
ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ئىككەيلەنىڭ قانۇنى نىكاھلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ ،ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەر- ئايالنىڭ خۇسۇسىي ئىشىدۇر. شۇڭا ئەر- ئاياللارنىڭ تۇرمىشىغا زۆرۈر تېپىلغاندا ئارلىشىش، بولۇپمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئەمەس ئەرزىمەس ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئارلىشىپ ، قول تىقىپ يۈرۈش ئەخلاقسىزلىق ۋە قانۇنسىزلىقتۇر .
تۇرمىشىڭىشغا باشقىلارنىڭ سوغۇق قولى ، يامان نېيىتنى ئارلاشتۇرماڭ .
خوتۇنىڭىز بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدىكى خۇسۇسىي ئىشلارنى يەنە بىراۋىغا سۆزلەپ يۈرمەڭ ھەمدە ئايالىڭىزنىڭ باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرۈشىنىمۇ توسۇڭ . ئائىلىگە مەنسۇپ سىر -ئەسرالارنىڭ سىرتقا چىقىمىغنى تۈزۈڭ .
ئائىلىڭىزگە مەنسۇپ خۇسىسىي تۇرمىشىڭىزغا يەنە بىرىنىڭ ئارلىشىشىنى ئامالنىڭ بارچە توسۇڭ . بىزدە كۆپىنچە ھاللاردا ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ تۇرمىشىغا ئارلىشىۋالدىغان ياكى ئاچا - سىڭىل،ئاكا - ئۇكا ،دوست - بۇرادەرلەر ئائىلە ئىشلىرىغا باش قاتۇرۇپ ، ئىككەيلەننىڭ تۇرمىشىغا ئىچكىرلەپ كىردىغان ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ . مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، باشقىلارنىڭ ئۆز مەۋقەسىنى ۋە دۇنيا قارشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يەنە بىراۋىنىڭ تۇرمۇشنى كونترۇل قىلىشى ھامان كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئاغرىنىش پەيدا قىلماي قالمايدۇ . توغرا ،ئاتا-ئانىلار ياكى قېرىنداشلار بولسۇن ،ھامان ياخشى نىيەت بىلەن ئارىغا قىسىلىش مۇمكىن . ئەمما بىرەيلەننىڭ تۇرمۇشقا قىسىلىپ كىرىش يەنە بىر تەرەپتە ھودۇقۇش ،تەمتىرەش ،بىزارلىق ،نارازلىق كەيپىياتى ئويغىتىپ قويدۇ-دە يېقىن ھۆرمەتلىك كىشلەر ئارسىدىمۇ ئازارلىشىش پەيدا بولۇپ قالىدۇ . www.iz.la
خوتۇنۇم ئازادە ھەركەت ۋە پىلان قىلسۇن ،مەنمۇ ئۆز ئائىلەمنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزۈم لايىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۆزىمىزگە خاس تېنىچ - ئامان تۇرمۇش كەچۈرەيلى دەيدىكەنسىز ، ئۆز ئىشلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز پىلانلىق ئاساستا لايىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇڭ .يېقىن تۇققانلىرىڭىز ئارلاشقان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ پىكىر - تەكلىپ ، تەشەببۇسلىرىنى سىلىق رەت قىلىڭ . بۇ ھال بىرەر قېتىم داۋاملاشسا ، ئۇلار قايتا سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا پۇت تىقماسلىقى مۇمكىن . ئەگەردە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گەپ قىلمىسىڭىز ، گەپ - سۆزسىزكى ھامان بىر كۈنى ئائىلىڭىزدە توقۇنۇش كۆرۈلۈش مۇمكىن . توقۇنۇشتىن خىيالى ، ئەر خوتۇننەڭ ئۆز تاللىشى بويىچە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈەي دەيدىكەنسىز ، تۇرمۇشىڭىزغا باشقىلارنىڭ ئەقىل ، كۆرسەتمە پىلانلىرىنى دەستەك قىلماڭ . ئىككىيلەننىڭ ئىشىنى ئىككىيلەن پىلانلاش ، ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەرلىك ۋە ھوقۇقلۇق. ئەر -خوتۇنلۇق ئىمتىيازىڭلار ۋە ئائىلە پىلانىڭلارنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويماڭلار . -كۆزۈڭنى ئاچ ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور