app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم پتېروزاۋر تاشقاتمىسى توپى بايقالدى

ۋاقتى:2014-06-06 12:04مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
 
قومۇلدىن بايقالغان پتېروزاۋرنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن سۈرىتى
 
شىنجاڭ قومۇلدا بايقالغان ئۈچ ئۆلچەملىك ھالەتتە ساقلانغان پتېروزاۋر تۇخۇمى 

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە پالېئوئانتروپولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ شياۋلىن باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ قومۇل ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى 10 يىلغا يېقىن دالىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، قومۇل ۋىلايىتىدىن بور دەۋرىدىكى يېڭى بىر پتېروزاۋر توپىنى بايقىدى. پتېروزاۋر تاشقاتمىسى تارقالغان بۇ رايون دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ، پتېروزاۋر تاشقاتمىسى ئەڭ كۆپ توپلانغان جاي ، شۇنداقلا نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئۈچ ئۆلچەم بويىچە ساقلانغان بىردىنبىر پتېروزاۋر تاشقاتمىسى خارابىلىكىدۇر. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

    ۋاڭ شياۋلىن بىلەن بىرازىلىيە دۆلەتلىك مۇزېيىدىكى AlexanderKellner  قاتارلىق قەدىمىي جانلىقلار تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى تەتقىقاتچىلاردىن تەشكىللەنگەن خەلقئارا ھەمكارلىق تەتقىقات ئۆمىكى بۇ زور بايقاش نەتىجىسىنى بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئىيۇن خەلقئارادىكى داڭلىق قەرەللىك ژۇرنال ‹‹ زامانىۋى جانلىقلار ئىلمى ›› نىڭ تور نەشىرى ۋە باسما نەشىرىنىڭ مۇقاۋىسىدا ئېلان قىلدى . خەلقئارا قەدىمىي جانلىقلار ئىلمى ساھەسى بۇ بايقاش ۋە تەتقىقاتقا يۈكسەك باھا بەردى ھەمدە ‹‹ بۇ پتېروزاۋر تەتقىقاتىدا 200 يىلدىن بۇيان ئادەمنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان بايقاشلارنىڭ بىرى ، بۇ ناھايىتى زور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ›› دەپ قارىدى .  

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ياخشىكەن
(6)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس