ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-ئىيۇن تېلېگراممىسى : 11-ئىيۇن سائەت 15:00 ئەتراپىدا ، شىنجاڭ كورلا شەھىرى كۆنچى دەرياسى تەرەپتىن بىر ئايالنىڭ ‹‹ قۇتقۇزۇڭلار ! ›› دەپ ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بايىنغولىن موڭغۇل ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ساقچىسى پەن يىفەن ۋە كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش مۇداپىئە چوڭ ئەترىتىدىكى ۋاڭ خەنلۇڭ ، ياردەمچى ساقچى ۋاڭ جيې ، قۇربان تۇرغۇن ۋە شىرئەلى ھېبى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دەرياغا سەكرەپ ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بىر ئەر ، بىر ئايالنى قۇتقۇزۇۋالدى . قۇتقۇزۇش جەريانىدا كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش مۇداپىئە چوڭ ئەترىتى 1–ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچى ياردەمچىسى ، 24 ياشلىق شىرئەلى ھېبى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولۇپ ، باشقىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلدى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شەھەر ئاھالىسى ۋېن شۆجۈن ئادەم قۇتقۇزۇش جەريانىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى : ‹‹ سائەت 15:00 لەردە ، قۇتقۇزۇڭلار ، دەپ ۋاقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قارىسام ، ئىككى كىشى سۇدا ئېقىپ كېتىۋېتىپتۇ ، شۇ ئەسنادا ئۇچىسىغا ساقچى فورمىسى كىيگەن ئىككى كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ سۇغا سەكرىدى .كەينىدىنلا يەنە بىر نەچچە ساقچى سۇغا سەكرەپ ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىككى كىشىنى قىرغاققا ئېلىپ چىقتى ، ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىسى ، ساياھەتچىلەرمۇ قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى ، ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈش تولىمۇ تەسىرلىك ›› . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىككى كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى ، نەق مەيداندىكى ساقچىلار شۇ چاغدىلا قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان بىر سەپدىشىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدى . كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش مۇداپىئە چوڭ ئەترىتى 1–ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ ساقچى ياردەمچىسى شىرئەلى ھېبى شۇ سۇغا سەكرىگىنىچە قايتا يېنىپ چىقمىغانىدى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئادەم قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ساقچى رېھىمجان يۇنۇس مۇنداق دېدى : ‹‹ سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئىككى مېتىردىن ئاشىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېرىپ ھالىمىزدىن كەتتۇق ، ئىككى كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىققاندىن كېيىن ، سەپدىشىمىز شىرئەلى ھېبىنىڭ يوقلۇقىنى بايقاپ ئۇنى ئىزدىدۇق ››. ئىز تورى www.iz.la
مۇناسىۋەتلىك خادىملار كاتېرغا ئولتۇرۇپ ، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا تەكرار ئىزدىدى . ئەمما سۇ چوڭقۇر بولغاچقا ئىزدەش ئىنتايىن قىيىنغا چۈشتى ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار كۆنچى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇ توسمىسىنى ئەتكۈزدى ھەم ئاپتاپپەرەس كۆۋرۈكىنىڭ يېنىدىكى توسمىنى ئېچىپ سۇنى قويۇۋەتتى ، ئىككى سائەتتىن كېيىن سۇ ئورنى 60 ~ 70 سانتىمېتىرغا تۆۋەنلىگەندە ، 30 نەچچە ساقچى سۇغا چۈشۈپ ، قاتار تىزىلىپ ، شىرئەلى ھېبى يوقاپ كەتتى دەپ پەرەز قىلغان دائىرىنى ئىزدىدى ، شۇ چاغدا قىرغاقتىكى سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇغا چۈشۈپ ئىزدەشكە ياردەملەشتى ، سائەت 18:17 دە ساقچىلار شىرئەلى ھېبىنىڭ جەسىتىنى تاپتى .
www.iz.la
شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ، مۇداپىئە چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ تاۋ مۇنداق دېدى : شىرئەلى ھېبىنىڭ خىزمەتكە قاتناشقان تۆت يىلدىن بۇيان خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ چىقىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس ، بىز مۇشۇنداق سەپدىشىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز .
سائەت 18:30 دا ، ساقچىلار كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا شىرئەلى ھېبىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ كۆنچى دەرياسى قىرغىقىدىن ئايرىلدى . نەق مەيداندىكى كىشىلەرمۇ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا : شىرئەلى ھېبى ھەقىقىي قەھرىمان ، دېيىشتى . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ساقچىلارنىڭ دەسلەپكى ئىگىلىشىگە قارىغاندا ، قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئەرنىڭ فامىلىسى ساۋ ئىكەن ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايال ئۇنىڭ دوستى بولۇپ ، ئۇلار دەريا بويىدا سەيلە قىلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن .
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئىز تورى بەك ياخشى
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
