ئەرخۇتۇنلارنىڭ جېدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز
ئىز تورى بەك ياخشى

(1) قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىق تەرپىگە ھۇجۇم قىلماسلىق كېرەك . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەلۇم ئاجىزلىق تەرەپلىرى بولىدۇ . سىزنىڭ جۆرىڭىز ھەرگىز سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس ، شۇنداق ئىكەن ، سىز ئۇنىڭ ئاجىزلىق تەرپىگە زەربە بەرمەڭ . ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندا تىغ ئۇچىنى پەقەت ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئىشىغىلا قارىتىڭكى ، ھەدىسىلا ئۇنىڭ يارىسىنى تاتلاۋەرمەڭ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
(2) تىغ ئۇچىنى ئالاھىيدە بەلگۈلەنگەن تېمىغا قارىتىش لازىم . بارىلىق ئىشلارنى ئوتتۇرغا تارتىپ چىقارماسلىق ، نەرسە - كېرەكلەرنى قالايمىقان يۈتتۈرمەسلىك كېرەك ، شۇنداق قىلغاندا ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئېھتىمالى چوراق بولىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
(3) تاكاللىشىپ قېلىپ ھېچقانداق ئامال بولمىغاندا تاكاللىشىشنى دەرھال توختىتىش كېرەك . تاكاللىششپ توختىغاندىن كېيىن ھەرئىككى تەرەپ قايىل بولمىسا ، خاتېرجەم ۋە ۋەزمىنلىك بولغان باشقا بىركۈنى مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش لازىم . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
(4) مېڭە سەگەك بولمىغان چاغدا گەپ تەگەشمەسلىك لازىم . ئەر- خۇتۇنلارنىڭ تالاش- تارتىشى پەقەت ئىدىراك ئاساستا ئېلىپ بېرىلغاندىلا ، ئاندىن ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ . ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ تەگىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك . بولمىسا ، ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ .
(5) تەگەشكەندە قولنى شىلىتمەي ، ئېغىزىنى ئىشىلتىشى لازىم . ئەگەر مۇشلىشىش يۈز بېرىپ قالسا ، ئاخىرىدا ھەرئىككى تەرەپ چوقۇم بىر- بىرىدىن كەچۈرۈم سۇرىشى كېرەك . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
(6) كەچقۇرۇنلۇقى قىزىققانلىققا دائىر گەپ- سۆزلەرنى قىلىشماسلىق لازىم . ئەگەر سىز چارچاپ ئۇيقۇڭىز كېلىپ تۇرغاندا جۆرىڭىز بىلەن تەگەشسىڭىز ، كەيپىياتىڭىزنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ ھەمدە شۇ كۈنكى كەيپىياتىڭىزغا تەسىر يېتىدۇ .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
(7) يامان ئەھۋالغا يولۇققاندا ئىچى تىت- تىت بولماسلىق كېرەك . ئەر - خۇتۇنلار تاكاللىشىپ قالغاندا ئوتتۇرىدا ئاتالمىش يېڭىش- يېڭىلىش ، يۇقرى - تۆەنلىك ، كۆڭلى خاتېرجەم بولماسلىق مەسلىسى بولماسلىقى ، پۇرسەت كۈتۈپ ئۆچ ئالماسلىقى لازىم .
(8) ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن ، ئۇزاققىچە ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمەيدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك . سىرىتقا چىقىپ پىيادە سەيلە قىلىش ياكى ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى چىڭ ئېتىپ قويۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشى لازىم . ئەگەر بىر تەرەپ ئۇزۇن مۇددەت ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمىسە ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ ، يېڭىدىن جىدەل پەيدا بولىدۇ .
(9) ئۇرۇشۇش ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ ، كەچقۇرۇنلۇقى چوقۇم بىر كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلاش كېرەك . ئايرىلىپ ئۇخلىغاندا مۇھەببەت يىراقلىشىپ كېتىدۇ ؛ ھەرئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغاندا ئۇرۇشۇش ھەققىدە ئورتاق چۈشەنجىگە ئىگە بولغىلى ھەمدە بىر- بىرىدىن ئايرىلىپ كەتمەسلىككە كېپىللىك قىلغىلى بولىدۇ .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!