
ئاياللارنىڭ نازاكىتى ئاياللاردىكى يۈرۈش،تۇرۇش ،كىيىنىش نازاكىتى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىراتىنى ئىپادىلەيدۇ.ئاياللاردىكى گەپ-سۆز نازاكىتى ئۇلارنىڭ ساپاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئائىلىدەۋەياكى سورۇنلاردا بىلەرمەنلىك قىلدىغان ،باشقىلانىڭ سۆزىنى تارتىۋالىدىغان ،سۆزلەپ ھارمايدىغان ئاياللار كىشىنى بىزار قىلىدۇ.ئاياللارنىڭ غىزالىنىش نازاكىتى ئاياللارنى باشقىلارغا تېخىمۇ ئەدەپ-قائىدىلىك، تەربىيەكۆرگەنلىگىنى ھېس قىلدۇرىدۇ .ئەپۇچانلىق نازاكىتى بولسا ئاياللارنىڭ ئەخلاقى مەنىۋى ساپاسىنى ئىپادىلەيدۇ،ئەپۇچان ئايال ئېرىنىڭ نەزىرىدىكى سۆيۇملۇك ئايال،باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى قالتىس ئايالدۇر! قىز ئاياللار ھەققىدە قىزلار تىرىكلىكتەئۆزىنىڭ تەقدىر تونىنى ئۆزى پىچىدۇ،ئۆلگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ كېپەنىنى باشقىلار پىچىدۇ! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تەقدىر ئايالغا ئوخشايدۇ!
ئاياللارجەمئيەتكە يېقىنلاشقانسىرى ئۆزىدىن يىراقلىشىدۇ!
قىزلار ئاقكۆڭۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئاسان ئالدىنىدۇ،سەمىمى بولغانلىقى ئۈچۈن زىيانغا ئۇچرايدۇ،كۆڭۈلچەك بولغانلىقى ئۈچۈن بوزەك بولىدۇ،نادان بولغانلىقى ئۈچۈن خورلىنىدۇ!
قىزلارنى يولدىن چىقىپ كەتتى دەپ تىللىدۇق ،بىراق پۇل تېپىپ يولدىن چىقمىغان ئەردىن قانچىسى بار؟
ئايال مۇھەببەت ۋە نەپىرەتنىڭ پاسىلى بۇزۇلغاندىن كىيىنكى شېرىن مېۋە!
قاچانكى ئەركەكلەر ھەقىقى ئەركەكلىكىگە قايتىدىكەن،شۇچاغدا قىزلا رھەقىقى قىزلىقىغا قايتىپ جاھان تۈزۈلىدۇ!
ئانىلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ«قىز تۇغماڭلار شەرمى-ھايا تۇغۇڭلار،ئوغۇل تۇغماڭلار غورۇر-جاسارەت تۇغۇڭلار»! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قىزلارنىڭ تەقدىرى يىغا بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان!
باراۋەر كۆڭۈللۈك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قىزلارنىڭ تۈپكى ئارزۇسى! ئىز تورى بەك ياخشى
مەنبە:شىنجاڭ مەدىنيىتى ژورنىلى