ئەرلەر كەينىدىكى ئاياللار

ۋاقتى:2010-03-16 01:06مەنبە:نامەلۇم يوللىغۇچى:نامەلۇم چېكىلىشى:قىتىم
  
يوللىغۇچى ؛ نازاكەت
جەمئىيەت ئۆزگەردىمۇ ياكى ئەرلەر ئۆزگەردىمۇ؟ئىشقىلىپ،ھازىر بىر قىسىم ئەرلەر دائىم ئايالىنىڭ بارغانسېرى سارغايغان چىرايىدىن،يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان ناز كەرەشمىسىدىن زارلىنىدۇ؛ئايالىنى تولا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى دەپ ئاغرىنىدۇ؛ئۇنىڭ پىشانىسىدىكى قورۇقلارغا،قوپاللاشقان قوللىرىغا قاراشنى خالىمايدۇ. ھەركۈنى قاتۇرۇپ دەزماللانغان كىيىملەرنى كىيىپ ھەرخىل ئىجتىمائىي سورۇنلاردە يۈرۈيدۇ.گۈزەل قىزلار ئارىسىدا ئايلانغان چاغلىرىدا،ئۆزلىرىچە ئايالىمنىڭ قوللىرى نىمە ئۈچۈن ئاشۇ گۈزەل قىزلارنىڭكىدەك يۇمشاق ئەمەستۇر دەپ ھەسرەتلىنىدۇ؛ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ سالاپەت بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا يۈرۈشىنىڭ ئاشۇ قوپال قولنىڭ بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى ئويلاشمايدۇ.ئاشۇ بىر جۈپ قول، ئەرلەر گۈزەل قىزلارنىڭ قولىنى سىلاۋاتقاندا تەرگە چۆمۈپ يولدىشىنىڭ كيىملىرىنى دەزماللاۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.ئەرلەر گۈزەل قىزلارغا ھەمراھ بولۇپ ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىدا،ئايالى يولدىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى كۈتىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.ئەرلەر گۈزەل قىزلارغا ئۆز ئايالىدىن دەرت تۆكۈۋاتقان چېغىدا،ئاياللار چىراق ئاستىدا بالىلىرىغا دەرس تەييارلاتقۇزىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.ئەرلەر دائىم ھەر خىل ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ، نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز بالىلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.بالىلىرىنىڭ قانداق چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىيەلمەيدۇ.چۈنكى ئۇلارنۇرغۇن يىللارئۆيىنى مېھمانخانا دەپ قاراپ،سولغۇن چىرايغا ئايلانغان ئايالىنىڭ جاپالىرىغا ئەزەلدىن دىققەت قىلىپ باقمىغان.ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش خىزمەت قىلىدۇ،بالىلارغا قارايدۇ،چوڭلارنى كۈتىدۇ،يولدىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.يىللار رەھىمسىز بولغاچ،ئاياللارنىڭ يۈزلىرىگە ئۆز تامغىسىنى باسىدۇ،بۇ تامغىلار ئاياللارنىڭ نەچچە يىللىق ھايات مۇساپىسىنى ئېنىق خاتىرلەيدۇ.ئاياللار ئەزەلدىن ئۆي ئىشلىرى تۈپەيلى يولدىشىغا ئاۋارىچىلىق سالمايدۇ،ئاياللار ئەرلەر خىزمەتنى ئاساس قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ.شۇڭا،پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەرلەرگە يول قويىدۇ،لېكىن ئەرلەر بۇلارنى سەزمەيدۇ.بەزى ئەرلەر ئەزەلدىن ئايالى ئۈچۈن بىرەر زىبۇ-زىننەت،كىيىم كېچەك ئېلىپ بەرمەيدۇ،گەرچە ئايالنىڭ تاماسى مۇشۇ بولمىسىمۇ.ئەرلەر دائىم سىرتتىكى گۈزەل قىزلارغا بۇنداق نەرسىلەرنى ئايىماي ئېلىپ بېرىدۇ.چۈنكى،ئەرلەرنىڭ قارىشىچە بۇ نەرسىلەر ئاشۇ گۈزەل قىزلارغىلا يارىشىدۇ،ئەرلەر بۇنىڭدىن مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشكەندەك خوش بولۇپ كېتىدۇ.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(318)
76.6%
ئالقىشلايمەن
(97)
23.4%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەقىللىق ئاياللارلا ئېرىنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى بىلىدۇ

    1-قېتىملىق ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا ئۇسىزگە بىر قاپ شاكىلات سوۋغا قىلىپ ،تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن سۈيگۈسىنى قەلبى بىلەن ئىپادىلىدى ،سىز ئۇنىڭ سۈيگۇگە تولغان قەلبىنى ئۇياتلىق كۈزلىرىڭىز ئارقىلىق قۇبۇل قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز؛ 2-قېتىملىق ئاشىق-...

