نىكاھ تۇرمۇشى نۇقسانسىز بولمايدۇ

ۋاقتى:2010-08-19 11:45مەنبە: يوللىغۇچى:بەختىيار يۈسۈپ چېكىلىشى:قىتىم
  

نىكاھ تۇرمۇشى نۇقسانسىز بولمايدۇ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئېرىم بىلەن تالاي قېتىم ئەر–ئايالنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىش مەسىلىسىنى تالاش–تارتىش قىلىشقانىدۇق. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ مۇكەممەللىكى ماددىي بايلىققىلا باغلىق بولماستىن بەلكى ئەر–خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر ۋە ساداقەتمەنلىككە باغلىق ئىدى. بىر قېتىم ئېرىم مەندىن چاقچاق تەرىقىسىدە: «ئەگەر سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويسام قانداق قىلىسىز؟» دەپ سورىۋىدى، مەن كەسكىنلىك بىلەن: «سىزنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردىم. چۈنكى مەن، بەختلىك نىكاھ تۈگمىچىلىك داغنىمۇ سىغدۇرالمايدۇ، مەن ئېرىمنىڭ خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبلىك ماڭا ئېتىبارسىز قارىشىنى، بىردەملىك ئاچچىققا ھاي بېرەلمەي قول تەگكۈزۈپ سېلىشىنى كەچۈرسەم كەچۈرەلەيمەنكى، ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ يولدىن چىقىشىنى ھەرگىز كەچۈرەلمەيمەن، چۈنكى بۇ ماڭا، مۇھەببىتىمىزگە قىلىنغان ھاقارەت، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ بىلەن ھېچنېمە دېيىشمەستىنلا ئاجرىشىپ كېتىمەن، دەپ ئويلايتتىم. ئېرىم مېنىڭ جاۋابىمنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ: «جىددىيلىشىپ كەتكىنىڭىزنى قاراڭ، بۇ ھاياتىمدا ھەرگىزمۇ سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن»دېدى.

ئىز تورى بەك ياخشى

   كۆزنى يۇمۇپ–ئاچقۇچە ئارىدىن بەش يىل ئۆتتى. بىزنىڭ چوڭ ئۆيىمىز، ماشىنىمىز بار بولدى. يەنە تېخى بىر ئوغۇللۇق بولدۇق. بۇ چاغقا كەلگەندە گەرچە ئۇرغۇپ تۇرغان ھېسسىياتلىرىمىز بارغانچە سۇسلاپ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى قىزغىنلىقلىرىمىز قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم ئۆتۈۋاتاتتى. ئەر–خوتۇن ئىككىمىز ئارىسىدىكى ئىشلار كۆپىنچە ھالدا خىزمەتكە بېرىش، تاماق ئېتىش، يېيىش، بالىنى بېقىش، ئۇخلاش قاتارلىقدائىرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيتتى. شۇڭا دېيىشكۈدەك تۈزۈك گەپمۇ قالمىغانىدى. ئىز تورى بەك ياخشى

   بارا–بارا ئۇ كەچتە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ياكى زىياپەتلەرنى باھانە قىلىپ ئۆيگە كەچ قايتىدىغان بولۇۋالدى. بىر نەچچە قېتىم قەستەن ئەڭ چىرايلىق ئىچ كىيىملىرىمنى كىيىپ ئۇ كەلگۈچە ساقلاپ باققان بولساممۇ، ئىشلەپ چارچاپ كەتتىم دەپ ماڭا قاراپمۇ قويماي ئۇخلىۋالدى. مەن ئۆزۈمگە قايتا–قايتىلاپ:«قالايمىقان خىيال قىلماي، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەر–ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنىڭ ئازراق سۇسلىشىشى نورمال ئەھۋال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ شۇنچە چارچاپ ئىشلەۋاتىدۇ، بۇنى توغرا چۈشىنىشىم كېرەك» دەپ تەسەللى بېرەتتىم. ئۇنىڭ يانفونى دائىم خىزمەت سومكىسىنىڭ ئىچىدە غوڭۇلدايتتى، ئۇ ھەمىشە يانفونىنى دەرھال ئېلىپ قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلەشمەي، بىرەر باھانە تېپىپ بالكونغا چىقىپ ياكى تازىلىق ئۆيىگە كىرىۋېلىپ كۇسۇلداپ سۆزلىشەتتى.

