك خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىل...