ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەرگەندە ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى خىزمەتلەرنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاممىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 1 مىليارد 230 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ ، ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان 1 مىليون 500 مىڭ ئاممىغا ياردەم بەردى .
مۇخبىرنىڭ 23-ئىيۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى مەسئۇللىرى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا يەر تەۋرەش ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ، قار ، بوران ، كەلكۈن ، تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشتەك تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ يۈز بەرگەن .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىگىلىنىشىچە ، ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ، 24 سائەت ئىچىدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىشى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالار ياردىمى ھەمدە ھەر تۈرلۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغان .
ئىز تورى www.iz.la
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى ئىز تورى www.iz.la