www.iz.la

   بىر شەنبە كۈنى بالىنى ھايۋانات باغچىسىغا ئويناتقىلى ئېلىپ بارماقچى بولدۇق. ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇراي دەپ ئېڭىشىشىمگە ئورۇندۇقتىكى ئۇزۇن بىر تال قىزىل چاچقا كۆزۈم چۈشۈپ ھاڭۋاققىنىمچە تۇرۇپلا قاپتىمەن. ئۇ بۇ ئەپتىمنى كۆرۈپ تېرىككەن ھالدا: «نېمىگە ھاڭۋېقىپ قالدىڭىز؟ تېزرەك ئولتۇرمامسىز؟» دەپ ۋارقىرىدى. قايتىش يولىدا بىر دوستى ئۇچراپ قېلىپ ماشىنىغا سېلىۋالدۇق، مەن بالا بىلەن ئارقىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. كۆڭلۈمدە يەنىلا ھېلىقى چاچنىڭ ئىشى بولغاچقا گۇمان بىلەن ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدىنمۇ بىر نەرسە چىقىپ قالىدىغاندەك قاراشتۇرۇشقا باشلىدىم. دېگەندەك كۆزۈم ئورۇندۇقنىڭ قىسىلچىقىدىكى بىر تال ئاق نەرسىگە چۈشتى. ئېلىپ قارىسام ئىشلىتىپ بولۇنغان لەۋسۇرۇخ ئىكەن. يۈرىكىم پىچاق سانجىلغاندەك ئاغرىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى. ئۇنىڭ كۈندە يېرىم كېچىدە قايتىشى، يوشۇرۇن تېلېفوندا سۆزلىشىشى، يەنە بۇ لەۋسۇرۇخ...بۇلاردىن جەزىملەشتۈرۈشكە بولاتتىكى، ئۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلغانىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    مەن ئىشنىڭ تېگى–تەكتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشتۈم ۋە ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ قىزىل چاچلىق بىر ياش قىز بىلەن مېھمانخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مېنىڭ خاراكتېرىمدىن ئالغاندا مېھمانسارايغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇ ئىككىسىنى تىللاپ رەسۋاسىنى چىقىرىۋېتىش ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى. ئەمما شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ئەقلىدىن ئازغان ئادەمدەكلا بولۇپ قالغانىدىم. مەن قەيسەر بولۇشۇم، قانداق قىلىش ھەققىدە ئوبدانراق ئويلىنىۋېلىشىم كېرەك ئىدى. شۇ چاغدا ئىلگىرى «بۇنداق ئىشقا دۇچ كەلسەم قەتئىي كەچۈرمەيمەن» دېگىنىم ئېسىمگە كەلدى. راست، بۇنداق ئىشنى قانداق كەچۈرگىلى بولسۇن؟ شۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىش قارارىغا كەلدىم. مەن بىزنىڭ ئورتاق مال–مۈلكىمىزنى ھېسابلاپ چىقتىم. مېنىڭچە بولغاندا، بالام چوقۇم ماڭا بۇيرۇپ بېرىلىشى، ئۆيمۇ ماڭا قېلىشى كېرەك ئىدى، خاتالىقنى ئۇ ئۆتكۈزگەن بولغاچقا ئۇنىڭ مەندىن ھېچنەرسە تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايتتى. مەن يوغان بىر چاماداننى تېپىپ ئۇنىڭ كىيىملىرىنى قاچىلىدىم، شۇنداقلا ئۇ قايتىپ كەلسە «ئۆيدىن يوقال» دەپ چاماداننى ئالدىغا ئېتىپ قوغلاپ چىقارماقچى بولدۇم. بىراق چاماداننىڭ سىيرىتمىسىنى ئېتىۋېتىپ ئىچىم ئۆرتىنىپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم. بۇرۇنلاردا بەزى ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان نىكاھىنى ھەر خىل ئاماللار بىلەن ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇشىنى ئاڭلىسام ئۇلارنىڭ ئەخمەقلىقىغە ھەيران بولاتتىم. ھالبۇكى، ئىش ئۆزۈمنىڭ بېشىغا كەلگەندە مىڭ بىر جاپادا قۇرغان ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋېتىشنىڭ ئۇنداق ئوڭاي ئەمەسلىكىنى، نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ بەكمۇ مۇرەككەپ بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بىز ھازىر گويا ئۇرۇق–تۇغقانلاردەك بىر–بىرىمىزدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالغانىدۇق، بۇنداق رىشتىنى بىراقلا ئۈزۈۋېتىش ھەر ئىككىمىزگە ئاسانغا توختىمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن ئوغلىمىز بار ئىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ نۇقسانسىز تۇرمۇش يولۇمدا چىڭ تۇرسام ئوغلۇمنىڭ مۇكەممەل بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ–يېتىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغان بولۇپ قالاتتىم. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

    شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرالمىدىم، ئەمما بۇ ئاچچىقنىمۇ يۇتۇۋېتەلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالدىم. ئۇ مېنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ بەكلا جىددىيلىشىپ كەتتى، ھېلى دوختۇرغا ئاپىراي دېسە، ھېلى نېمە تاماق ئېتىپ بېرەي دەپ ئەتراپىمدا پايپېتەك بولۇپ ھېچ ھالى قالمىدى. ھەتتا ئوغلىمىزنىمۇ چوڭ ئۆيگە ئاپىرىۋېتىپ، رۇخسەت سوراپ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلىدى. بەزىدە ئۇنى ئويۇن ئويناۋاتقانمىدۇ؟ دەپ گۇمانلىنىپمۇ قالاتتىم. بىراق ئۇنىڭ تىت–تىت بولغان چىرايىدىن قارىغاندا قىلىۋاتقانلىرى راستتەكمۇ قىلاتتى. مەن كارىۋاتتا يېتىپ ئۇنىڭغا سەپ سېلىپ قاراپ باقتىم. ئۇ بۇرۇنقىدىن بەكرەك قامەتلىك، جەلپكار بولۇپ كېتىپتۇ. بۇنداق كېلىشكەن ئەرنى كىم ياخشى كۆرمىسۇن؟ مەن نېمە دەپ ئۇنى باشقىلارغا تاشلاپ بېرىدىكەنمەن؟ مەن ئاخىرى بىرەر قېتىملىق سەۋەنلىك تۈپەيلى ئازغان بولسا ئۇنى كەچۈرىۋېتىش، يەنە ئۆزى بىلگەننى قىلىمەن دېسە ۋاز كېچىش قارارىغا كەلدىم. ئەتىسىلا ئۆيدىكى بارلىق سۈرەتلەرنى رەتلەپ، چىرايلىق رامكىلارغا ئېلىپ ھەممە ئۆيگە تىزىۋەتتىم. ئۇ ئىشتىن قايتىپ كېلىپ بۇ سۈرەتلەرگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى. مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ بۇ سۈرەتلەرنى ئۇنتۇغان–ئۇنتۇمىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ سۈرەتلەرگە قاراپ:«ماۋۇ يېڭى مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىمىز ئىدى، ماۋۇسى توي مۇراسىمىمىزدا قورسىقىم ئېچىپ كېتىپ ئوغرىلىقچە نەرسە يەۋاتقىنىمدا بىر دوستۇم تارتىۋالغان سۈرەت ئىدى، ماۋۇ بالىمىز تۇغۇلغان كۈنى چۈشكەن سۈرەت، ئۇ چاغدا سىز بەكلا قىينالغانىدىڭىز» دېۋىدى، كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى. ئۇ بىرئاز ھودۇقۇپ نېمە بولغانلىقىمنى سورىۋىدى، ‹‹بۇ ئىشلارنى ھازىرغىچە ئۇنتۇمىغانلىقىڭىزغا رەھمەت» دېدىم. ئۇ ماڭا راسا سىنچىلاپ قاراپ كەتكەندىن كېيىن: «گېپىڭىز باشقىچە تۇرىدىغۇ»! دېدى، ئۇ زېرەك بولغاچقا مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىلىپ بولغانىدى. لېكىن مەن يېنىكلىك بىلەن ئۇنى ئەمدى سىرتلاردا قالايمىقان ئىش قىلىپ يۈرمەسلىككە ئاگاھلاندۇرسام بولمايتتى. شۇڭا ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ: «سىز دائىم ئۆيدە بولمىغاچقا يالغۇز غېرىبسىنىپ كېتىدىكەنمەن، شۇنىڭغا بۇ سۈرەتلەرگە قاراپ ئولتۇردۇم» دېدىم. ئۇ يەرگە قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن: «بۇنىڭدىن كېيىن سىزگە كۆپرەك ھەمراھ بولاي» دېدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

   شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيدە تۇرىدىغان ۋاقتى كۆپىيىشكە باشلىدى، مەنمۇ ھاكاۋۇرلۇقنى تاشلاپ ئۇنىڭغا بەكرەك يېقىنچىلىق قىلىپ ئۆتۈشكە باشلىدىم. بىراق ئۇنىڭ تېلېفونى يەنىلا بۇرۇنقىدەك غۇڭۇلدايتتى، ئۇ بۇرۇنقىدەكلا بالكونغا چىقىپ ياكى تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ سۆزلىشەتتى. مەن بەزىلەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ ئاغرىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم. مۇشۇ جەرياندا مەنمۇ نىكاھىمىز ھەققىدە قايتا ئويلاندىم، ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا دېيىشىدىغان گەپنىڭ ئازلىقى ھەرگىزمۇ بىرلا تەرەپنىڭ خاتالىقى ئەمەس ئىدى. مەن خىزمەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلالايمەن دەپ ئويلىغاچقا ئادەتتە ئۇنىڭغا دەپ ئولتۇرمايتتىم، دېگەن ھالەتتىمۇ ئۇتۇقلىرىمنىلا دەپ ئوڭۇشسىزلىقلىرىمنى دېمەيتتىم. ئۇ بۇنداق سۆزلىرىمگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتى. ئەمدىلىكتە شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، ئاياللار زۆرۈر تېپىلغاندا ئەرلەر ئالدىدا ئۆز ئاجىزلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرۇشى كېرەككەن. شۇندىن باشلاپ مەن شىركەتتە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى، زىددىيەتلەرنى ئۇنىڭغا دەيدىغان بولدۇم ھەمدە ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ دەسلەپتە:«سىز بۇنداق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا خېلى ئۇستىغۇ» دەپ يېقىن كەلمىدى. دەۋەرگىنىمدىن كېيىن ئاندىن مەن بىلەن بىللە پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولدى. يىل ئاخىرىدا دەرىجەم ئۆسۈپ مۇكاپاتلىنىۋىدىم، بىر قارماق سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدىم. مەن قارماققا«دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمگە تەقدىم. مەن سىز بىلەن ئۆمۈر بويى بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىمەن» دەپ يېزىپ قويغانىدىم. ئۇ قارماقنى ئېلىپ ھېلىقى خەتكە قاراپ تۇرۇپ تۇيۇقسىزلا: ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

   مەندىن نەپرەتلىنەمسىز؟دەپ سورىدى.

ئىز تورى بەك ياخشى

   نېمە ئۈچۈن سىزدىن نەپرەتلىنىدىكەنمەن؟

www.iz.la

   ئەگەر سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويغان بولسام مېنى كەچۈرەرسىزمۇ؟

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   كەچۈرىمەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    نېمىشقا؟ سىز نىكاھنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتىڭىزغۇ؟

ئىز تورى بەك ياخشى

   چۈنكى مەن سىزنى سۆيىمەن، مەن مۇھەببىتىمىزگە پۇرسەت بېرىشىم كېرەك.

ئىز تورى بەك ياخشى

   ئۇ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېلىپ تۇيۇقسىزلا مېنى باغرىغا مەھكەم باستى. بۇ قېتىملىق كەسكىن كۈرەشتە مەن ئاخىرى يېڭىپ چىقتىم. ئىككىمىز ئۇ ئىشنى قايتا تەگەپمۇ يۈرمىدۇق.