  • ئىزىلگەن يۇرەك

    ئىزىلگەن يۈرەك شۇ تاپ قەلبىم مۇزلاپ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسىگە ئىشەنمەس بولدى. چۈنكى ساپ سۆيگۈم سىنىڭ ئەشۇ بىپەرۋا ھالىڭ بىلەن بەربات بولدى . سىنى شۇنچە سۇيەتتىم سەن ئۈچۈن ھەتتا ھەممە ئىشقا ھەم رازى ئىدىم لىكىن سەن مىنى ،مىنىڭ پاك قەلبىمنى داغلاپ يۈرەۈمنى ئوت...

  • ئاسان بەربات بولدىغان سەككىز خىل نىكاھ

    ئاسان بەربات بولىدىغان سەككىز خىل نىكاھ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى سەككىزتۈرلۈك نىكاھ ئاسانلا بەربات بولىدىكەن: (1) رومانتىك تىپىدىكى نىكاھ رومانتىكىلىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ نىكاھقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى شېرىنلى...

  • بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ

    بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرى ياخشى نىيەتلىك خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىل...

  • ئەر خۇتۇنلارنىڭ جىدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز

    ئەرخۇتۇنلارنىڭ جېدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز (1) قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىق تەرپىگە ھۇجۇم قىلماسلىق كېرەك . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەلۇم ئاجىزلىق تەرەپلىرى بولىدۇ . سىزنىڭ جۆرىڭىز ھەرگىز سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس ، شۇنداق ئىكەن ، سىز ئۇنىڭ ئاجىزلىق...

  • ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ

    ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ئادەم ئاچچىقلانغاندا ،بۆرەك ئاستى بېزى ھورمۇنىنىڭ ئاجىرلىشى كۈچۈيىپ ،نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك رىتىمىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامىرىكا يۈرەك كېسەلىكى مۇتەخەسىسى دوختۇر ۋېيج...

  • سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق

    سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق گىرمانىيىدە چىقىدىغان ئىلىم -پەن ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشچە دائىم سۆيۈشۈپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق بۇلۇپ ئادەم بەدىنى قىزغىن ھىسياتلىق سۆيۈشۈش سىگىنالىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن چوڭ مىڭدىكى بەخى...

  • مۇﻫەبىىتىمىز مەڭگۈ داۋاملاشسۇن

    ﻫېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۈرگەن قىزىم يەنى ﻫازىرقى ئايالىم مەندىن: سىز مىنى ﻫەقىقىي ياخشى كۆرەمسىز؟ مېنى مەڭگۈ مۇشۇنداق سۆيەمسىز ياكى باشقا ئەرلەردەك تويدىن كېيىن ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالارسىزمۇ؟! دەپ سورىغانىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ...

  • تۇرمۇشىڭىزغا باشقىلار چېپىلۋالمىسۇن ....!

    ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ئىككەيلەنىڭ قانۇنى نىكاھلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ ،ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەر- ئايالنىڭ خۇسۇسىي ئىشىدۇر. شۇڭا ئەر- ئاياللارنىڭ تۇرمىشىغا زۆرۈر تېپىلغاندا ئارلىشىش، بولۇپمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئەمەس ئەرزىمەس ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئارلىشىپ...

  • ئاياللارنىڭ نازاكىتى

    ئاياللارنىڭ نازاكىتى ئاياللاردىكى يۈرۈش،تۇرۇش ،كىيىنىش نازاكىتى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىراتىنى ئىپادىلەيدۇ.ئاياللاردىكى گەپ-سۆز نازاكىتى ئۇلارنىڭ ساپاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئائىلىدەۋەياكى سورۇنلاردا بىلەرمەنلىك قىلدىغان ،باشقىلانىڭ سۆزىنى تا...