www.iz.la

نىكاھ  تۇرمۇشى نۇقسانسىز بولمايدىكەن ، نىكاھ  گويا رەختكە ئوخشاش بەزىدە قىيسىق يىرتىلىپ كېتىشتىن خالىي بولالمايدىكەن. شۇڭا ئاياللار نىكاھنى داۋاملىق ياماپ يېڭىلاپ تۇرۇشنى بىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا نىكاھتىكى ھەر خىل ئەگرى–توقايلىقلاردىن مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشى كېرەككەن... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(19)
90.5%
ئالقىشلايمەن
(2)
9.5%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئاسان بەربات بولدىغان سەككىز خىل نىكاھ

    ئاسان بەربات بولىدىغان سەككىز خىل نىكاھ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى سەككىزتۈرلۈك نىكاھ ئاسانلا بەربات بولىدىكەن: (1) رومانتىك تىپىدىكى نىكاھ رومانتىكىلىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ نىكاھقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى شېرىنلى...

  • بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ

    بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرى ياخشى نىيەتلىك خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىل...

  • ئەر خۇتۇنلارنىڭ جىدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز

    ئەرخۇتۇنلارنىڭ جېدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز (1) قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىق تەرپىگە ھۇجۇم قىلماسلىق كېرەك . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەلۇم ئاجىزلىق تەرەپلىرى بولىدۇ . سىزنىڭ جۆرىڭىز ھەرگىز سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس ، شۇنداق ئىكەن ، سىز ئۇنىڭ ئاجىزلىق...

  • ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ

    ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ئادەم ئاچچىقلانغاندا ،بۆرەك ئاستى بېزى ھورمۇنىنىڭ ئاجىرلىشى كۈچۈيىپ ،نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك رىتىمىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامىرىكا يۈرەك كېسەلىكى مۇتەخەسىسى دوختۇر ۋېيج...

  • سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق

    سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق گىرمانىيىدە چىقىدىغان ئىلىم -پەن ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشچە دائىم سۆيۈشۈپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق بۇلۇپ ئادەم بەدىنى قىزغىن ھىسياتلىق سۆيۈشۈش سىگىنالىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن چوڭ مىڭدىكى بەخى...

  • ئاياللار ھەققىدە

    ئاياللارھەققىدە 1.ئىنسانلارنىڭبەخت-سائادىتىخوتۇنلارئالدىدىدۇر.2.بىرخوتۇنن...

  • مۇﻫەبىىتىمىز مەڭگۈ داۋاملاشسۇن

    ﻫېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۈرگەن قىزىم يەنى ﻫازىرقى ئايالىم مەندىن: سىز مىنى ﻫەقىقىي ياخشى كۆرەمسىز؟ مېنى مەڭگۈ مۇشۇنداق سۆيەمسىز ياكى باشقا ئەرلەردەك تويدىن كېيىن ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالارسىزمۇ؟! دەپ سورىغانىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ...

  • تۇرمۇشىڭىزغا باشقىلار چېپىلۋالمىسۇن ....!

    ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ئىككەيلەنىڭ قانۇنى نىكاھلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ ،ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەر- ئايالنىڭ خۇسۇسىي ئىشىدۇر. شۇڭا ئەر- ئاياللارنىڭ تۇرمىشىغا زۆرۈر تېپىلغاندا ئارلىشىش، بولۇپمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئەمەس ئەرزىمەس ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئارلىشىپ...

  • ئاياللارنىڭ نازاكىتى

    ئاياللارنىڭ نازاكىتى ئاياللاردىكى يۈرۈش،تۇرۇش ،كىيىنىش نازاكىتى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىراتىنى ئىپادىلەيدۇ.ئاياللاردىكى گەپ-سۆز نازاكىتى ئۇلارنىڭ ساپاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئائىلىدەۋەياكى سورۇنلاردا بىلەرمەنلىك قىلدىغان ،باشقىلانىڭ سۆزىنى تا...

  • ئەرلەر كەينىدىكى ئاياللار

    يوللىغۇچى ؛ نازاكەت جەمئىيەت ئۆزگەردىمۇ ياكى ئەرلەر ئۆزگەردىمۇ؟ئىشقىلىپ،ھازىر بىر قىسىم ئەرلەر دائىم ئايالىنىڭ بارغانسېرى سارغايغان چىرايىدىن،يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان ناز كەرەشمىسىدىن زارلىنىدۇ؛ئايالىنى تولا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى دەپ ئاغرىنىدۇ؛ئۇنىڭ پىشانىسىدى...